يەكشەنبە 10 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 18 نويابىر 2018
Uygur

رەسۇلۇللاھنىڭ: «سىلەردىن كىمىك توي قىلىشقا قادىر بولالىسا توي قىلسۇن» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا

181556

تارقاتقان ۋاقىت : 10-10-2018

كۆرگۈچىلەر : 119

سۇئال

ئەنگىلىيىدە ئوقۇغاچ خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن توي قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، مەن ئىككى ھەدىسنى ئوقۇدۇم، ئۇ ئىككى ھەدىس ماڭا بىر-بىرىگە زىتتەك كۆرۈندى: بىرىنچىسى: «ئى ياشلار! سىلەردىن توي قىلىشقا قادىر بولالايدىغانلار توي قىلسۇن» دېگەن ھەدىس. يەنە بىرى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئايالنى نامرات بىر كىشىگە نىكاھلاپ قويغان» دېگەن ھەدىس. بىرىنچى ھەدىس مېنىڭ قارىشىمچە: مالىيە تەرەپتىن ئايالىغا تۇرمۇش خىراجىتى قىلىپ بېرىشكە قادىر بولغان كىشىنىڭ توي قىلىشى زۆرۈر دېگەننى ئىپادىلىسە، ئىككىنچى ھەدىس بولسا: ھېچ نەرسىسى يوق كەمبەغەل بىلەن توي قىلىش مەسىلىسى، بۇ ئىككى ھەدىس بىر-بىرىگە زىتمۇ ياكى مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى ھەدىس ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كىشى: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېنىدا بولغان ياشلارنىڭ ھېچ نەرسىمىز يوق ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: «ئى يىگىتلەر! سىلەردىن توي قىلىشقا قادىر بولالايدىغانلار  توي قىلسۇن، چۈنكى توي قىلىش دېگەن ئىنساننىڭ كۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئەۋرىتىنى ساقلايدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلار روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇ كىشى ئۈچۈن قالقان بولىدۇ،» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى(5066) ۋە مۇسلىم رىۋايىتى(1400).

    ئىككىنچى ھەدىس: سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولۇپ: «بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ئۆزۈمنى سىلىگە تەقدىم قىلىش ئۈچۈن كەلدىم دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە نەزەر سالغاندىن كىيىن، بېشىنى تۆۋەن سىلىپ جىم تۇردى، ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئورنىدا ئولتۇردى، ساھابىلار ئارىسىدىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ ئايالغا سىلىنىڭ ھاجەتلىرى بولمىسا، ئۇنى ماڭا نىكاھلاپ قويسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «توي قىلغۇدەك بىر نەرسەڭ بارمۇ؟ دېدى، ئۇ كىشى: يوق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئۆيۈڭگە بېرىپ قاراپ باققىن توي قىلىشقا يارىغۇدەك بىرەر نەرسە بارمىكىن؟» دېدى، ئۇ كىشى ئۆيىگە بېرىپ قايتىپ كېلىپ: يوق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھېچ نەرسە تاپالمىدىم دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «قاراپ باققىن، بىرەر تال تۆمۈر ئۈزۈك بولسىمۇ تىپىپ كەلگىن» دېدى، ئۇ كىشى ئۆيىگە بېرىپ قايتىپ كېلىپ: يوق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! تۆمۈر ئۈزۈكچىلىك بىر نەرسىمۇ تاپالمىدىم، لېكىن مېنىڭ ئىشتىنىم بار، (سەھل: ئۇ كىشىنىڭ چاپىنى يوق ئىدى دەيدۇ) شۇنىڭ يېرىمىنى بىرەي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سېنىڭ ئېشتىنىڭنى قانداق قىلىدۇ؟، ئۇنى سەن كەيسەڭ ئۇ ئايالغا يەتمەيدۇ، ئۇ ئايال كەيسە ساڭا يەتمەيدۇ؟» دېدى. ئۇ كىشىمۇ بېشىنى تۇتۇپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى، ئاندىن كېتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ كەينىگە ئۆرۈلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئۇ كىشىنى چاقىرىشقا بۇيرىدى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن: «قۇرئاندىن قانچىلىك بىلىسەن دەپ سورىدى؟»، ئۇ كىشى: مەن ماۋۇ، ماۋۇ، ماۋۇ سۈرىلەرنى بىلىمەن دەپ بىر قانچە سۈرىنى سانىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «سەن ئۇ سۈرىلەرنى يادقا ئوقۇيالامسەن؟» دەپ سورىدى، ئۇ كىشى :ھەئە ئوقۇيالايمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن بىلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ بەدىلىگە ئۇ ئايالنى ساڭا نىكاھلاپ قويدۇم» دېدى.

    ئاللاھ تائالاغا ھەمدە سەنالار بولسۇنكى، ئۇ ئىككى ھەدىس ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، ھەر بىرى ئۆزىگە خاس بولغان ئورۇندا بايان قىلىنغان، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بولسا ئومۇمى ياشلارغا شۇنداقلا توي قىلىشقا ئىنتىلىۋاتقان ئومۇمى ئەرلەرگە قىلىنغان خىتاپ بولۇپ، نىكاھ ئۈچۈن ئەر كىشى ئايالغا تۇرمۇش خىراجىتى، كىيىم-كىچەك ۋە ئۆي قاتارلىق مۇھىم بولغان نەرسىلەرنى تولۇقلاپ بەرگۈدەك خىراجەتنىڭ بولىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىشتۇر.

توي قىلىشقا قادىر بولالايدىغانلار دېگەن مەقسەت: نىكاھ، تۇرمۇش خىراجەتلىرىگە ئىگە بولالايدىغان دېگەن بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە مۇشۇ ئەسلى قائىدىنى بايان قىلىپ بەردى، توي قىلىش دېگەن پەقەت نىكاھ قىلىش ياكى ھالال ئىش بىلەن نەپسى-شەھۋېتىنى قاندۇرۇش بولماستىن بەلكى ئۇ مەسئۇلىيەت، تۇرمۇش خىراجىتى شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ھامى بولىشىنىڭ مەركىزىدۇر.

    ھەدىس يەنە توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى، چۈنكى روزا دېگەن نەپسى-شەھۋەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، شەيتاننىڭ يولىنى تارايتىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىپپەتلىك بولۇش ۋە كۆزىنى نامەھرەملەردىن قاچۇرىشنىڭ سەۋەبىدۇر. ["ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى"3-توم329-بەت].

     يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ :«سىلەردىن توي خىراجىتىگە قادىر بولالىغانلار توي قىلسۇن» دېگەن ھەدىسىمۇ، توي خىراجىتىگە ئىگە بولغان، نىكاھ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان كىشىلەرنىڭ تىزدىن توي قىلىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

   دائىمىي كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئايالنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تۇرغۇزۇشقا، تويلۇق خىراجەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا قادىر بولالايدىغان ياشلارنىڭ توي قىلىشقا ئالدىرىشىنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ". دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى"18-توم 6-بەت. 9262- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئەمما كىيىنكى ھەدىسمۇ ئوخشاش مەسىلە بولۇپ، بۇ توي قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلغان كەمبەغەل كىشىگە خاس بولغان مەسىلە بولۇپ، ئۆزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تەقدىم قىلغان ئايالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە نىكاھلاپ قويغان، بۇ ئىنسان دىندار، توغرا ئېتىقادلىق بولسا، كەمبەغەللىكنىڭ نىكاھدىن چەكلىمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئايالمۇ ئاشۇنداق بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَأَنْكِحُوا الْأَيَامَى مِنْكُمْ وَالصَّالِحِينَ مِنْ عِبَادِكُمْ وَإِمَائِكُمْ إِنْ يَكُونُوا فُقَرَاءَ يُغْنِهِمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ  تەرجىمىسى: «ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر.» [سۈرە نۇر 32-ئايەت].

     ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، ئىپپەتلىك بولۇشقا رىغبەتلىنىش، ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىش مەقسەت قىلىنغان بۇنداق نىكاھغا ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە ئۆز پەزلىدىن رىزىق بېرىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىشى ھەقلىق بولىدۇ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچى، قۇللۇقتىن ئازاد بولۇشنى مەقسەت قىلغان مۇكاتەپ قۇل(يەنى خوجايىنى بىلەن توختاملاشقان) ۋە ئىپپىتىنى ساقلاش ئۈچۈن توي قىلغۇچى.» [تىرمىزى رىۋايىتى1655-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

     ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ ھەدىس ئۈچۈن: "كەمبەغەلنىڭ توي قىلىشىنىڭ بابى"دەپ ئۇنۋان قويۇپ بۇنىڭغا مۇنۇ ئايەتنى كەلتۈرگەن:  انْ يَكُونُوا فُقَرَاءَ يُغْنِهِمْ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ  تەرجىمىسى:«ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ.» [سۈرە نۇر 32-ئايەت].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ» دېگەن بۇ ئايەت، ھۆكۈمنىڭ ئىللىتى، كەمبەغەل كىشى كەمبەغەللىك ھالىتىدە توي قىلىشتىن چەكلەنمەيدۇ، بەلكىم كەلگۈسىدە مالغا ئېرىشىپ باي بولىشى مۇمكىن.

    ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئۇلارنى توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى، ھۆرلەرنىمۇ ۋە قۇللارنىمۇ بۇنىڭغا بۇيرىدى، ئۇلارنى باي قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ مۇنداق دېدى:« ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ».

    ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بايلىقنى نىكاھتىن تەلەپ قىلىڭلار» دېگەن. ["تەپسىر ئىبنى كەسىر"6-توم 51-بەت].

     شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، تۇل ئاياللارنى، ياخشى-سالىھ بولغان قۇل-دېدەكلەرنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇشقا بۇيرىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە راستچىلدۇر، توي قىلىش ئۇلار ئۈچۈن بايلىقنىڭ سەۋەبىدۇر، ھەتتا ئەرلەر ۋە ئايالنىڭ ئىگىلىرىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ كەمبەغەلنى توي قىلىشتىن چەكلەشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇلارنىڭ توي قىلىشىنىڭ بايلىق ۋە رىزىقنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ["ئىسلام پەتىۋالىرى"3-توم 213-بەت]. 

    قادىر بولالايدىغانلارنى توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش دېگەندىن قادىر بولالمايدىغانلارنى توي قىلىشتىن چەكلەش دېگەنلىكنى ئىپادىلىمەيدۇ، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ زىناغا چۈشۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن كىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولىدۇ.

    توي قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلارنى شەھۋىتىنى پەسەيتىش ۋە يوقۇتۇش ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا باشلاپ قويدى، بۇمۇ توي قىلىشنى تەلەپ قىلىشتىن چەكلەپ قويمايدۇ، بەزى ۋاقىتتا توي قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان كىشىلەر تىپىلىپ قالىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاقى ۋە دىندارلىقىغا رازى بولۇپ قىزىنى بېرىدىغانلار تىپىلىدۇ، بۇ يەككە كىشىلەرنىڭ مەسىلىسى، بۇ ئەھۋالىنىڭ، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن تۈرلۈك بولىدۇ. ئەمما ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى ئومۇمى ئەدەپنى بىلدۈرىدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلارنى ئۆز  نەپسىنى ساقلاش ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا باشلاپ قويۇشتۇر، ئۇلارنىڭ بىرى توي قىلىش ۋاستىلىرىغا ئىگە بولسا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، بەلكى توي قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىستە «توي قىلمىسۇن»دېمەستىن بەلكى «قادىر بولالمىغانلار، روزا تۇتسۇن»دەپ ئۇلارنى گۇناھ-مەسىيەتكە چۈشۈپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، ئەمما بەزى قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەت بىلەن بولسىمۇ توي قىلىشقا قادىر بولالىسا، ئۇ كىشىگە ھەقىقەتەن ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. نىكاھلىنىشقا قادىر بولالمىغان كىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇش بولسا توي قىلىشنىڭ ئورنىدا بولدى، ئەگەر قىيىنچىلىق بىلەن بولسىمۇ توي قىلىش مۇمكىن بولسا بۇ ياخشىدۇر. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش