جۈمە 7 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 8 نويابىر 2024
Uygur

بالىسى ئىسلامدىن يېنىۋالدى ۋە دىنغا قايتىشتىن باش تارتتى

221814

تارقاتقان ۋاقىت : 24-11-2019

كۆرگۈچىلەر : 2055

سۇئال

مەن دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان ئائىلىسىدىن، مېنىڭ تاغام يەنى ئانامنىڭ ئاكىسى ئىلىم ئوقۇش ئۈچۈن يىگىرمە ياش ۋاقتىدا فرانسىيەگە ھىجرەت قىلىپ كەتكەن، بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇ يەردە ياشاۋاتىدۇ، ۋەتەنگە قايتىشقا ئۇنىمايۋاتىدۇ، ھىجرەت قىلغىنىغا ئوتتۇز بەش يىل بولدى، ئەپسۇس ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىپ قاپتۇ، ناماز ئوقۇمايدىكەن، روزا تۇتمايدىكەن، ھەتتا ئىسلام دىنىغىمۇ ئىشەنمەيدىكەن، باشقا دىنلارغىمۇ ئەگەشمەيدىكەن، چوڭ دادام ۋاپات بولغاندىن كېيىن چوڭ ئاپام ئۇنىڭ يېنىغا سەپەر قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خرىستىئان ئايالى ۋە ھېچ قانداق دىننى بىلمەيدىغان ئەۋلادلىرى بىلەن بىرگە ياشاشنى قارار قىلدى، چوڭ ئاپام ئۇنىڭ يېنىدا ئون يىل تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى توغرا يولغا قايتۇرۇشقا ۋە تەۋبە قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى، لېكىن ئەپسۇس ھېچ بىر پايدىسى بولمىدى.

    چوڭ ئاپامنىڭ سوئالى: ئوغلى ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرۈپ مۇرتەد بولۇپ كەتسە، ئانىسىغا گۇناھ بولامدۇ؟ قىيامەت كۈنى بۇنىڭ ئۈچۈن جاۋاپكار بولامدۇ؟. سىلەردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بۇ ئاپىمىزغا تەسەللى بېرىمىز، ئاللاھ تائالادىن ئاپىمىزنى ۋە ئوغلىنى ھىدايەت قىلىشىنى ۋە توغرا يولنى ئىلھام قىلىشىنى سورايمىز،

    ئىككىنچى: بۇ كۆڭلى جاراھەتلەنگەن ئانىنىڭ ئوغلىنى توغرا يولغا باشلاش ياكى ئازغۇنلۇققا يېتەكلەشتە ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، ئوغلىنىڭ گۇناھىدىن بىر نەرسىمۇ ئۇنىڭغا يۈكلەنمەيدۇ، چۈنكى ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئۆزى ھېساب بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  مَنِ اهْتَدَى فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى  تەرجىمىسى:  كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. [سۈرە ئىسرا 15-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى وَإِنْ تَدْعُ مُثْقَلَةٌ إِلَى حِمْلِهَا لَا يُحْمَلْ مِنْهُ شَيْءٌ وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَى  تەرجىمىسى: ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ. [سۈرە پاتىر 18-ئايەت].

    شەيخ سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ" دېگەنلىك، قىيامەت كۈنىدە ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بويىچە جازا-مۇكاپاتلىنىدۇ، بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى يەنە بىر ئادەم ئۈستىگە ئالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر ئادەم يەنى گۇناھ، خاتالىقلار بىلەن يۈكى ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئادەم، بىرەر كىشىنى ئۆزىنىڭ بەزى گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئېلىۋىلىش ئۈچۈن ياردەم سورىسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، ئاخىرەتنىڭ ئەھۋالى يېقىن-يېقىنىغا، دوست-دوستىغا ياردەم بېرىدىغان دۇنيانىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىمايدۇ، بەلكى قىيامەت كۈنى ئىنسان ئۆزىنىڭ بىراۋنىڭ ئۈستىدە ھەققى بولىشىنى گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقىنى بولسىمۇ ھەققى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ". ["تەپسىر سەئدى"687-بەت].

     ئەمىر ئىبىنى ئەھۋەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججەتىل ۋەدادا كىشىلەرگە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: دىققەت قىلىڭلار! جىنايەتچى پەقەت ئۆزىنىڭ زىيىنىغا جىنايەت سادىر قىلىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! جىنايەتچى ئۆزىنىڭ بالىسا ۋە بالا ئۆزىنىڭ دادىسىغا قارشى جىنايەت سادىر قىلمىسۇن. [تىرمىزى رىۋايىتى 2109-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

    ئەبى رەمسەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن دادام بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دادامغا: بۇ ئوغلۇڭمۇ؟ دېدى، دادام: كەبىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم، شۇنداق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: شۇنداقمۇ؟دېگەن ئىدى، دادام: ئاللاھ بىلەن گۇۋاھلىق بېرىمەن دېدى، مېنىڭ دادامغا ئوخشايدىغىنىم ئىسپاتلانغانلىق ۋە دادامنىڭ ماڭا قەسەم قىلغانلىقىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈلۈپ تەبەسسۇم قىلدى، ئاندىن: ئۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ زىيىنىڭغا جىنايەت سادىر قىلمايدۇ، سەنمۇ ئۇنىڭ زىيىنىغا جىنايەت سادىر قىلمايسەن، يەنى ئۇنىڭ جىنايىتىگە سەن جاۋاپكار بولمايسەن ۋە سېنىڭ جىنايىتىڭگە ئۇ جاۋاپكار بولمايدۇ، دېدى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ.. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4495-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ"ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈردى].

    موللا ئەلى قارى رەھىمەھۇللاھ "مىرقاتۇل مەپاتىھ"6-توم 2272-بەتتە: سېنىڭ زىيىنىڭگە جىنايەت سادىر قىلمىسۇن دېگەنلىك: ئۇنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن سەن جازالانمايسەن، سەن ئۇنىڭ زىيىنىغا جىنايەت سادىر قىلمايسەن دېگەنلىك: سېنىڭ گۇناھىڭ سەۋەبىدىن ئۇ جازالانمايدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇ ئانىغا ئوغلىنىڭ گۇناھىدىن بىر نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، لېكىن بۇ ئانا ئوغلىغا ۋەز-نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىشى، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى  ئۈزسە، بۇ ئىش ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى توغرا يولغا قايتۇرۇشقا ئۈنۈمى بولسا ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ ۋە ئېچ ئاغرىتىپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزسۇن، دەپ بايان قىلىدۇ.  

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى