سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ نامىزىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن ناماز ئوقۇغاندەك ياكى مېنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار» دېگەن ھەدىسىنىڭ مەزمۇنىدىن ئەر بىلەن ئايالنىڭ نامىزىنىڭ ئارىسىدا قىيامدا بولسۇن ياكى ئولتۇرۇشتا بولسۇن ياكى رۇكۇ-سەجدە قىلىشتا بولسۇن ھېچ پەرق يوق ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. مەن بالاغەتكە يەتكەندىن بىرى شۇنداق ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. لېكىن بىزنىڭ يۇرتىمىزدا بەزى ئاياللار مەن بىلەن مۇنازىرىلىشىپ: سىزنىڭ ئوقۇغان نامىزىڭىز توغرا ئەمەس، چۈنكى سىز ئەرلەرگە ئوخشاش ناماز ئوقۇيسىز دەپ ئۆز قاراشلىرى بويىچە ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ نامىزى ئارىسىدىكى پەرقلەرنى زىكىر قىلدى، يەنى ئاياللارنىڭ قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىدە قويۇشى ياكى ئىككى تەرەپكە تاشلاپ تۇرۇشى، رۇكۇ قىلغاندا ئۇچىسىنى تۈز تۇتۇشى قاتارلىق مەن قانائەت قىلمايدىغان بەزى ئىشلارنى سۆزلىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن نامازنى ئادا قىلىشتا، ئەر-ئاياللارنىڭ نامىزىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.     

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    توغرا قاراشتا ئەر بىلەن ئايالنىڭ نامىزىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، پىقھى ئالىملىرى ئۇلارنىڭ نامىزى ئارىسىدىكى بەزى پەرقلەرنى زىكىر قىلغان بولسىمۇ، مەزكۇر پەرقلەرنىڭ ئوچۇق دەلىلى يوق. يۇقىرىقى ھەدىس ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن ناماز ئوقۇغاندەك ياكى مېنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار» دېگەن ھەدىسى بولۇپ، بۇ ھەدىس ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلام پرىنسىپى ئەر-ئايال ھەممىگە ئومۇم بولىدۇ، ئەر ياكى ئاياللارغا خاس بولغان مەسىلىلەردە ئايرىم دەلىل بايان قىلىنىدۇ، سۈننەت بويىچە ئاياللارمۇ نامازدا رۇكۇ، سەجدە، قىرائەت، قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىدە قويۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئەرلەرگە ئوخشاش ئوقۇيدۇ، بۇنداق ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. شۇنىڭدەك رۇكۇ قىلغاندا ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇش، سەجدە قىلغاندا ئىككى قولىنى ئىككى دولىسى ياكى ئىككى قۇلىقىنىڭ باراۋېرىدە قويۇش، رۇكۇ قىلغاندا، ئۇچىسىنى تۈز قىلىش، رۇكۇدا، سەجدىدە ئوقۇيدىغان زىكىرلەر، رۇكۇدىن ۋە بىرىنچى سەجدىدىن تۇرغاندا ئوقۇيدىغان زىكىرلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن ناماز ئوقۇغاندەك ياكى مېنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار» دېگەن ھەدىسى بويىچە ئەر-ئاياللارغا ئوخشاشتۇر.

    ئەزان ۋە تەكبىر نامازنىڭ سىرتىدىكى ئەمەللەر بولۇپ، ئەزان بىلەن تەكبىر ئەرلەرگە خاس، بۇ توغرىدا دەلىل بايان قىلىنغان بولۇپ، ئەرلەر ئەزان ئېيتىپ تەكبىر بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ. ئەمما ئاياللار ئەزان-تەكبىر ئېيتمايدۇ. ئاشكارا ئوقۇيدىغان نامازلاردا، ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش بامدات، شام-خۇپتەننىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئىتىنى ئاۋازنى چىقىرىپ ئۈنلۈك ئوقۇسا بولىدۇ".

[پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى"2 -توم 799-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى