سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىش سودىسى توغرىسىدا

سۇئال

   مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بەزى مەلۇم مۇددەتتە ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ھەقنى ئۆتىمىسە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ شەرىئەتتىكى يولى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: نېسى ساتىدىغان سودىنى نەخ ساتىدىغان سودىدىن قىممەت سېتىش توغرا بولىدۇ، شۇنىڭدەك، مالنىڭ پۇلىنى نەخ بېرىش توغرا بولغاندەك، ئۇ پۇللارنى مەلۇم مۇددەتلەرگە بۆلۈپ بېرىشمۇ توغرا بولىدۇ. بۇ سودا ئىككى تەرەپ نەخ بولسۇن ياكى نېسى بولسۇن كەسكىن توختام قىلىشقاندىن كېيىن بولىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودا، نەخ بىلەن نېسىنىڭ ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قىلىپ، بەلگىلەنگەن بىر باھاغا كەسكىن ئىتتىپاق كېلىش بىلەن بولمىغان بولسا، بۇ سودا شەرىئەتتە توغرا بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: نېسى سودىدا، ھازىرقى پۇلدىن ئايرىپ، بۆلۈپ بېرىدىغان پايدىغا ئاساسەن كېلىشىم قىلىشقان بولسا، بۇ مۇددەتكە ئالاقىدار بولسا، ئىككى تەرەپ پايدىنىڭ نىسبىتىگە ئىتتىپاق كەلسۇن ياكى ئۇنى ئالىدىغان پايدىغا باغلىسۇن ئوخشاشلا شەرئى تەرەپتىن توغرا بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى: نېسى سېتىۋالغۇچى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان پۇلدىن بىر مۇددەتنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتىن كېچىكتۈرۈپ قويسا، ئىلگىرى شەرت قىلىنغان بولسۇن ياكى شەرت قىلىنغان بولمىسۇن ئەسلى قەرزنى زىيادە قىلىپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ، بۇ چەكلەنگەن جازانە ھېسابلىنىدۇ.

    تۆتىنچى: نېسى سېتىۋالغۇچىنىڭ بۆلۈپ تۆلەيدىغان ھەقنى ئىمكانىيىتى تۇرۇپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن سوزىۋېتىشى چەكلىنىدۇ. ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرگەن ھالەتتە ئۇنىڭغا بەدەل تۆلىتىش شەرىئەتتە توغرا بولمايدۇ.

     بەشىنچى: شەرىئەتتە ساتقۇچىنىڭ سېتىۋالغۇچى ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ھەقنىڭ بەزىسىنى ئۆتەشنى كېچىكتۈرگەن ۋاقتىدا، بېكىتىلگەن ئۆتەش مۇددىتى كېلىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلىشنى شەرت قىلىشى توغرا بولىدۇ، ئەگەر قەرز ئۆتىگۈچى كېلىشىم قىلغاندا مۇشۇ شەرتكە رازى بولغان بولسا.

ئالتىنچى: ساتقۇچىنىڭ مالنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىق ھەققىنى ساقلاپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ، لېكىن ساتقۇچى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۆلۈپ ئالىدىغان ھەققىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغۇچىدىن مالنى ئۆزىنىڭ يېنىدا گۆرۈگە قويۇشنى شەرت قىلىشى توغرا بولىدۇ. ["ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى"  109 بەت].

    يەتتىنچى:  نېسى قەرزنى تىزراق ئىلىش ئۈچۈن قەرزدارنىڭ ياكى قەرز ئىگىسىنىڭ تەلىپى بىلەن قەرزدىن مەلۇم مىقدارنى چۈشۈرۈۋەتسە شەرىئەتتە توغرا بولىدۇ، بۇ ئىلگىرىكى ئىتتىپاقلىق بىلەن بولمىغان بولسا، چەكلەنگەن جازانىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ، شۇنىڭدەك قەرز ئىگىسى بىلەن قەرىزدارنىڭ ئالاقىسى بىۋاستە بولسا بولىدۇ، بۇنىڭغا ئۈچىنچى بىر شەخس ئارىلاشسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا بۇ تىجارى قەغەزلەرنى كېسىشنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

    سەككىزىنچى: قەرزدار قىيىن شارائىتتا بولماستىن ھەقلىق بولغان مۇددەتلىك تۆلەمدىن قايسى بىر مۇددەتنى تۆلەشكە ئۇنىمىسا، قەرز ئىگىلىرىنىڭ بىرلىشىپ قالغان مۇددەتتىكى تۆلەملەرنىمۇ ئالدىغا سۆرىشى توغرا بولىدۇ.

    توققۇزىنچى: نەخ بېرىدىغان قەرز قەرزدارنىڭ ۋاپات بولىشى ياكى ۋەيران بولىشى ياكى ۋاقىتنى كەينىگە سوزىۋتكەنلىكى ئېتىبارغا ئېلىنغاندا، مۇشۇ ھالەتلەرنىڭ ھەممىسىدە رازىلىق بىلەن كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن نەخنى چۈشۈرۈۋېتىش توغرا بولىدۇ.

    ئونىنچى: كۈتۈش دۇرۇس بۇلىغان قىيىنچىلىقنىڭ بەلگىلىمىسى: قەرزدارنىڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئىقتىسادىدىن باشقا قەرزنى ئادا قىلىدىغان ياكى مالنى قايتۇرىدىغان ئىقتىسادى بولماسلىقىدۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى 142-بەت.