يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

شىركەت خېرىدارغا ماشىنىنى ياكى زېمىننى ئاخىرىدا سېتىپ بېرىپ ئىگە قىلىش توختامى بىلەن ئىجارىگە بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   تۇنىستا مالنى ئىجارىگە بېرىش شېركىتى دەپ ئاتىلىدىغان شىركەتلەر كەڭ تارقالدى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى، خېرىدار سېتىۋېلىشنى  مەقسەت قىلغان ماشىنا، زېمىن قاتارلىق نەرسىلەرنى شىركەت نامىدىن سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى ئىككى تەرەپ ئىلگىرى ئىتتىپاق كەلگەن مەبلەغقە مەلۇم ۋاقىتقىچە ئىجارىگە بېرىدۇ، ئاخىرى ئۇنى شۇ كىشىگە سېتىپ بېرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، بىلىشىمچە ئۇنىڭغا پايدا قوشىدۇ، ئىجارىگە ئالغۇچى قولى بىلەن مال تاپشۇرمايدۇ، بەلكى مالنى شىركەت ئۆز نامىغا سېتىۋالىدۇ، بۇنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ئىككى تەرەپ ئىتتىپاق كەلگەن پۇلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى تولۇق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سېتىۋالغۇچىغا يۆتكىلىدۇ، بۇ شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش ھالال بولامدۇ ياكى بۇمۇ ئۆسۈمنىڭ دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىزنىڭ سوئالدا زىكىر قىلغىنىڭىز" ئىگە بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدىغان ئىجارە توختىمى" دائىرىسىگە كېرىدۇ، بۇنىڭ دۇرۇس بولىدىغان شەكلىمۇ بار، ھارام بولىدىغان شەكلىمۇ بار.

    ئەگەر شىركەت خېرىدارغا مەلۇم مۇددەتكىچە ماشىنا ئىجارىگە قويىدىغان، ئاندىن يېڭىدىن توختام قىلماستىنلا ماشىنىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى خېرىدارغا يۆتكىلىدىغان بولسا، ئىجارە مۇددەتنىڭ ئاخىرىدا بىۋاستە سودىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇ شەكىلدە ھارام بولىدۇ.

    شۇنىڭدەك، شىركەت خېرىدار بىلەن ئىجارە توختامىنى تامام قىلىپ بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىلا سودا توختامىنى قىلسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بىر تاۋاردا بىر ۋاقىتتا بىر-بىرىگە زىت بولغان ئىككى توختام جۇغلاشمايدۇ.

     ئەمما توغرا بولغان شەكىللىرىدىن: ئىجارە توختامىغا جۇغلاپ سېتىپ بېرىش ۋەدە قىلىنىدۇ، ئاندىن ئىجارە توختامى ئاخىرلاشقاندا، ئىككى تەرەپ كېلىشكەن باھا بويۇنچە سودا توختامى قىلىدۇ، بۇ شەكىلدە دۇرۇس بولىدۇ.

    -ئىجارە توختامى بىلەن بىرگە ئىجارىگە بەرگەن نەرسىنى ھەدىيە قىلىش توختامىنى تۈزۈش، بۇنى ھەدىيە قىلىشنى ئىجارىنى كامىل ئادا قىلىشقا ئالاقىدار قىلىش ياكى ئىجارىنى كامىل ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەدىيە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىنى جۈپلەش، بۇنداق قىلىش توغرا بولىدۇ.

دۇرۇس بولغان شەكىللەرنىڭ ھەممىسىدە ئىجارە ھەقىقى بولۇش، سېتىشنى يوشۇرىدىغان بولماسلىق شەرت قىلىنىدۇ، ئىجارىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ -ماشىنا بولسۇن ياكى زېمىن بولسۇن-كاپالىتى ئىجارە بەرگۈچى شىركەتكە بولىدۇ، ئىجارە ئالغۇچىغا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇنى ئوڭشاش ۋە رىمونت قىلىش چېقىملىرىمۇ ئىجارە مۇددىتى داۋام قىلغان ھالەتتە، ئىجارىگە ئالغۇچىغا بولمايدۇ شىركەتكە -ئىجارە بەرگۈچىگە- بولىدۇ، بۇ سودىنىڭ ئەكسى بىلەن بولىدۇ، سودىدا كاپالەتلىك قىلىش، رىمونت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى سېتىۋالغۇچىغا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى توختام قىلىش بىلەن تاۋارغا ئىگە بولغان بولىدۇ. 

    "كۇۋەيت پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيەسى 286/1 دە مۇنداق كەلگەن: " ئىجارە بېرىلگەن نەرسىنىڭ رىمونت قىلىش چىقىمىنى ئىجارىگە ئالغۇچى ئۆتىشى شەرت قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىجارە ھەققىنى ئىنىقسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ، مۇشۇ شەرت تېپىلسا بارلىق مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ئىجارە بۇزۇلىدۇ".

    "ئىسلام پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيەسى" "ئىگە بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدىغان ئىجارە توختىمى" توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، بۇنىڭ توغرا بولغان ۋە چەكلەنگەن سۈرەتلىرىنى بايان قىلدى، بىز ئۇنى 97625- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا زىكىر قىلدۇق.

    ئەگەر شىركەت ئالدىدىن بېرىلگەن پۇلنى ئىجارىدىن تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى شەرت قىلغان بولسا خاتا بولمايدۇ، لېكىن شېركەتنىڭ ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە مۇددىتىنى تاماملىمىغان ھالەتتە دەسلەپتە بەرگەن پۇلدىن ئىجارە ھەققىنى تۇتۇپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ لېكىن ئىجارە ئالغۇچى بىلەن قالغان مۇددەتنى ھېسابلاپ تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.

بىزنىڭ مەسلىھەتىمىز: شېركەتنىڭ ئىجارە توختامىدىن بىر نۇسخا ئېلىپ ئۇنى بۇ تۈردە يېتىشكەن ئالىملارغا كۆرسۈتۈپ شۇ بويۇنچە ئىش قىلىڭلار. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى