پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايال زىننەتلىنىش ئۈچۈن چېچىنى كەسسە توغرا بولىدۇ ۋە گۇناھ بولمايدۇ

سۇئال

مەن ئىسلام ئەھكامىغا تەتبىقلىغاندا ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىشى توغرا بولمايدۇ دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلىدىم، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشۈنۈشنى خالايمەن، مېنىڭ قارىشىمچە، ئايال دېگەن مەلۇم مۇددەت ئارىسىدا چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ياساشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ مەسىلىنى تەپسىلى، ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىشكە بولامدۇ؟، مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ئايال ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە چېچىنى ئۇزۇن قىلىشى كېرەك بولىدىكەن، ئۇنى قىسقارتىش ياكى ئالدۇرىۋېتىش توغرا بولمايدىكەن، چۈنكى ئۇ چاچ قىيامەت كۈنى ھەممە كىشىلەر يالىڭاچ توپلانغاندا ئۇ ئايالغا پەردە بولىدىكەن، بۇ توغرىمۇ؟ بۇنىڭ دەلىلى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: تۆۋەندىكى ھالەتلەردە ئايالنىڭ بېشىنىڭ چېچىنى كېسىشنى ئۆلىمالار ھارام دەپ قارىغان:

  1-يات ئەرلەرگە يالاڭ باش كۆرۈنىدىغان بولسا.

  2 - چېچىنى كېسىش بىلەن كاپىر ياكى پاسىق ئاياللارغا ئوخشاش بولۇشنى مەقسەت قىلسا.

   3-ئەرلەرنىڭ چاچ پاسونغا ئوخشاش كەستۈرگەن بولسا. 

   4-ھازىرقى بەزى ساتىراشخانىلاردا يۈز بېرىۋاتقاندەك، يات ئەرلەرگە كەستۈرىدىغان بولسا.

   5-ئېرىنىڭ رۇختىسىز بولسا، بۇنداق ھالەتلەردە چاچنى قىسقارتىش كەسكىن ھارام بولىدۇ، ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ئاشكارا بىلىنىپ تۇرىدۇ.

    ئىككىنچى: ئايالنىڭ چېچىنى كېسىشتىكى مەقسىتى ئېرىگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ، يېقىنلىشىش مەقسىتىدە بولسا ياكى ئۇزۇن چاچقا كۆڭۈل بۆلۈش قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللەشتۈرۈش ۋە مۇشەققەتنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا ياكى بۇنىڭدىن باشقا ئەقىلگە ئۇيغۇن، دۇرۇس بولغان مەقسەتلەر بىلەن قىسقارتقان بولسا ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا ئاساسەن بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئادەتتە دۇرۇس ئىش بولۇپ بۇنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دەلىل بايان قىلىنغۇچە ئەسلى دۇرۇسلۇق ھالىتىدە قالىدۇ، ئىسلام شەرىئىتىدە ئاياللارنىڭ چېچىنى قىسقارتىشتىن چەكلەيدىغانغا دەلىل يوق، بەلكى ئۇنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىللەر بايان قىلىنغان، بۇ ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇرەھمان رەھىمەھۇللاھدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى بېشىنىڭ چېچىنى دولىسىغىچە ياكى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغىچە قىسقارتاتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى 320-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ئاياللارنىڭ چېچىنى قىسقارتىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ". ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى"4-توم 5-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاياللارنىڭ بېشىنىڭ چېچىنى قىسقارتىشنى بەزى ئۆلىمالار ياقتۇرمىغان، بەزى ئۆلىمالار ھارام دېگەن، بەزى ئۆلىمالار دۇرۇس دېگەن. ئىشتا ئىختىلاپ بولىدىكەن چوقۇم قۇرئان-ھەدىسكە مۇراجىئەت قىلىش كېرەك، مەن مۇشۇ ۋاقىتقىچىلىك ئايال بېشىنىڭ چېچىنى قىسقارتسا ھارام بولىدۇ دېگەنلىك توغرىسىدا بىر دەلىل بىلمەيمەن. شۇنىڭغا ئاساسەن: ئەسلىدە ئايالنىڭ بېشىنىڭ چېچىنى كېسىش دۇرۇس، ئادەت بۇنىڭغا ئەگىشىدۇ، ئىلگىرىكى ئاياللار بېشىنىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇن بولىشىغا رىغبەتلىنەتتى، بېشىنىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن پەخىرلىنەتتى، ئۇلار شەرئى ياكى زۆرۈر ھاجەت بولمىسا بېشىنىڭ چېچىنى قىسقارتمايتتى، ھازىر ئەھۋال ئۆزگەردى، ئايالنىڭ بېشىنىڭ چېچىنى قىسقارتىش دېگەن قاراش ئاجىز بۇنىڭ ھېچ يولى يوق، ياخشى كۆرەلمەيدۇ دېگەن قاراشمۇ دەلىلىگە قاراپ ئويلىنىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، دۇرۇس دېگەن قاراش ئۇسۇل-قائىدىگە ئەڭ يېقىن. ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا مۇنداق رىۋايەت قىلغان: ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن چاچلىرىنى قىسقارتىپ دولىسىغىچە ياكى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغىچە قوياتتى.

    لېكىن ئايال بېشىنىڭ چېچىنى بەك قىسقارتىپ ئەر كىشىنىڭ بېشىنىڭ چېچىغا ئوخشاش قىلىۋالسا، بۇ كەسكىن ھارام بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللاردىن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغانلارغا لەنەت قىلغان.

    شۇنىڭدەك بېشىنىڭ چېچىنى كاپىر، بۇزۇق ئاياللارنىڭ چېچىغا ئوخشاش قىسقارتىپ ياسىتىۋالسا بۇمۇ ھارام بولىدۇ، چۈنكى كىمكى ئىسلامدىنىدىكىدىن باشقا بىر قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ شۇلاردىن بولىدۇ.

ئەمما چېچىنى ئەرلەرنىڭكىگىمۇ ئوخشىمايدىغان، بۇزۇق كاپىر ئاياللارنىڭ چېچىغىمۇ ئوخشىمايدىغان شەكىلدە قىسقارتىپ ياساتقان بولسا ھېچ گەپ بولمايدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى"336 نۇمۇرلۇق لىنتا]. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 1192- 13248- 13744 نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئۈچىنچى: ئايالنىڭ بېشىنىڭ چېچى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن پەردە بولىدۇ دېگەن سۆزگە كەلسەك، سۈننەت ۋە ئەسەرلەردىن، ئىلىم ئەھلىنىڭ قاراشلىرىدىن بۇنى بىلدۈرىدىغان بىر دەلىل تېپىلمايدۇ، بۇنداق سۆزنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتىن ۋە شەرىئەتتە بېكىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن ئىلگىرى توغرا دەپ قاراش ۋە باشقىلارغا نەقىل قېلىشتىن ئاگاھ بولۇش لازىمدۇر.

     ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى