جۈمە 12 جىمادۇسسانى 1446 - 13 دىكابىر 2024
Uygur

پەرز نامازلاردىن كېيىن ئېيتىدىغان تەسبىھ، تەھمىد، تەكبىر ۋە تەھلىللەرنىڭ شەكىللىرى توغرىسىدا

سۇئال

بىز پەرز نامازدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت قېتىم تەكبىر ئېيتىپ ئادەتلەنگەن ئىدۇق. يىقىندا مۇنداق بىر يازمىنى ئوقۇدۇم: پېشىن، ئەسىر، خۇپتەن قاتارلىق نامازلاردىن كېيىن: “سۇبھاناللا، ۋەلھەمدۇلىللاھ، ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر” دېگەن سۆزلەرنى ئون قېتىمدىن دەيمىز دەپ يېزىپتۇ، بۇ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

پەرز نامازلاردىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ، تەھمىد، تەكبىر ۋە تەھلىل ئېيتىش يولغا قويۇلغان، بۇنىڭ شەكلى بىرقانچە تۈرلۈك بولۇپ بۇ توغرىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان:

بىرىنچى شەكلى: پەرز نامازدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىپ، يۈزنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئاخىردا: “لائىلاھە ئىللەللاھ ۋەھدەھۇ لاشەرىكە لەھۇ، لەھۇل مۇلكۇ ۋە لەھۇلھەمدۇ، ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر” دەيدۇ شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى يۈز بولىدۇ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىپ، يۈزنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئاخىردا: “لائىلاھە ئىللەللاھ ۋەھدەھۇ لاشەرىكە لەھۇ، لەھۇل مۇلكۇ ۋە لەھۇلھەمدۇ، ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر” دېسە، ئۇ كىشىنىڭ دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك خاتالىقلىرى بولسىمۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 597-ھەدىس].

بۇ شەكىلدە ئوقۇش: ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەكبىرنى ئۇلاپ ئوقۇش بىلەن بولىدۇ.

بەزى ۋاقىتتا : “سۇبھانەللاھى، ۋەلھەمدۇ لىللاھى، ۋاللاھۇ ئەكبەر دەپ بۇ شەكىلدە تەكرار توپلام ئوتتۇز ئۈچ قېتىم دېيىش بىلەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، كەمبەغەل ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: بايلار، مال-مۈلكى بىلەن ئالى دەرىجە ۋە دائىمىي نېمەتلەرگە ئېرىشتى، ئۇلار بىزگە ئوخشاش ناماز ئادا قىلىدۇ، بىزگە ئوخشاش روزا تۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارتۇق ماللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەج قىلىدۇ، ئۆمۈر قىلىدۇ، سەدىقە بىرىدۇ ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى دەپ بىرەي، ئەگەر سىلەر ئۇ ئىشنى قىلساڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىلەپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىگە ئېرىشىسىلەر، بۇ ئىشنى قىلمىغانلار سىلەرگە يېتىشەلمەيدۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى-پەزىلەتلىك كىشىلەر بولىسىلەر لېكىن سىلەرگە ئوخشاش ئەمەل قىلغانلار بۇ مەرتىۋىگە ئېرىشىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىشتىن ئىبارەتتۇر، دېدى». بىز ئارىمىزدا بۇنى قانداق دېيىش توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىپ قالدۇق، بەزىلىرىمىز: ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت قېتىم تەكبىر دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىسام: «سۇبھانەللاھى، ۋەلھەمدۇ لىللاھى، ۋاللاھۇ ئەكبەر دەيسىلەر، ئۇنىڭ ھەر بىرى ئوتتۇز ئۈچتىن بولىدۇ، دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى843-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى595-ھەدىس].

ئىككىنچى شەكلى: ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت قېتىم تەكبىر ئېيتىش بولۇپ ئومۇمى يۈز بولىدۇ. بۇ توغرىدا كەئەب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر پەرز نامازدىن كېيىنكى زىكىر-تەسبىھلەرنى قىلغۇچى ياكى ئېيتقۇچى ھەرگىز زىيان تارتمايدۇ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 596-ھەدىس].

ئۈچىنچى شەكلى: يىگىرمە بەش قېتىمدىن : “سۇبھانەللاھى، ۋەلھەمدۇ لىللاھى، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋەلا ئىلاھە ئىللەلاھۇ” دەيدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى يۈز بولىدۇ. بۇ توغرىدا زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت قېتىم تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرىغان بولۇپ، ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر كىشى چۈشىدە ئۇنىڭغا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەرنى ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت قېتىم تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرىغانمۇ؟ دېگەندە، زەيد: ھەئە دېدى، ئۇ كىشى: بۇنى يىگىرمە بەشتىن قىلىڭلار، بۇنىڭدا لائىلاھە ئىلەللاھنىمۇ قېتىپ يىگىرمە بەش قېتىم دەڭلار دېدى، زەيد تاڭ يورۇغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق بولسا شۇنداق قىلىڭلار» دېگەن. [نىسائى رىۋايىتى 1350-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

تۆتىنچى شەكلى: ئون قېتىم تەسبىھ ، ئون قېتىم تەھمىد ۋە ئون قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى تۈرلۈك خىسلەت بولۇپ مۇسۇلمان كىشىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلسا، بۇ خىسلەتنى قولدىن بەرمىسە، جەننەتكە كېرىدۇ، بۇ ئىككىسى بەك ئاسان ۋە يەڭگىل ئىشتۇر، ئۇ بولسىمۇ: ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئون قېتىم تەسبىھ ، ئون قېتىم تەھمىد ۋە ئون قېتىم تەكبىر ئېيتىشتۇر، بۇ بەش ۋاقىت نامازدا تىل بىلەن بىر يۈز ئەللىك قېتىم ئېيتىلىدۇ، مىزاندا بىر مىڭ بەش يۈز بولىدۇ، ياتىدىغان جايىغا كەلگەندە ئوتتۇز تۆت قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ئېيتىدۇ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ ئېيتىدۇ، بۇ تىل بىلەن يۈز بولىدۇ، مىزاندا مىڭ بولىدۇ. مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنى بارمىقى بىلەن ساناپ ئېيتقىنىنى كۆردۈم، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇ ئادا قىلغۇچىغا قانداقمۇ ئاز ۋە ئاسان ئىش بولىدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلاش ئۈچۈن ياتقاندا شەيتان كېلىپ ئۇ سۆزلەرنى دېيىشتىن ئىلگىرى ئۇخلىتىپ قويىدۇ، نامازدىن كېيىن دەيدىغان ۋاقىتتا شەيتان كېلىپ بىر ھاجىتىنى ئەسلىتىدۇ شۇنىڭ بىلەن بۇنى دېمەي تۇرۇپ كېتىدۇ، دېدى». [ھاپىز ئىبنى ھەجەر “زىكىرلەرنى كەلتۈرۈش” ناملىق ئەسەر 2-توم 267-بەتتە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن ئەلبانى سەھىھ دەپ “كەلىمە تەييىبە: ناملىق ئەسەرنىڭ 113-بەتتە كەلتۈرگەن].

بۇ زىكىرلەر توغرىسىدا تەپسىلى كەلگەن ھەدىسلەردۇر، ئەڭ ياخشىسى بەزى بىر تۈرىنى يەنە بەزى ۋاقىتتا بىر تۈرىنى ئېيتىپ ئىمكان بولسا ھەممىسىگە بىرەر قېتىمدىن بولسىمۇ ئەمەل قىلىش كېرەك.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “پەرز نامازلاردىن كېيىن ئېيتىلىدىغان زىكىر-تەسبىھلەر تۆت تۈر بويۇنچە كەلگەن:

1-ئون قېتىم تەسبىھ ، ئون قېتىم تەھمىد ۋە ئون قېتىم تەكبىر ئېيتىشتۇر.

2- ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ، ھەممىسى توقسان توققۇز بولىدۇ، يۈزنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئاخىردا: “لائىلاھە ئىللەللاھ ۋەھدەھۇ لاشەرىكە لەھۇ، لەھۇل مۇلكۇ ۋە لەھۇلھەمدۇ، ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر”دەيدۇ.

3- ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ.

4- يىگىرمە بەش قېتىمدىن : ” سۇبھانەللاھى، ۋەلھەمدۇ لىللاھى، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋەلا ئىلاھە ئىللەلاھۇ” دەيدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى يۈز بولىدۇ. [“ئۇسۇل پىقھىنىڭ شېئىر شەكىلدىكى قائىدىلىرىنىڭ شەرھىسى” 176-177-بەتلەر].

ئەمما سوئال سورىغۇچىنىڭ: پېشىن، ئەسىر، خۇپتەن قاتارلىق نامازلاردىن كېيىن : “سۇبھاناللا، ۋەلھەمدۇلىللاھ، ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر” دېگەن خاس سۆزلەرنى ئون قېتىمدىن دەيمىز دېگەن سۆزىنىڭ ھەدىستە ئەسلى بارلىقىنى بىلمەيمىز، بەلكى ھەدىستە كەلگىنى بۇ زىكىرلەرنى يىگىرمە بەش قېتىمدىن دېيىش، ھەممە پەرز نامازلاردىن كېيىن دېيىشتىن ئىبارەتتۇر، ھەرگىزمۇ پېشىن، ئەسىر، خۇپتەن قاتارلىق نامازلاردىن كېيىن دېيىشكە خاس ئەمەس.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 131850-ۋە 175771- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى