سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

قىز-خانىملارنىڭ چاچلىرىنى كېسىشى ۋە يۈزىدىكى تۈكلەرنى ئېلىشى توغرىسىدا

سۇئال

  مۇسۇلمان ئاياللار توغرىسىدا ماقالە يازاتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئايالنىڭ چېچىغا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى بىلىشنى خالايمەن، مۇسۇلمان ئايال چېچىنى دولىسىدا قويۇپ قالغىنىنى كېسىۋەتسە توغرا بولامدۇ؟، يۈزىگە ئۈنگەن تۈكلەرنى قانداق قىلىدۇ، ئۇنى ئېلىۋېتىش ھارام بولامدۇ؟، مېنىڭ بۇ سوئالىمغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ۋە ماڭا دۇئا قىلىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ ئىمانىڭىزنى زىيادە قىلىشنى ۋە دىلىڭىزنى ئوچۇق قىلىشنى سورايمىز. سىزنىڭ سوئالىڭىز تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:

    بىرىنچى مەسىلە : چاچنى كېسىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئايالنىڭ چېچىنى كېسىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا بىر چەكلىمە بارلىقىنى بىلمەيمىز، سەۋەبسىز چېچىنىڭ ھەممىسىنى ئالدۈرىۋېتىش چەكلەنگەن، لېكىن چاچ كۆپ بولسا ياكى ئۇزۇن بولسا ئۇنى كېسىۋەتسە خاتالىق بولمايدۇ، لېكىن سىز ۋە يولدىشىڭىز رازى بولىدىغان گۈزەل شەكىلدە بولىشى كېرەك، چاچنى كېسىشتە ئېرىڭىز بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، كاپىر ئاياللارغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە كەستۈرۈش لازىم، چۈنكى چاچ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ يۇيۇش ۋە تاراشتا قىينچىلىق بولۇپ قالىدۇ، چاچ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئۇزۇنلۇقىنى قىسقارتىپ، ئەتراپىنى كەسسە بولىدۇ، بەزى چاچلارنى كەسسە ئايالمۇ ۋە ئۇنىڭ ئېرىمۇ رازى بولىدىغان بىر گۈزەللىك بولىدۇ، ئايالنىڭ چېچىنى كېسەللىك ياكى باشقا بىر يوللۇق سەۋەپ بولمىغاندا پۈتۈن ئالدۇرۋېتىشتىن چەكلىگەندىن باشقا  ۋاقىتتا قىسقارتسا دۇرۇس بولىدۇ.

   ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. "مۇسۇلمان ئايالغا ئالاقىدار پەتىۋالار"2-توم 515 -بەت].

    ئەبۇ سەلەمە بىن ئابدۇراھماندىن بايان قىلىنغان ئەسەردە:  «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى چاچلىرىنى كېسىپ قۇلاقلىرىنىڭ باراۋېرىدە قوياتتى» دېگەن. "سەھىھ مۇسلىم" ھەيز بۆلىمى" 320 -ھەدىس].

     ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس ئاياللارنىڭ چېچىنى قىسقارتىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  لېكىن مۇسۇلمان ئاياللار چېچىنى قىسقارتقاندا كاپىر ياكى بۇزۇق ئاياللارغا ئوخشاپ قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

   شەيخ سالىھ پەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "ئايالنىڭ چېچىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئۇزۇن قىلىپ كەينى تەرىپىدىن قىسقارتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىدىن ئىبارەت بولغان چېچى بىلەن ئوينىشىپ سەت قىلىۋەتكەنلىك، كاپىر ئاياللارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك، چېچىنى كاپىر ئاياللارنىڭ ئىسمى ياكى ھايۋانلارنىڭ ئىسمىغا كۆرە خىلمۇ-خىل شەكىلدە كەستۈرۈش توغرا بولمايدۇ، مەسىلەن:  ديانا شەكلىدە-بۇ كاپىر ئايالنىڭ ئىسمى- يولۋاس شەكلىدە ياكى ساچقان شەكلىدە دېگەندەك، كاپىر ئاياللارغا ۋە ھايۋانلارغا ئوخشىۋېلىش ھارامدۇر. ئۇنىڭدا يەنە ئايالنىڭ گۈزەللىكىدىن ئىبارەت بولغان چېچى بىلەن ئوينىشىش بولىدۇ".    ["مۇسۇلمان ئاياللارغا ئالاقىدار پەتىۋالار"  2 -توم 516-517 -بەتلەر].

    ئىككىنچى مەسىلە:  ئايالنىڭ يۈزىنىڭ تۈكىنى ئېلىشى. شەيخ مۇھەممەد سالىھ بىن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئاياللارنىڭ چېچىدىن باشقا ئورۇنلىرىغا ئۈنگەن تۈكلەر بولسا، بۇرۇت ئۈنگەن بولسا ياكى مەڭزىگە تۈك چىققان بولسا، بۇنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ، چۈنكى ئادەتتە ئايالغا بۇرۇت چىقمايدۇ، بۇ ئايالنىڭ چىرايىنى سەت كۆرسىتىدۇ".  ["مۇسۇلمان ئاياللارغا ئالاقىدار پەتىۋالار"  2 -توم 536-537-بەتلەر].

     دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: ئايالنىڭ يۈزىدىكى تۈكلەرنى ئېلىۋېتىش توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئايال يۈزىنىڭ تۈكلىرىنى، بۇرۇتىنى، ئىككى يوتىسى، ئېككى پاچىقى ۋە ئىككى بېلىكىنىڭ تۈكلىرىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ، بۇ چەكلەنگەن ئىشلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. " پەتىۋادا: ئابدۇلئەزىز بىن باز، ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، ئابدۇللاھ غۇدەييان، ئابدۇللاھ بىن قەئۇد قاتارلىقلار". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  5 -توم 194 195 -بەتلەر].

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: ئايال بەدىنىنىڭ تۈكلىرىنى ئالسا بولامدۇ؟، ئەگەر دۇرۇس بولسا ئۇنى كىم ئېلىپ قويسا توغرا بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "قېشى بىلەن بېشىنىڭ تۈكىدىن باشقا ھەممە ئورۇننىڭ تۈكىنى ئالسا بولىدۇ، قېشى بىلەن چېچىنى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان تۈكلەرنى پۈتۈنلەي ئالمايدۇ، ئۇنى ئۆزى ئالسىمۇ بولىدۇ ياكى ئېرى ياكى ئۇنىڭ بەدىنىگە قارىسا بولىدىغان مەھرەم ئاياللار  ياكى مەھرەم بولمىسىمۇ ئۇنىڭ بەدىنىگە قارىشى دۇرۇس بولىدىغان ئايالدىن بىرسى ئېلىپ قويسا بولىدۇ ". پەتىۋادا: ئابدۇلئەزىز بىن باز، ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، ئابدۇللاھ غۇدەييان، ئابدۇللاھ بىن قەئۇد قاتارلىقلار".   [" دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  5 -توم 194 -بەت].

    ئايالنىڭ ئالدى-ئارقا ئەۋرىتى ۋە ئىككى يوتىسىنىڭ تۈكىنى مەھرىمى بولسۇن ياكى باشقا بىر ئايال بولسۇن ئالسا بولمايدۇ، ئۇ ئورۇنلارغا باشقىلارنىڭ قارىشى توغرا بولمايدۇ.

     ئىككى قېشىنىڭ تۈكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى قانداق نەرسە بىلەن ئالسا يەنى چۈشۈرىۋەتسۇن، قىسقارتسۇن ياكى تۈكنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى  چۈشۈرىدىغان ماددا ئىشلەتسۇن ئوخشاشلا ھارامدۇر. چۈنكى بۇنداق قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام لەنەت ئېيتقان تۈك يۇلۇشنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ. بۇ يەنە شەيتاننىڭ ئادەم ئەۋلادلىرىنى بۇيرۇشقا ۋەدە قىلغان ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ. 

   ["مۇسۇلمان ئاياللار ئۈچۈن توپلانغان پەتىۋالار" ناملىق كىتابنىڭ 3 -توم 877 - 879 -بەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.]

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد