سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىجتىھادى مەسىلىلەردە مەزھەپ ئىماملىرىدىن بىرىگە ئەگەشسە توغرا بولىدۇ

سۇئال

مەن بىر قىز، سىلەرنىڭ تور بەتتىن قەسەمگە كاپارەت بېرىش توغرىسىدىكى پەتىۋانى كۆردۈم، پەتىۋادا كاپارەت ئۈچۈن پۇل بېرىش توغرا بولمايدۇ دېيىلىپتۇ، مەن بۇ پەتىۋانى ئوقۇشتىن ئىلگىرى كاپارەتنى پۇل بېرىش ئارقىلىق ئادا قىلغان ئىدىم، ئەمدى يەنە يېڭىدىن كاپارەت بېرىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئۇ ۋاقىتتا نەچچە پۇل بەرگەنلىكىمنىمۇ بىلمەيمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: قەسەمنىڭ كاپارىتىنى پۇل بىلەن ئادا قىلىش بولسا مەزھەپ ئىماملىرى ئىختىلاپ قىلىشقان ئىجتىھادى مەسىلىلەردىن بولۇپ، ئىلگىرى بۇ مەسىلە 124274-نومۇرلۇق پەتىۋادا بايان قىلىنغان ئىدى. بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا قەسەمنىڭ كاپارىتىنى پۇل بىلەن ئادا قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ بۇنىڭ خىلاپىدا، پۇل بىلەن ئادا قىلىشنى دۇرۇس دەپ قارىغان.

ئىككىنچى: مەزھەب ئىماملىرى ئىختىلاپ قىلىشقان ئىجتىھادى مەسىلىلەر بولسا، ئۇ قۇرئان كەرىمدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە بۇ مەسىلە توغرىسىدا كەسكىن ياكى شۇنىڭغا يېقىن بولغان ھۆكۈم بايان قىلىنمىغان، پەقەت مەزھەپ ئىماملىرى ئايەت-ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن ھۆكۈم چىقارغان مەسىلە بولۇپ، بۇ مەسىلىدە بىرەر مەزھەپكە ئەگەشكەن بولسا توغرا بولىدۇ، كىيىنكى ۋاقىتتا بۇ مەسىلىدە ئۆزى ئەگەشكەن مەزھەپتىن باشقا مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشىنىڭ كۈچلۈكرەك ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان بولسا، ئۇ كىشى ئۆزى ئاشكارا بولغان كۈچلۈك مەزھەپ قارىشى بويىچە ئەمەل قىلىشقا يۆتكەلسە بولىدۇ، ئىلگىرىكى مەزھەپ قارىشى بويىچە قىلغان ئەمەللىرىمۇ توغرا بولىدۇ، ئۇ ئەمەللەرنى قايتا قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ. مانا بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئوخشاش ئىجتىھادى مەسىلىلەردىكى ئومۇمى قائىدىدۇر.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇنداق ئىجتىھادى مەسىلىلەر قول بىلەن ئىنكار قىلىنمايدۇ، ھېچ كىشى بۇنداق مەسىلىدە ھەممە كىشىلەرنى بىر قاراشقا ئەگىشىشكە بۇيرۇمايدۇ، لېكىن بۇنداق مەسىلىدە ئىلمى دەلىللەرنى سۆزلەيدۇ، ئۇ سۆزلەرنىڭ ئەڭ توغرىسىنى بىلگەن كىشى شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قاراشقا ئەگەشكەن كىشىگىمۇ ئىنكار قىلىنمايدۇ." ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"30-توم 80-بەت].

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مەزھەپ ئىماملىرى ئىختىلاپ قىلىشقان ئىجتىھادى مەسىلىلەرنى زىكىر قىلىپ: ئىجتىھادى ھۆكۈم بىلەن نىكاھدا ھاراملىق بىكىتىلىنەمدۇ ياكى بىكىتىلمەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدىكى ھەر بىر قاراشقا نۇرغۇن ئالىملار ئاۋاز قوشتى: ئىمام شاپىئى ۋە مالىكتىن بايان قىلىنغان بىر رىۋايەتتە بۇنداق قىلىشنى دۇرۇس دەپ قارىدى، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام مالىكتىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە بۇنداق قىلىشنى دۇرۇس بولمايدۇ دەپ قارىدى. مۇشۇنداق مەسىلىدە ئىنسان ئىككى قاراشنىڭ بىرىگە ئەگەشسە دۇرۇس بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 32-توم 140-بەت].

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن "ئىبنى سۈرەيج مەسىلىسى"نامىدا ئاتالغان تالاق چۈشمەسلىك ئۈچۈن بەزى ئالىملارنىڭ ھىيلە بىلەن پەتىۋا بەرگەنلىك توغرىسىدا سوئال قىلىنغاندا، بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "بۇ ئىسلامدا يېڭىدىن پەيدا بولغان مەسىلە بولۇپ، ساھابىلاردىن، تابىئىنلاردىن ۋە ياكى مەزھەپ ئىماملىرىدىن ھېچبىرى بۇ مەسىلە توغرىسىدا پەتىۋا بەرمىگەن، پەقەت كىيىنكى بىر قىسىم ئۆلىمالار پەتىۋا بەرگەن، مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپچىلىكى بۇ مەسىلىگە بېرىلگەن پەتىۋانى رەت قىلغان، بۇ پەتىۋادا بىرەر ئۆلىماغا ئەگەشكەن بولسا، كىيىن تەۋبە قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقىنى ئاللاھ تائالا كەچۈرىدۇ. يەنى تالاق چۈشمەيدۇ دېگەن بويىچە چۈشەنگەن بولسا ئايالىدىن ئايرىۋىتىلمەيدۇ." ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"33-توم 244-بەت].

