يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

ئىسلام دىنىغا كېرىپ، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان كىشى كىم؟

سۇئال

ئىسلام دىنىغا كېرىپ، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان كىشى كىم؟ ئىسلام دىنىغا كېرىش ئۈچۈن: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېگەن سۆزنى دېيىش شەرتمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

ئىسلام دىنىغا كېرىپ، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان ئادەم: ئەقىللىق، بالاغەتكە يەتكەن، ئىسلام چاقىرىقى يېتىپ، دەلىل تۇرغۇزۇلغان ئىنساندۇر.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن: ئۇخلىغان ئادەم ئويغانغۇچە، كىچىك بالا ئېھتىلام بولغۇچە ۋە ئەقلىنى يوقاتقان ئادەم ئەقلىنى تاپقۇچە. [ئەبۇ داۋۇد4403-ھەدىس ۋە تىرمىزى 1423-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەلبانى ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ باھا بەرگەن].

پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيىسى 4-توم، 36-بەتتە مۇنداق كەلگەن: “پىقھى ئالىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇنداق دەپ قارىغان: ئىنساندىكى تەكلىپ قىلىنىش سەۋەبى بالاغەتكە يېتىش، ياخشى-ياماننى ئايرىيالايدىغان بولۇش ئەمەس، ياخشى-ياماننى ئايرىيالايدىغان بالا ئۈچۈن پەرىز-ۋاجىب ئەمەللەرنى ئادا قىلىشى كېرەك بولمايدۇ، ئۇنى قىلمىغانلىقىغا ياكى چەكلەنگەن ئىشلاردىن بىرىنى قىلىپ سالغانلىقىغا قارىتا ئاخىرەتتە جازالانمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن: ئۇخلىغان ئادەم ئويغانغۇچە، كىچىك بالا ئېھتىلام بولغۇچە ۋە ئەقلىنى يوقاتقان ئادەم ئەقلىنى تاپقۇچە.

يەنە 30-توم، 246-بەتتە مۇنداق كەلگەن: “پىقھى ئالىملىرى ئىنساندىكى تەكلىپ قىلىنىش سەۋەبىنىڭ ئەقىللىق بولۇش ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان بولسىمۇ، ساراڭغا ئوخشاش ئەقلى بولمىسا، ئۇنىڭغا ناماز، روزا، ھەج، جىھاد ۋە باشقا ئىبادەتلەر پەرز بولمايدۇ”.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: “قۇرئان-ھەدىس شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىك دەۋىتى يەتمىگەن ھېچ بىر كىشىنى جازالىمايدۇ، دەۋەت تولۇق يەتمىگەن كىشىنى پۈتۈن ئازابلىمايدۇ، دەۋەت تەپسىلى يەتمىگەن بولسا، يەتكەن ھۆججەتنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قارىتا جازالىنىدۇ. بۇنىڭ مىسالى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى اللَّهِ حُجَّةٌ بَعْدَ الرُّسُلِ تەرجىمىسى: ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق. [سۈرە نىسا 165-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئېيتىدۇكى، ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار: گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.» [سۈرە ئەنئام 130-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُمْ مَا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَنْ تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ تەرجىمىسى:«(ئاللاھ ئېيتىدۇ:) سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق. پاتىر سۈرىسى: 37-ئايەت.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّى نَبْعَثَ رَسُولًا تەرجىمىسى: پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق. [سۈرە ئىسرا 15-ئايەت].

“پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 12-توم 493-بەت. پايدىلىنىش ئۈچۈن 239026– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئىككىنچى:

سۆزلىيەلەيدىغان كىشى ئۈچۈن ئىككى شەھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش ئىسلام دىنىغا كىرىشنىڭ شەرتىدۇر.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: “سۆزلىيەلەيدىغان تۇرۇپ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتمىسا، ئۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن كاپىر بولىدۇ، ئۇممەتنىڭ ئىلگىرىكى كىشىلىرى، ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە كۆپچىلىك ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: ئۇ كىشى زاھىرى ۋە باتىنى تەرەپتىن كاپىر بولىدۇ”. [“پەتىۋالار مەجمۇئەسى”7 -توم، 609-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى