بۇ مەسىلىدە پەقەت يامان كۆرۈلگەن ئىشلارغىلا ئەمەس بەلكى چوڭ گۇناھلار بولسىمۇ مەزكۇر كىشى دىننى چۈشۈنۈپ بولغىچە سەبىر قىلىش كېرەك بولىدۇ. مەسىلەن: ئىنسان تۈرلۈك گۇناھ-مەسىيەت قىلىدىغان بولسا، ئۇ كىشىگە تەربىيە قىلىشتا ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم بولغاندىن باشلايمىز: مىسالغا ئالساق: بىر ئادەم ناماز ئوقۇمايدىكەن، ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىدىكەن، ھاراق ئىچىدىكەن ۋە باشقا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە نەسىھەت قىلغاندا ئالدى بىلەن نامازدىن باشلايمىز، نامازنىڭ ھۆكمى، پەزىلىتى، ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنى شۇنداقلا نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى قاتارلىق نامازغا ئالاقىدار بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرىمىز. ئەگەر ئۇ كىشى نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ نامازنى ئادا قىلىشقا باشلىسا ئاندىن يەنە بىر مۇنكەردىن قول ئۈزۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. ئەگەر نەسىھەت قىلغۇچى ئۇ كىشىدە بار بولغان ھەممە خاتالىق، سەھۋەنلىكلەرنى بىراقلا بايان قىلىپ تۈزۈتۈش بېرىش ئۇنىڭغا سەلبىي تەسىر بەرمەيدۇ دەپ قارىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھتىن ئۇنىڭغا ھىدايەت ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭبارلىق خاتالىقلىرىنى تولۇق بايان قىلىپ تۈزۈتۈش بەرسە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:فَاتَّقُوا اللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْتەرجىمىسى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.[سۈرە تەغابۇن16-ئايەت].
ئەينى زاماندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلغاندا ئالدى بىلەن ئۇلارنى پەقەت بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە دەۋەت قىلغان، شۇنداقلا شېرىكتىن تۆۋەن بولغان گۇناھلارنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتكەن.