جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ھايۋاننى بوغۇزلاشتىن ئىلگىرى توك بىلەن ھۈشسىزلاندۇرۇشنىڭ ھۆكمى

14308

تارقاتقان ۋاقىت : 20-12-2019

كۆرگۈچىلەر : 3999

سۇئال

توك ئۈسكىنىسى ئارقىلىق بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بىلىشىمىزچە ھايۋاننى توك بىلەن كونترول قىلىپ، ھايۋان يەرگە يىقىلىشى ھامان قاسساپ دەرھال بوغۇزلايدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسەڭلار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ھايۋاننى توك بىلەن ھوشسىزلاندۇرۇپ يەرگە يىقىلىشى ھامان دەرھال قاسساپ كېلىپ بوغۇزلاپ سويسا ۋە شۇ ۋاقىتتا ھايۋاننىڭ جىنى بولسا، ئۇ گۆشنى يىگىلى بولىدۇ. ئەمما توك بىلەن جىنى چىققاندىن كىيىن قاسساپ بوغۇزلىغان بولسا، بۇنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئۇ ھايۋان ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنداق ھالەتتە ئۆلگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنىيېيىشتىن چەكلىگەن، ئەمما جىنى چىقىشتىن بۇرۇن بوغۇزلانغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇ گۆشنى يىگىلى بولىدۇ.

ھايۋاننى بوغۇزلاش ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ياكى پىچاق سۈرگەندە قاننىڭ ئېتىلىپ چىقىشى قاتارلىق ھەتتا بوغۇزلانغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەتلەرنىڭ تېپىلىشى بىلەن بولىدۇ.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: حُرِّمَتْ عَلَيْكُمُ الْمَيْتَةُ وَالدَّمُ وَلَحْمُ الْخِنزِيرِ وَمَا أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّـهِ بِهِ وَالْمُنْخَنِقَةُ وَالْمَوْقُوذَةُ وَالْمُتَرَدِّيَةُ وَالنَّطِيحَةُ وَمَا أَكَلَ السَّبُعُ إِلَّا مَا ذَكَّيْتُمْ تەرجىمىسى: سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن) يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋان (نىڭ گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ. [مائىدە سۈرىسى 3-ئايەت].

يۇقىرىقى ئايەتتىن مەلۇم بولدىكى، خەتەرگە ئۇچرىغان ھايۋانلار جىنى چىقىشتىن بۇرۇن بوغۇزلانسا، ئۇنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولىدۇ. ئەمما جىنى چىقىپ بولغاندىن كىيىنبوغۇزلىغان بولسا، ئۇنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدۇ.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى(22\455)