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن يەنە: "كىشىلەرنىڭ بەزى مۇئامىلىلەردە جازانىدىن ئەنسىرەپ ھىيلە ئىشلىتىۋاتقانلىقى، بەزى ئۆلىمالارنىڭ بۇنداق قىلىشنى دۇرۇس دەپ پەتىۋا بەرگەنلىكى توغرىسىدا سورىغاندا؟، ئۇنداق قىلىشنىڭ چەكلەنگەن ھارام ئىش ئىكەنلىكىگە دەلىللەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "مەزھەپ ئىماملىرى ئىختىلاپ قىلىشقان مۇئامىلىلەر بىلەنكىشىلەرنىڭ كەسىپ قىلغان ماللىرى، يۇقىرىدا سوئالدا بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مۇئامىلىلەر بولسۇن، ئۇلار ئاشۇنداق چۈشەنگەن ۋەمەزھەپ ئىمامىنىڭ ئىجتىھادى ياكى بىرەر ئىمامغا ئەگىشىش ياكى ئالىملارغا ئوخشىغان كىشىلەرنىڭ قارىشى بويىچە دۇرۇس بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغان بولسا ياكى ئاشۇنىڭغا بەزى ئۆلىمالار پەتىۋا بەرگەن بولسا، مۇشۇ پەتىۋالارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تىجارەت ۋە كەسىپ قىلىپ پۇل تاپقان بولسا، ئۇلارغا مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن بۇ تەرىقىدە تىجارەت ۋە كەسىپ قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ تاپقان پۇلىنى مال-مۈلكىدىن چېقىرىۋىتىش كېرەك بولمايدۇ. ئەمما مەزكۇر مەسىلىدە ئۇلارغا دۇرۇس دەپ پەتىۋا بەرگەن كىشىلەر خاتالاشقان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇ مالنى شۇ كىشىلەرنىڭ پەتىۋاسى بويىچە تاپشۇرۇپ ئالغان، لېكىن ئۇلار بۇ مەسىلىدىكى توغرا باياننى ئاڭلىغان ھامان جازانە شەكىلدىكى بۇ مۇئامىلىلەردىن قول ئۈزۈپ تەۋبە قىلىشى كېرەك بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29-توم 443-445-بەت].

بۇنداق شەكىلدىكى مۇئامىلىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى ھارام دېگەن ھۆكۈمنى چىڭ تۇتىشى كېرەك، ئۇ كىشىنىڭ بۇ مەسىلىدە دۇرۇس دەپ پەتىۋا بەرگەن كىشىلەرگە ئەگىشىشى توغرا بولمايدۇ. دەسلەپكى پەتىۋاغا ئاساسەن كەسىپ قىلغان ماللىرى ئۆزىنىڭ ساغلام مۈلكى بولىدۇ ئۇنىڭدىن مەلۇم مىقداردا سەدىقە قىلىپ باشقىلارغا بېرىۋىتىش كېرەك بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: پىتىر سەدىقىسىنى پۇل بىلەن ئادا قىلغان كىشى توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "پىتىر سەدىقىسىنى پۇل بىلەن ئادا قىلغان كىشى خاتالاشقان بولىدۇ، ئۇ كىشىىنىڭ زىممىسىدىن پىتىر سەدىقىسى ئادا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى ئىسلام دىنىدا) بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

بۇخارى ۋە باشقا ھەدىس ئۆلىمالىرى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ئۈچ كىلۇ ئەتراپىدا ئادا قىلىشنى كەسكىن بېكىتتى.

بەزى ئالىملار پىتىر سەدىقىسىنى پۇل بىلەن ئادا قىلىشنىمۇ دۇرۇس دەپ قارىدى. كىمكى بۇ مەسىلىدە دەلىلنى بىلمەستىن ئۇنى پۇل بىلەن ئادا قىلىشنى دۇرۇس دېگەن ئالىملارغا ئەگىشىپ پۇل بىلەن ئادا قىلغان بولسا توغرا بولىدۇ.

ئەمما پىتىر سەدىقىسىنى پەقەت يېمەكلىكتىن ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن كىشىلەرنىڭ پۇل بىلەن ئادا قىلىشنى ئاسان ۋە ئوڭاي دەپ پۇل بىلەن ئادا قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ پىتىر سەدىقىسى ئادا بولمايدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 10-قىسىم 2-بەت].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قائىدىلەرگە ئاساسەن: سىزنىڭ ئىلگىرىكى پەتىۋالارغا تايىنىپ قەسەمنىڭ كاپارىتىنى پۇل بىلەن ئادا قىلغان بولسىڭىز، سىزدىن ئۇ ئادا بولىدۇ، ئۇ كاپارەتنى قايتا ئادا قىلىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن كىيىن قەسەمگە كاپارەت بېرىشتە كاپارەتنى يېمەكلىك بىلەن بېرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى