سەيشەنبە 2 شەۋۋال 1446 - 1 ئاپرىل 2025
Uygur

نىپاسدار ئايالنىڭ قاچان يۇيىنىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئايالىم بىر ھەپتە بۇرۇن تۇغدى، ئۇنىڭ يۇيىنىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشتى، مەن ئۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشنى سورايمەن، بۇ يەردىكى ئادەت، ئايال كىشى تۇغۇپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن يۇيۇنىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ بۇنىڭ شەرىئەت بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئايال تۇغسا تۇغۇت سەۋەبىدىن چىققان قان نىپاس دەپ ئاتىلىدۇ، ئايال"نىپاسدار" دەپ ئاتىلىدۇ، ئايال نىپاسدار بولغاندىن باشلاپ  نىپاستىن پاك بولغانغا قەدەر ياكى نىپاس كۈنلىرى تۈگىگەنگە قەدەر ناماز ئادا قىلمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ، نىپاس مۇددىتى قىرىق كۈن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ پاكىز بولىدۇ.

ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن، تابىئىنلاردىن ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئالىملاردىن بولغان ئىلىم ئىگىلىرى: نىپاسدار ئايال قىرىق كۈنگىچە پاك بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا يەنى قىرىق كۈن ئىچىدە ناماز ئادا قىلمايدۇ، قىرىق كۈندىن كېيىن يۇيۇنۇپ نامازنى ئادا قىلىدۇ، قىرىق كۈندىن كېيىن يەنە قان كەلسە، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە نامازنى تەرك قىلمايدۇ. بۇ سۇپيان سەۋرىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىمام شاپىئىي، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىسھاق قاتارلىق كۆپچىلىك پىقھى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ["سۈنەن تىرمىزى" 1-توم 256-بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالملىرى مۇنداق دەيدۇ: "نىپاسدار ئايال قىرىق كۈن تامام بولۇشتىن ئىلگىرى پاك بولسا، يۇيۇنۇپ نامازنى ئادا قىلىدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولسا بولىدۇ، ئەگەر قىرىق كۈندىن كېيىنمۇ يەنە قان كەلسە، ئۇ ئايال پاكىزنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، چۈنكى قىرىق كۈن دېگەن ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا نىپاس مۇددىتىنىڭ ئاخىرىدۇر، قىرىق كۈندىن كېيىن كەلگەن قان، بۇزۇق قان بولۇپ، ئۇ خۇن كېسىلىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، لېكىن قىرىق كۈندىن كېيىنكى قان ئۇ ئايالنىڭ ئادەت كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغان بولسا، بۇ ھەيزنىڭ قېنى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايال ناماز ئادا قىلمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ ۋە يولدىشى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ". ["دائىمى كومىتېت پەتىۋاسى" 5-توم 417-بەت].

بۇنىڭدىن نىپاسدار ئاياللارنىڭ يۇيۇنىشى نىپاس قېنىدىن پاك بولغاندىن كېيىن بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەمما بەزى يۇرتلاردا نىپاسدار ئاياللار تۇغۇپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن يۇيىنىدىغان بولسا، بۇ پەقەت ئۇ ئايالنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە پاكىزلىقى ئۈچۈندۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن يۇيۇنسا بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا ناماز، روزا ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قاتارلىق شەرئى ھۆكۈملەر بېرىلمەيدۇ، نىپاسدار ئايال نىپاس قېنىدىن پاك بولمىغۇچە ناماز ئادا قىلمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ ۋە جىنسى مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ، ئەمما يۇيۇنسا بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى