سەيشەنبە 21 شەۋۋال 1445 - 30 ئاپرىل 2024
Uygur

خىزمەت سەۋەبىدىن نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان كىشىنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

  مەن ئاۋىستىرالىيدە ياشايمەن، توخۇ گۆشى كۆپ سېتىلىدىغان تىز تاماقخانىدا ئىشلەيمەن، ھەپتىدە ئۈچ كۈن، ھەر كۈندە 4-5 سائەت توختىماي ئىشلەيمەن. (ھەر قانداق خىزمەتچى 5 سائەتتىن ئاز خىزمەت قىلسا دەم ئېلىش ۋاقتىغا ئېرىشەلمەيدۇ) كۈننىڭ قىسقا، ناماز ۋاقىتلىرىنىڭ پەرقلىق بولىشى  سەۋەبىدىن بەزەن نامازنىڭ ۋاقتى بولغاندا خىزمەت سەۋەبىدىن نامازنى ئادا قىلالمايمەن، پەقەت خىزمەتكە چۈشۈشتىن بۇرۇن ياكى خىزمەتتىن بىكار بولغاندىن كېيىن ئەسىر بىلەن شامنى بىرگە ئوقۇيمەن، ھازىر ھېچ قانداق بىر نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەيمەن، چۈنكى خىزمەت ۋاقتىم ناماز ۋاقتىغا قارشى كەلمەيدۇ. ماڭا ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، چۈنكى بۇ ئىش مېنى بەك بىئارام قىلىۋەتتى؟ رەھمەت

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى:  ئىلگىرى 21958- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدۇق. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: رِجَالٌ لا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلا بَيْعٌ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلاةِ وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ يَخَافُونَ يَوْماً تَتَقَلَّبُ فِيهِ الْقُلُوبُ وَالأَبْصَارُ * لِيَجْزِيَهُمُ اللَّهُ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا وَيَزِيدَهُمْ مِنْ فَضْلِهِ وَاللَّهُ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: «ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ، ئاللاھنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات بەرسۇن ۋە ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بەرسۇن دەپ (ئۇلار شۇنداق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ). ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.» [سۈرە نۇر 37-38-ئايەتلەر].

    سىز خىزمەت ۋاقتىڭىزنى ناماز ۋاقتىغا زىت كەلمەيدىغان ۋاقىتقا تەرتىپلىشىڭىز كېرەك، مۇناسىپ ۋاقىتنى تېپىش ئۈچۈن ئىدارە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىككە كېلىڭ، بۇنىڭغا سىزگە بەزى قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ ۋە خىزمەت ۋاقتى سەل ئۇزۇن بولسىمۇ بولىدۇ، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئىشلار بولسا دىلىڭىزدا ئىماننىڭ زىيادە بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىڭىزغا ياخشىلىق كېلىدۇ، بەلكى ئۇ مۇشەققەت سىز ئۈچۈن لەززەت بولىدۇ، چۈنكى سىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىش يولىدا ئۇ مۇشەققەتنى ئۈستىڭىزگە ئالدىڭىز.

    ئىككىنچى:  سوئال سورىغۇچىنىڭ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئوقۇغانلىقىغا بىئارام بولىشى بولسا مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ياخشى ئەمەللەرنى ئادا قىلالمىسا بىئارام بولىدىغان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئارامسىزلىق ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشقا ۋە كەمچىللىكلەردىن يىراق بولۇشقا تۈرتكە بولىشى كېرەك، ئەمما كۆڭلى بىئارام بولسىمۇ يەنىلا نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ناچار ئەمەللەرنى قىلسا توغرا بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى: سىزنىڭ" خىزمەتنى باشلاشتىن بۇرۇن ياكى خىزمەتتىن بىكار بولغاندىن كېيىن ئەسىر بىلەن شامنى بىرگە ئوقۇيمەن"  دېگەن سۆزىڭىزگە كەلسەك:  قېرىندىشىم!  شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، شەرىئەتتە پېشىن بىلەن ئەسىرنىڭ، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرىسىدا دەلىل بار، ئەمما ئەسىر بىلەن شامنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرىسىدا دەلىل كەلمىگەن، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇنى ھېچ بىر ئالىم دېمىگەن، شۇنىڭغا ئاساسەن سىز كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر بىلەن شامنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇغان خاتالىقىڭىز ئۈچۈن يەنى ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئوقۇغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ، بۇنداق ئىشنى قايتا قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىڭ.

     سىزنىڭ كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن يەنى شامنىڭ ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن ئەسىر بىلەن شامنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇغانلىقىڭىزغا كەلسەك، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، نامازنى ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇسا توغرا بولمايدۇ، ئوقۇغان شام نامىزىڭىز توغرا ئەمەس، شۇنىڭغا ئاساسەن: سىز كۈچىڭىزنىڭ يېتىشچە تېرىشىپ كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن نەچچە قېتىم شام نامىزى ئوقۇغانلىقىڭىزنى ھېسابلاپ چېقىڭ، ئۆزىڭىز ۋە دىنىڭىز ئۈچۈن ئېھتىياتنى تۇتۇڭ، ساندا شەكلىنىپ قالسىڭىز كۆپنى ھېساب قىلىپ، كۈچىڭىزنىڭ يېتىشچە بۇ نامازلارنى قايتىدىن ئادا قىلىشقا ئالدىراڭ.

     تۆتىنچى:  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىڭ، ناماز ئۈچۈن ئون مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتمەيدۇ، مۇمكىن بولسا ئىدارە ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ ۋاقىت ئۈچۈن خىزمەتتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئىشلەپ تولۇقلاپ بېرىڭ، سىزنىڭ خىزمەت جەريانىدا ئون مىنۇت رۇخسەت ئېلىشىڭىزنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ، ھاجەتخانىغا بارسىڭىزمۇ بىرسى سىزنى چەكلەپ قويمايدۇ، ناماز ئۈچۈن شۇنچىلىك ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتەر، سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردا ئازسانلىق مىللەتنىڭ دىنى پائالىيەت ھەققىنى قوغداش قانۇنى بار، شىركەت رەھبەرلىرى شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىشى لازىم، سىلەرنىڭ دۆلەتتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن بولۇپ قالسا، ھوقۇقىڭىزنى تەلەپ قىلىشقا قادىر بولالايسىز. ئەگەر باشقا يول تاپالمىسىڭىز، يەنى ئىدارە رەھبەرلىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىسىڭىز، نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشىڭىزغا قارشى كەلمەيدىغان باشقا بىر خىزمەت ئىزدەڭ، ئەگەر ئۇنداق خىزمەت تاپالمىسىڭىز، بۇ ئىشنى تاشلاپ چېقىپ كەتسىڭىز قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغان بولسىڭىز، تۇرمۇش ھاجىتى ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ ئوقۇشنى  دۇرۇس قىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھ خالىسا سىزگە گۇناھ بولمايدۇ.

    سىز پېشىن بىلەن ئەسىرنى يەنى ئەسىرنى ئالدىغا سۈرۈپ ياكى پېشىننى كەينىگە سۈرۈپ ئادا قىلىڭ، شام بىلەن خۇپتەننىمۇ شۇنداق قىلىڭ، قايسى قولاي ۋە ئاسان بولسا شۇنى قىلىڭ.

    ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئالدىغا سۈرۈپ ئوقۇش دېگەن:  ئىككى نامازنى بىرىنچى نامازنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇش دېمەكتۇر.

    ئىككى نامازنى جۇغلاپ كەينىگە سۈرۈپ ئوقۇش دېگەن:  ئىككى نامازنى ئىككىنچى نامازنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇش دېمەكتۇر.

    ئاللاھ تائالادىن سىزنى دىننى توغرا چۈشىنىشكە، توغرا شەكىلدە ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشنى ۋە ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلىپ بېرىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى