سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئەزىيەت يەتكۈزسە قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزەمدۇ؟

سۇئال

    ئۇرۇغ-تۇغقانلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ ھۆكمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايمەن، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمىز بىزگە نۇرغۇن دەرت-خاپىلىقلارنىڭ كېلىشىگە سەۋەپ بولدى، بىز ئۇلارنىڭ ئاچ كۈزلىكى ۋە ناچارلىقىدىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدۇق، ئۇلار بىزگە زەرەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن سېھرى قوللىنىدۇ، مال-مۈلۈكلىرىمىزنى ئوغۇرلايدۇ، بىزنىڭ ھەققىمىزدە يالغان-ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىدۇ، بىزگە تۈرلۈك شەكىلدە ناچارلىق قىلىدۇ، بىز ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزسەك توغرا بولامدۇ؟. ئىسلام پرىنسىپىدا ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، مەن ئىلگىرى ئاتا-ئانام بىلەن ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەسلىك، مۇمكىن قەدەر ئۇلاردىن يىراق بولۇش توغرىسىدا سۆزلەشتىم، بۇنىڭغا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىسلام شەرىئىتى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقىنى ئۇلاش، ناچار كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىش بەلكى ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ قارشىسىدا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى يولغا قويدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيَِّةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ * وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ  تەرجىمىسى: ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ. [سۈرە پۇسسىلەت 34-35- ئايەتلەر].

   سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا: ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ دەيدۇ. يەنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى ئىش ۋە تائەت-ئىبادەت قىلغانلار بىلەن ئاللاھ تائالانى رازى قىلماستىن بەلكى غەزەپلەندۈرۈپ گۇناھ-مەسىيەت، ئاسىيلىق قىلغانلار، ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلغانلار بىلەن  ئۇلارغا زاتىدا بولسۇن، سۈپىتىدە بولسۇن ۋە باشقا جۈزئىلىرىدە بولسۇن ناچارلىق قىلغانلار باراۋەر بولمايدۇ، ياخشىلىقنىڭ مۇكاپىتى ياخشىلىق بولىدۇ".

    ئاندىن ئاللاھ تائالا ئايرىم ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدى، بۇنىڭ دەرىجىسى كاتتا بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، سىزگە ناچارلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىشتۇر، سىز ئۇ كىشىنىڭ سىزگە قىلغان ناچارلىقىغا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇڭ، سىزگە كىشىلەر تەرىپىدىن ناچارلىق-ئەزىيەت يەتسە، بولۇپمۇ سىزگە ھەق-ھوقۇقى بار، يېقىن تۇغقانلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز ۋە باشقىلار ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ناچارلىق قىلسا، ئۇنىڭ قارشىسىدا سىز ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭ، ئۇلار ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقىنى ئۈزسە، سىز ئۇلاڭ، ئۇلار سىزگە زۇلۇم قىلسا، سىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭ، ئۇلار سىز بار-يوق جايلاردا سىزنىڭ ھەققىڭىزدە ئۆسەك-يالغان سۆز قىلسا، سىز ئۇلارغا قارشى سۆز قىلماستىن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭ، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇلار سىزنى تەرك قىلسا، سىزگە سۆز قىلمىسا، سىز ئۇلارغا ياخشى سۆزلەرنى قىلىڭ، چىرايلىق سالام قىلىڭ، يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرسىڭىز بۇنىڭدىن زور پايدا ھاسىل بولىدۇ. سىز بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭىزدەك، يېقىن تۇغقىنىڭىزدەك بولۇپ قالىدۇ، بۇ ماختالغۇچى خىسلەتكە پەقەت كۆڭلى خالىمىسىمۇ ، كۆڭلىنى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە مەجبۇرلىغان سەۋىرچان كىشىلەر ئېرىشەلەيدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلى ناچارلىققا، ناچارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا، ئەپۇ قىلماسلىققا كۆنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن.  

   ئىنسان سەۋىر قىلسا، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنسا، بۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپنى بىلسە، ناچارلىق قىلغۇچىغا ئوخشاش ناچارلىق قىلسا بۇنىڭ ھېچ قانداق پايدىسى يوق ئىكەنلىكى بەلكى بۇنىڭ ئاداۋەت-دۈشمەنلىكنى زىيادە قىلىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلسا، بۇ ئۆزىنى كەمسىتكەنلىك بولماستىن بەلكى ئاللاھ ئۈچۈن ئۆزى كەمتەر بولغانلىق بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئۈستۈن قىلىدۇ، ھەر قانداق قېيىن ئىشمۇ ئاسان بولىدۇ، شۇنداق قىلسا، گۈزەل ئەخلاق بىلەن كۆڭۈللۈك ياشايدۇ.

 بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، چۈنكى بۇ ئالاھىدە بىر خىسلەت بولۇپ، بۇ ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرىدىغان ئېسىل ئەخلاقتىن ئىبارەتتۇر.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىم بولۇپ، مەن ئۇلارغا ئۇرۇغ-تۇغقانلىقنى يەتكۈزىمەن-ئۇلايمەن، ئۇلار يەتكۈزمەيدۇ-ئۈزىدۇ، مەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىمەن، ئۇلارغا ماڭا ناچارلىق قىلىدۇ، ئۇلارغا كەمتەر-مۇلايىم بولىمەن، ئۇلار ماڭا جاھىللىق-نادانلىق قىلىدۇ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ئەگەر سەن دېگىنىڭدەك قىلغان بولساڭ، ئۆچمەنلىك ئۇلارنىڭ ئەقلىنى تۇتۇپتۇ، سەن مۇشۇ خىسلەتنى داۋاملاشتۇرغىنىڭدا، ئاللاھ ساڭا ياردەمچى بولىدۇ، دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى2558-ھەدىس].

   ئىككىنچى: بىز يۇقىرىدا سۆزلىگەنلىرىمىز گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىسى، لېكىن بىر كىشى بۇ ئەمەللەرنى قىلالمىسا، ئۇلارنىڭ ناچارلىقىغا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرالمىسا، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئەزىيەت يەتكۈزۈشى، سېھىر قىلىشى ۋە باشقا تۈرلۈك زىيان-زەخمەتلەرنى يەتكۈزۈشىدىن خاتىرجەم بولالمىسا، يۇقىرىدا سوئالدا بايان قىلغاندەك، ئۇ كىشى ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى تەرك قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

ئىبنى ئابدۇل بەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىغا ئاداۋەت تۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن ھېچ قانداق ئالاقە قىلماستىن ئۇنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەرك قىلىشى توغرا بولمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلغاندا، سۆزلەشكەندە، ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرىسە ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىش سەۋەبىدىن دىنى-دۇنيالىق تەرەپتىن زېيانغا ئۇچراش كېلىپ چىقسا، بۇ كىشى ئۈچۈن ئۇنداق كىشىدىن يىراق بولۇشقا رۇخسەت قېلىنىدۇ، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان كىشىگە ئارىلاشقاندىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزگەنلىك كۆپ ياخشىدۇر. بۇ توغرىدا بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ: دوست بولۇش ناچارلىققا ئىلىپ بارسا، ھەر ئىككەيلەننىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈن بىر-بىرىنى تەرك قىلىش گۈزەلدۇر." ["ئەتتەمھىيد"6-توم 127-بەت].

   بىر كىشى شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئايالىمنىڭ تۇغقانلىرى ماڭا ۋە ئايالىمغا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنى تەرك قىلىپ زىيارەت قىلمىساق توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇنداق ئەھۋالدا سىز ئۇلارنى زىيارەت قىلسىڭىز، بۇ زىيارەت سىزگە ۋە ئايالىڭىزغا كۆڭۈلسىزلىك، ئەزىيەت بولسا، ئۇلارنى زىيارەت قىلماڭ، ئايالىڭىزمۇ زىيارەت قىلمىسۇن، ئۇلارمۇ سىزنى ۋە ئايالىڭىزنىمۇ زىيارەت قىلمىسۇن". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 12-توم 474-475-بەتلەر].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى