يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

قىيىنچىلىقتا قالغان مال سېتىۋالغۇچىنىڭ سودىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىجارىگە بېرىلگەن مۈلۈكنى ئىجارە ئالغۇچىغا سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

147531

تارقاتقان ۋاقىت : 23-10-2022

كۆرگۈچىلەر : 749

سۇئال

   ئىككى كىشى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدىغان بىر سايمانغا ئىجارە توختامى قىلىشتى، ئاندىن ئىجارە ئالغۇچى ئۇ سايماننى سېتىۋالماقچى بولدى، ئىككى تەرەپ پۇلنى تۆت ئاي ئىچىدە تاپشۇرىدىغانلىققا ئىتتىپاققا كەلدى، لېكىن پۇل تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن يەنە ئۈچ ئاي كېچىكتى، سايماننىڭ ئىگىسى سېتىۋالغۇچى پۇلنى بېرىشنى بەك كېچىكتۈرىۋەتكەنلىكى بىلەن ھاسىل بولغان زىيان سەۋەبىدىن سودىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مېنىڭ بىلىشىمچە، سېتىۋالغۇچى ياكى ئىجارىگە ئالغۇچى يەتتە ئايدىن بېرى  ئۇ سايماندىن پايدىلاندى. سوئال: سايماننىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆتكەن يەتتە ئايلىق ئىجارىنى ئىلىشى توغرىمۇ؟.  بۇ ھەقتە  چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سودا پۈتۈپ، تاۋارنى سېتىۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن ساتقۇچىنىڭ سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققى بولمايدۇ، چۈنكى سودا كېلىشىمىگە ئىككى تەرەپ ئەمەل قىلىشى لازىم بولغان كېلىشىم بولۇپ، پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن ياكى سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى دۇرۇس قىلىدىغان بىر سەۋەبنىڭ تېپىلىشى بىلەن  ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

    سېتىۋالغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە پۇلنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئادا قىلالماسلىقىنى ساتقۇچى سودا قىلىشقان ۋاقىتتا بىلمىگەن بولسا، سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئەھۋاللارنى سودا قىلغان ۋاقىتتا بىلىدىغان بولسا كېيىن سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققى بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولسا ئۇ كىشى ئۈچۈن ئىختىيارلىق بولمايدۇ، بۇنىڭ مىسالى:  بىر كىشى يەنە بىر ئادەمنى باي دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا بىر نەرسىنى ساتقان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ كەمبەغەل ئىكەنلىكى ئاشكارا بولسا، ساتقۇچىنىڭ سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىدىن پۇلنى ئېلىشنى كۈتۈش ساتقۇچىغا زىيان ئىلىپ كېلىدۇ.

    ئەمما تاۋارنى بىر كىشىنىڭ كەمبەغەل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقان بولسا، ساتقۇچى ئۈچۈن سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بىلىپ تۇرۇپ ساتقان".  ["شەرھىل مۇمتىئ"  8 -توم 364 بەت].

    شۇنىڭدەك سېتىۋالغۇچى كەمبەغەل ئەمەسكەن، لېكىن قەستەن پۇلنى ۋاقتىدا بەرمەي سوزىۋەتكەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ساتقۇچى سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ساتقان مالنى قايتۇرۇۋالىدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان.

   " پىقھى توپلاملىرى"  32 - توم 136 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: " ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا، ئەگەر سېتىۋالغۇچى باي بولۇپ پۇلنى ۋاقتىدا بەرمىگەن بولسا، ساتقۇچى كېلىپ چىقىدىغان تالاش-تارتىشنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتسە بولىدۇ، "ئەل ئىنساپتا" بۇنى توغرا قاراش دېگەن.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "سېتىۋالغۇچىنىڭ پۇلنى دېگەن ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكى ئېنىق بولسا، ساتقۇچى سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتسە بولىدۇ، چۈنكى بەزى پۇلى بار كىشىلەر كەمبەغەلدىن ئەسكى چۈنكى كەمبەغەلگە ئاللاھ رىزىق بەرسە ئۈستىدىكى ھەقنى ئۆتەيدۇ ئەمما باي دېگەن  يېنىدا پۇل تۇرۇپ بەرمەي ئادەتلىنىپ قالسا، بۇنىڭدىن پۇل ئىلىش قېيىن بولىدۇ.

    توغرىسى ساتقۇچى ئۆزىنىڭ مېلىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭدا ھەم ساتقۇچىنىڭ مېلىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىرگە كېچىكتۈرۋەتكۈچىگە چەكلىمە قويۇش بار، چۈنكى كېچىكتۈرۈپ قويغۇچى پۇلنى ۋاقتىدا بەرمىسە سودىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۆزىنى ئوڭشاپ كەلگۈسىدە  باشقىلارنىڭ ھەققىنى كېچىكتۈرمەيدىغان بولىدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ"  8 -توم 364 بەت].

    ئىككىنچى: ئىجارە مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن سودا كېلىشىمى قىلىنغان بولسا، سايماننى ئىشلەتكەن ۋاقىتنىڭ بەدىلىگە ھەق ئىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا سايمان سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىگىدارچىلىقى ۋە كېپىللىكى ئاستىدا بولغان، ئەگەر مۇشۇ مۇددەتتە سايمان بۇزۇلسا ياكى كېرەكتىن چىقسا ئۇنىڭغا سېتىۋالغۇچى مەسئۇل بولىدۇ.

    ئەمما ئىجارە كېلىشىمى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئىجارە كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرماستىن سودا كېلىشىمى قىلغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئىجارە كېلىشىمى ئاخىرلاشقىچە بولغان ۋاقىتتا ئىشلەتكەننىڭ ئىجارىسىنى ئىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

   "پىقھى توپلاملىرى"  1 - توم 275 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر ئىجارە بېرىلگەن نەرسىنى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئۆزىگە ساتقان بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئىجارە كېلىشىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان بولىدۇ، بۇ ئىمام شافىئى، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدۇر.

    ئىبنى قۇدامە مەقدىسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر نەرسىنى ئىجارىگە بېرىپ ئاندىن ئۇنى ساتقان بولسا، سودا توغرا بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئىجارىگە ئالغۇچى سېتىۋالغان بولسىمۇ سودا توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇنى باشقىلارغا ساتسىمۇ توغرا بولاتتى، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن مال قولىدا بار بولغان كىشى ئۇنى سېتىۋېلىشقا باشقىلاردىن بەكراق ھەقلىقتۇر.

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ئىجارىنىڭ قالغىنى ۋە مالنىڭ پۇلى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ، بۇ ساتقۇچىنىڭ ھەققى بولىدۇ، ئەگەر بۇنى باشقا كىشى سېتىۋالغان بولسىمۇ شۇنداق بولاتتى". [ "ئەل مۇغنى" 6 -توم 53 بەت]

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى