پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مەھبۇسنىڭ تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلىشىنىڭ ھۆكمى

184412

تارقاتقان ۋاقىت : 16-03-2015

كۆرگۈچىلەر : 2839

سۇئال

بىر كىشىگە زۇلۇم قىلىنىپ، ھەقسىز تۈرمىگە تاشلانسا، شۇنداقلا تۈرمىدە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولسا، مەھبۇس زۇلۇمغا چىدىماي، سېرىتتىكىلەرنىڭ ئۇ كىشىگە كۆيۈنۈپ، ئۇنىڭغا قېلىنغان زۇلۇمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى كۆزلەپ ئاچلىق ئېلان قىلىشى توغرا بولامدۇ؟، ئەگەر ئۇ مەھبۇس ئاچلىق ئېلان قىلغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى تاللاش ۋە پاكلاش ئۈچۈن دۇنيانى ئىمتىھان-سىناق دىيارى قىلدى. مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ ياخشى تەسەللى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان مۇنۇ ئايەتتۇر: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ مَعَ الصَّابِرِينَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. [سۈرە بەقەرە 153-ئايەت].

زۇلۇمغا ئۇچرىغان مەھبۇس ۋە ئەسىر قېرىنداشلار شۇنى بىلىشى كېرەككى! تارىخقا قارايدىغان بولساق ئاللاھنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالاممۇ زۇلۇمغا ئۇچراپ تۈرمىگە تاشلانغان، ئىمام ئەھمەد ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇن سەلەپ ئالىملىرىمۇ ھەقنى قوغداش يولىدا ھاكىمىيەت تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراپ تۇرمىلارغا تاشلانغان، ئۇلار بۇ ئىشلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ سەۋىر قىلغان، شۇنداقتىمۇ ئۇلار زۇلۇمنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن مۇمكىن بولغان توغرا ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىن چەكلەنمىگەن.

ئىككىنچى: ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولماستىن ياكى بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەستىن، ئاچلىق ئېلان قىلىش، تاماق يېيىشتىن چەكلىنىش ياكى بەزى ۋاقىتتا تاماق يەپ يەنە بەزى ۋاقىتتا تاماق يېمەسلىك، شۇ ئارقىلىق زۇلۇمنى يەڭگىللىتىش، تۈرمە ھاياتىنى تىز ئاخىرلاشتۇرۇش، زالىمنى خەلقئارادا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ئۇنىڭ زۇلمىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ، ئۇنى قىلغان قىلمىشىغا ئەپسۇسلاندۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئېرىشكىلى بولىشىغا كۆزى يېتىدىكەن، ئاچلىق ئىلان قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىكى مەقسەت پەقەت دۇرۇس بولغان يېمەكنى تەرك قىلىشتۇر، مۇمكىن بولسا روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ ئاچلىق ئېلان قىلسا ئۇ ۋاقىتتا تاماقتىن چەكلىنىش بىلەن بىرگە روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ.

ئەمما ئاچلىق ئېلان قىلىپ، تاماقتىن چەكلىنىش، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە ياكى بەزى ئەزالىرىنىڭ نابۇت بولىشىغا سەۋەپ بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ئۆلتۈرۈشنى چەكلىگەن بىر جاننى نابۇت قىلغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇمدۇر. گەرچە جان ئۆزىنىڭ بولسىمۇ ئەمما ئۇنى بىھۇدە نابۇت قىلىۋېتىش ئۇنىڭ ھەققى ئەمەس. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ تەرجىمىسى: ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار [سۈرە بەقەرە 195-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ تەرجىمىسى: سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر - بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار. [سۈرە نىسا 29-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى تاغدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى جەھەننەمدە ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ ئەبەدىي ئەبەد ئازابلىنىدۇ، كىمكى زەھەر ئېچىپ ئۆلىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى جەھەننەمدە ئەبەدىي ئەبەد قولىدا زەھەر تۇتۇپ زەھەر يۇتۇپ ئازابلىنىدۇ، كىمكى ئۆزىنى پىچاق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەنئۆلتۈرىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى جەھەننەمدە ئەبەدىي-ئەبەد قولىدىكى تۆمۈرنى ئۆزىنىڭ قورسىقىغا تىقىپ ئازابلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 5778-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 109-ھەدىس].

ھەنەپى مەزھىپىدىكى كاتتا ئالىم ئىمام سەرخەسى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ ئەسىر-مەھبۇس توغرىسىدىكى سۆزىنى بايان قىلىپ: "مەھبۇس ياكى ئەسىرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈشىگە ياردەم بېرىشى توغرا بولمايدۇ" دېگەن. [شەرھى سىيرۇل كەبىير 4-توم 1498-بەت].

ھەنەپى مەزھىپىدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن، ئەبۇ بەكرى رازى ئەلجەسساس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى دۇرۇس بولغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلىنىپ، ئۆلۈپ كېتىدىكەن، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇ كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ھېسابلىنىدۇ، ھالال بولغان يېمەكلىكىنى يېيىشتىن باش تارتىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ". [ئەھكامۇل قۇرئان 1-توم177-بەت].

مالىكىي مەزھىپىدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن ئىمام قۇراپىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆز نەپسىنى يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلەپ ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى گۇناھكار، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولىدۇ". [ئەلپۇرۇق 4-توم 183-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: بىز رادىئو، گېزىت-ژورناللاردىن كىشىلەرنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى، بەزى دۆلەتتىكى كىشىلەر ئەمەلدارلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلايمىز، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئىكەن، ئۇلاردىن ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشنى قىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّـهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا تەرجىمىسى: سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر - بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە نىسا 29-ئايەت].

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلەنگەن كىشى چوقۇم ئۆلۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ھېسابلىنىدۇ، ئىنسان ئۆلۈپ كەتكىچە يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلەنسە توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئۆز نەپسىنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ياكى ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتمىگۈدەك مۇددەتتە ئاچلىق ئېلان قىلسا بولىدۇ. يەنى ئاشۇ ئىنسان ياشاۋاتقان دۆلەت-رايوندا ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق زۇلۇمدىن قۇتۇلغىلى ياكى ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن، ئاچلىق ئېلان قىلسا بولىدۇ، ئەمما بۇ ئىشنى ئۆلۈپ كېتىش باسقۇچىغىچە داۋاملاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 25-توم 365-بەت].

كۆپچىلىك ئالىملار: گەرچە تۇرمىدا مەھبۇسغا يېيىش چەكلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كەلتۈرگەندىمۇ يىمەي ئۆلۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە بۇ تائامنى يېيىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.

كۇۋەيت ۋەخپە ئىشلىرى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن "پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى"ناملىق ئەسەرنىڭ 5-توم 157-بېتىدە: "قىيىنچىلىقتا قالغانكىشى چەكلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يەپ ھاياتىنى ساقلاش زۆرۈر دېگەن قاراشنى ھەنەفىي، مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى كۈچلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ تەرجىمىسى: سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر - بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار. [سۈرە نىسا 29-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ تەرجىمىسى: ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار [سۈرە بەقەرە 195-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ھەقىقەتەن ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان كىشى، چەكلەنگەن (يەنى ھارام) يېمەكلىكلەرنى بولسىمۇ يېمەستىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچى، نەپسىنى ھالاكەتكە تاشلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى يېمەكلىكتىن چەكلىنىش قىلمىشى شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە نىسبەت بېرىلىدۇ،" دېيىلگەن.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئامالسىز قالغان كىشى ئۈچۈن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان چارۋىلارنىڭ گۆشىنى يېيىشى لازىم بولامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىككى خىل قاراش بار. بىرىنچىسى: يېيىش زۆرۈر بولىدۇ، بۇ مەسرۇق ۋە شافىئى مەزھىپىدىكى ئالىملارنىڭ ئىككى قارىشىنىڭ بىرىدۇر. ئەسرەم مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن، ئامالسىز قالغان كىشى ھارام بولۇپ قالغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى تاپسا يېسە بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مەسرۇقنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى نەقىل قىلىپ، ئامالسىز قالغان كىشى ئۇ گۆشنى يىمەي، ئىچىملىكنى ئىچمەي ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كىرىدۇ دېگەن. ئىبنى ھامىد رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ تەرجىمىسى: ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار [سۈرە بەقەرە 195-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

تاماق يېيىش ئىمكانىيىتى تۇرۇپ، يىمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلىغان بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّـهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا تەرجىمىسى: سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر - بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە نىسا 29-ئايەت].

ئۇ كىشى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن يېيىشنى دۇرۇس قىلىپ بەرگەن نەرسىنى يەپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالىسا يەپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش لازىم بولىدۇ." [ئەلمۇغنىي ناملىق ئەسەر 9-توم 415-بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قىستالغان ۋاقىتتا چەكلەنگەن نەرسىنىڭ گۆشىنى يېيىش زۆرۈر. مەسرۇق مۇنداق دەيدۇ: چەكلەنگەن نەرسىنىڭ گۆشىنى يېيىشكە قىستالغان ئادەم (ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن) ئۇنى يىمەي ئۆلۈپ كەتسە، دوزاخقا كېرىدۇ". [پەتىۋا كۇبرا 1-توم 389-بەت].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: "تۆت مەزھەپ ئىماملىرى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىدىمۇ: ئامالسىز قالغان كىشىنىڭ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشىدىن يېيىشى زۆرۈر بولىدۇ". [پەتىۋا كۇبرا 5-توم 547-بەت.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى