شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

مالىيە ۋە ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

تىجارەتكە ئالاقىدار بولغان مالىيە ۋە ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغاندا ھېسابقا ئالاقىدار ۋە ۋەزىپىگە لايىق بولۇشنى يېتىلدۈرىدىغان بەزى ماددىلارنى ئوقۇيمىز بۇنداق قىلساق توغرا بولامدۇ؟، بۇ ماددىلارنى دەرسلىك قىلىش ئىسلامدا دۇرۇس بولمىغان بەزى نەرسىلەرنى دەرسلىكنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ قىسىمدا  ئىقتىسادنىڭ پايدىسى، تۈرلۈك مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئىنگىلىز قانۇنى ۋە باجغا ئالاقىدار بىلىملەرنى  ئوقۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار بۇ دەرسلەرنى ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ۋە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تىجارەتكە ئالاقىدار مالىيە، بوغالتىرلىق بىلىملىرىنى ئوقۇشقا بولىدۇ گەرچە بۇ بىلىملەر جازانە ۋە باجغا ئوخشاش ھارام ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالسىمۇ مەيلى، لېكىن ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىشلارنىڭ ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلىشى شەرت قىلىنىدۇ، بۇ ماددىلار ھەق بولمىغان ۋە ناچار ئىشلاردىن بولغان نەرسىدە توختاش ياكى ئۇنىڭدىكى شەرىئەتكە زىت بولغان نەرسىلەرنى بىلىش ئۈچۈن  دەرسلىك قىلىنىدۇ، بارلىق شىركەت، ئورگانلار بۇ بىلىمگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك قانۇن ماددىلىرىنى ئوقۇشمۇ توغرا بولمىغان قانۇن ماددىلىرىدا توختاش ياكى ئۇنىڭدىن ھەزەر قىلىش ياكى ئۇنىڭدىكى توغرا بولمىغانلىرىدىن ساقلىنىپ مەنپەئەتلىك بولغانلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈندۇر.

     شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھدىن شەرئى بولمىغان قانۇن ماددىلىرىنى دەرسلىك قىلىش توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: قانۇن ماددىلىرىنى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

     بىرىنچى قىسىم: بۇنى دەرسلىك قىلغۇچى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش ۋە ئۇ قانۇنغا نىسبەتەن شەرئى قانۇننىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىش ياكى ئۇنىڭدىن ئىسلام شەرىئىتىگە زىت بولمىغانلىرىنى بىلىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا پايدىلارنى بىلىش ئۈچۈن دەرسلىك قىلىدۇ، بۇ مەقسەت بىلەن دەرسلىك قىلىش شەرىئەتتە خاتا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ قانۇنلارنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، شەرئى پرىنسىپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئاشكارا قىلسا ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇ شەكىلدە دەرسلىك قىلغانلارنىڭ ھۆكمى، جازانە قانۇنى، ھاراقنىڭ، قىمارنىڭ تۈرلىرى قاتارلىقلارنى بىلىش ياكى بۇنى باشىلارغا بىلدۈرۈش ۋە بۇ توغرىدىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلدۈرۈش، بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ساغلام ئېتىقاد بىلەن بۇزۇق ئېتىقادنى ئايرىش ئۈچۈن بۇزۇق ئېتىقاد ماددىلىرىنى ئوقۇغانغا ئوخشاشتۇر. بۇنىڭ ھۆكمى بىلەن ئالدىنقى شەرىئەتكە زىت بولغان قانۇنلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن دەرسلىك قىلغان بىلەن ھۆكمى ئوخشاشتۇر.

     ئەمما سېھرىگەرلىك ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى سېھرىگەرلىك دېگەننىڭ ئۆزى ھارام بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، جىن-شەيتانلارغا چوقۇنۇش قاتارلىق چەكلەنگەن ئىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆزى ئوقۇشمۇ ۋە باشقىلارغا ئۈگىتىشمۇ مۇشۇ شېرىك ئىشلار بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئەمما قانۇن ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقانلار ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك دۇرۇس ئىشلار ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ". ["بىن باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 2-توم 231-بەت].

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 12874- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    بۇ ماددىلارنى دەرسلىك قىلىش ئۈچۈن شەرىئەت ھۆكۈملىرىدىن مەلۇمات بولۇش شەرت قىلىنىدۇ، ئۇنداق بولغاندا باتىلنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىدۇ، شەك-شۈبھىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، بىر ئىشنى بىلەلمىسە باتىلدىن ھەقنى ئايرىش، خاتادىن توغرىنى ئايرىش ئۈچۈن ئىلىم ئىگىلىرىدىن سورايدۇ.

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 14-توم 232-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئاللاھنىڭ قانۇنىغا زىت بولغان قانۇن ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تەلىم ئىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ باتىل ئىكەنلىكى، شەرىئەتكە زىت ئىكەنلىكىنى بىلىش ۋە بىلدۈرۈش، ئىسلام قانۇنىنىڭ ئادالىتى، توغرىلىقى، ھەممىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تەلىم ئالسا بولىدۇ.

    مۇسۇلمانلار ھەقنى باتىلدىن ئايرىيالمايدىغان، پىتنىگە چۈشۈپ قىلىپ توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشتىن ئەنسىرگەندە  پەلسەپە، شەرىئەتنىڭ غەيرىدىكى قانۇنلارنى دەرسلىك قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئەمما قۇرئان-سۈننەتنى ياخشى بىلگەن، ياخشىدىن ناچارنى ئايرىيالايدىغان، ھەقنى ھەق، باتىلنى باتىل دەپ چۈشىنىدىغان كىشىلەرنى شەرىئەتتە ۋاجىپ بولغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىشتىن  مەشغۇل قىلىپ قويمىغان ئەھۋالدا بۇنى دەرسلىك قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇنداق ماددىلارنى ئېنىستېتۇت ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىدا ئومۇمى يۈزلۈك دەرسلىك قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى بۇنىڭغا لايىق بولۇپ ھەقكە ياردەم بېرىپ، باتىلنى يوق قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار دەرسلىك قىلسا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى