پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

خەتنىسى قىلىنمىغان كىشى ئۆلتۈرگەن ئۇلاغنىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

268607

تارقاتقان ۋاقىت : 30-12-2018

كۆرگۈچىلەر : 1736

سۇئال

مەن بەزى كىتابلارنى ئوقۇدۇم ۋە بەزى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئاڭلىدىم، بىر قىسىم ھەنبەلى ئۆلىمالىرى: مۇسۇلمانلاردىن ياكى ئەھلى كىتابلاردىن بولغان خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرگەن ئۇلاغلىرىنىڭ گۆشىنى كەسكىن يېگىلى بولمايدۇ ياكى يېيىش پەقەت ياخشى كۆرۈلمەيدۇ دەيدۇ، بۇ مەسىلە توغرىسىدا قايسى مەزھەپ سۆزلىگەن؟ مەزھەبتە كۈچكە ئىگە قاراش قايسى؟ ئۇلاغلارنى بوغۇزلاشتا خەتنىسى قېلىنمىغان مۇسۇلمانلار بىلەن ئەھلى كىتابلار ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

خەتنىسى قېلىنمىغان كىشى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى ئەھلى كىتاب بولسۇن ئۇنىڭ بوغۇزلىغان ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولىدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، بۇ يەردە ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە، خەتنىسى قېلىنمىغان كىشى بوغۇزلىغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدىغانلىقى بايان قىلنغان.

   خەللالنىڭ: "ئەلۋۇقۇپ ۋەتتەرەججۇل" ناملىق ئەسىرى 146-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دەيدۇ، مەن ئەبۇ ئابدۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: "خەتنىسى قېلىنمىغان كىشى بوغۇزلىغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ، خەتنىسى قېلىنمىغىچە نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ، ھەججى ھەج بولمايدۇ، خەتنە قىلىش بولسا ئىسلامنىڭ مۇكەممەل بولىشىدۇر". ئىمام ئەھمەد بۇ مەسىلىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشىغا تايانغان.

    زەركىشى رەھىمەھۇللاھ ئىمام ئەھمەدتىن: "خەتنىسى قىلىنمىغان كىشىنىڭ بەرگەن زاكىتىمۇ قوبۇل بولمايدۇ" دېگەن سۆزنى نەقىل قېلغان. ئىمام ئەھمەد بۇ مەسىلىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشىغا تايانغان. ["شەرھى زەركىشى ئەلا مۇختەسەر خەرقى" 6-توم 660-بەت].

    ئىبنى ئەبى شەيبە :ئەل مۇسەننىپ"11-توم 701-بەتتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇلانغان ئىسناد بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان مۇنۇ ئەسەرنى رىۋايەت قىلغان: "خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قېلىنمايدۇ، نامىزى قوبۇل بولمايدۇ، ئۆلتۈرگەن ئۇلىغىنىڭ گۆشى يېيىلمەيدۇ".

    ھاپىز ئبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئەسەرنى سەھىھ دەپ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قېلىنمايدۇ، نامىزى قوبۇل بولمايدۇ، ئۆلتۈرگەن ئۇلىغىنىڭ گۆشى يېيىلمەيدۇ.

   بۇ ئەسەرنى ئىبنى ئەبى شەيبە سەھى ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن. ئابديراززاق "ئەلمۇسەننىپ"تە كەلتۈرگەن، بەيھەقى "شۆئەبىل ئىمان"دا كەلتۈرگەن. زەيلەئىينىڭ "ئەددىرايە فى تەخرىج ئەھادىيس ئەلھىدايە" ناملىق ئەسىرى 2-توم 173-بەتتىن ئېلىندى. "ئەتتەھجىيل" 17-بەتكە قارالسۇن.

     لېكىن ھەنبەلى مەزھىبىدىكى ئاساسلىق قاراشتا، خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىنىڭ بوغۇزلىغان ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى يېيىش دۇرۇس بولىدۇ دەپ بېكىتىلگەن.

    مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنىڭ: مال بوغۇزلىغۇچى ئۈچۈن تۆت تۈرلۈك شەرت لازىم بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى، مال بوغۇزلاشقا سالاھىيتى بولۇش، ئۇ بولسىمۇ ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولۇش... ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى بۇنىڭ قاتارىغا خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىنىمۇ كىرگۈزدى، بۇمۇ مەزھەبتىكى توغرا قاراش، مەزھەبتىكى كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ قاراشتا". ["ئەلئىنساپ" 27-توم 287-بەتتىن قىسقارتىپ ئېلىندى].

     ھەنبەلى مەزھىبىدىكى مەشھۇر قاراشتا، خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىنىڭ بوغۇزلىغان ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى يېيىش دۇرۇس بولىدۇ، بۇ قاراش كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغا مۇۋاپىقتۇر.

    ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئەگەر خەتنىسى قېلىنمىغان كىشى ئۇلاغنى تولۇق بوغۇزلىغان بولسا، ئۇنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ دەپ قارايدۇ." ["ئەلئىستىزكار"26 -توم 245-بەت].

   بۇ كۈچلۈك قاراش، چۈنكى خەتنىسى قېلىنمىغان كىشى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى خىرىستىئانلارنىڭ ئاساسەن خەتنىسى قىلىنمايدۇ شۇنداقتىمۇ ئۇلار بوغۇزلىغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە خەتنىسى قېلىنمىغان مۇسۇلماننىڭ بوغۇزلىغان ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولىدۇ.

    ئەبۇ بەكىر ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىنىڭ بوغۇزلىغان ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى يېيىش توغىرسىدا ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشتى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ ۋە تابىئىنلاردىن ھەسەنىل بەسەرى قاتارلىقلار يېگىلى بولمايدۇ دەيدۇ، بۇ مەسىلىدە ھەسەنىل بەسەرىدىن ئئوخشىمايدىغان قاراش بايان قىلىنغان.

    ھەمماد ئىبنى ئەبى سۇلايمان: يېسە بولىدۇ دەيدۇ، بۇ قاراش شاپىئى مەزھىبىنىڭ قارىشىغا ئوخشايدۇ، ئەبۇ سۈر ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى پەتىۋا بېرىدىغان ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى دۇرۇس دەپ پەتىۋا بېرىدۇ.

    ئەبۇ بەكرى مۇنداق دەيدۇ:"بىز شۇنداق دەيمىزكى، ئاللاھ تائالا ئەھلى كىتابلارنىڭ بوغۇزلىغان ئۇلاغلىرىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى دۇرۇس قىلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خەتنىسى قېلىنمىغانلارمۇ بار، ئۇنىڭغا كۆرە، خەتنىشى قېلىنمىغان مۇسۇلماننىڭ بوغۇزلىغەن ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى ئەلۋەتتە يېگىلى بولىدۇ، بۇ توغىردا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَكُلُوا مِمَّا ذُكِرَ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ  تەرجىمىسى: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى زىكىر قېلىنىپ بوغۇزلانغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى يەڭلار. خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىمۇ بۇنىڭ قاتارىغا كېرىپ كېتىدۇ". ["ئەلئىشراف"3 -توم 434-435-بەت].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ: خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىنىڭ بوغۇزلىغان ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق دېگەن.

    توغرا قاراشتا: يېگىلى بولىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇسۇلماندۇر. بۆھتانچىنىڭ، زىناخورنىڭ، ھاراق ئىچكۈچى قاتارلىقلارنىڭ پاسىقلىقى ئېنىق تۇرۇپمۇ، خەتنىسى قېلىنمىغان خىرىستىئاننىڭ كاپىر بولسىمۇ بوغۇزلىغان ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى يېيىش دۇرۇس بولغان يەردە، ئەلۋەتتە خەتنىسى قېلىنمىغان مۇسۇلماننىڭ بوغۇزلىغان ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى يېيىش دۇرۇس بولىدۇ. ["ئەلمۇغنى" 13-توم 293-بەت].

     خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىنىڭ بوغۇزلىغان ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلەشكە: يۇقىردا بايان قىلىغاندەك ئەھلى كىتابنىڭ كۆپچىلىكى خەتنىسىنى قىلمايدىغان تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان  ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى دۇرۇس دېگەن قاراشنى كەلتۈردى.

     ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۇلارنىڭ يېمەكلىكى دېگەن ئايەتنى، ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرى دەپ چۈشەندۈرگەن.

     ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايەتتىكى ئۇلارنىڭ يىمەكلىكى دېگەن سۆزنى بوغۇزلىغان ئۇلاغلىرى دەپ چۈشەندۈرگەن... بۇ بەيھەقىينىڭ رىۋايىتىدە ئەلى ئىبنى ئەبى تەلھەدىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇغا يەتكۈزۈپ قىلغان رىۋايىتىدە: ئەھلى كىتابلارنىڭ يىمەكلىكى سىلەرگە ھالال قىلىندى دېگەن ئايەتنى ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان ئۇلاغلىرى دەپ چۈشەندۈرگەن.

    بۇ سۆزنى ئوتتۇرغا قويغۇچىلار ئەلى كىتابنىڭ كۆپچىلىكى خەتنىسىنى قىلمايدىغان بولغاچقا خەتنىسى قېلىنمىغان مۇسۇلماننىڭ بوغۇزلىغان ئۇلۇغىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى دۇرۇس دەپ قارىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىرەقلى ۋە ئۇنىڭ قوۋمىغا خىتاب قېلىپ مۇنداق دېگەن:  يَاأَهْلَ الْكِتَابِ تَعَالَوْا إِلَى كَلِمَةٍ سَوَاءٍ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ  تەرجىمىسى: ئى ئەھلى كىتاپ! بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئپرتاق سۆزگە كېلىڭلار. ھىرەقلى ۋە ئۇنىڭ قەۋمى خەتنىسىنى قىلمايتتى، ئۇلار ئەھلى كىتاب دەپ ئاتالغان. پەتھۇلبارى 9-توم 637-بەت.   

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى