شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

مال ئىشلەپ چېقارغۇچىنىڭ ئىسمىنى تىجارەت بەلگىسى قىلىپ قوللىنىش توغرا بولامدۇ؟

270314

تارقاتقان ۋاقىت : 14-06-2020

كۆرگۈچىلەر : 1701

سۇئال

بۇ يەردە چۈشىنىشكە تېگىشلىك بولغان بىر مەسىلە بار، "ئايرىم بەلگە قويۇلغان تاۋار"، شېركەت بىر نەرسىلەرنى ئىشلەپ چېقىرىدۇ، ئىشلەپ چېقارغان تاۋارغا شېركەتنىڭ ئىسمىنى قويماستىن شۇ تاۋارنى ئىشلەپ چېقارغان ئىشچىلارنىڭ ئىسمىنى قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىسىم شۇ مالنىڭ تىجارەت بەلگىسى بولىدۇ، بۇ ئىشچى بۇ مالنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئايرىم تىجارەت بەلگىسى قويۇلغان مېلىنى ساتقاندەك ساتىدۇ، بۇنداق شەكىلدە ئايرىم بەلگە قويۇپ مال چېقارسا ۋە ساتسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شېركەت ياكى زاۋۇتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تاۋارلارنى ئىشلەپ چېقىرىپ، تاۋارنىڭ ئۈستىگە ماركا سۈپىتىدە شۇ ئىشچىنىڭ ئىسمىنى قوللىنىپ، شۇنىڭ بىلەن تاۋارنى ئىشلەپ چېقارغان زاۋۇتنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىغا شۇ ئىسىمنى تىجارەت بەلگىسى قىلسا، ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىكتىن ساقلانسا بۇنىڭدا ھېچ خاتالىق بولمايدۇ، ئەمما ئىسمى تىجارەت بەلگىسى قېلىنغان ئىشچىنىڭ تاۋارنى مەن ئىشلەپ چېقاردىم ياكى مېنىڭ خۇسۇسى زاۋۇتۇمدا ئىشلەندى دەپ باشقىلارنى ئالدىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بېرىلمىگەن نەرسە بىلەن تويۇنغان كىشى يالغان كېيىم كىيىۋالغۇچىغا ئوخشاشتۇر. يەنى يوق نەرسىنى باردەپ كۆرسەتكەن يالغانچى دېمەكتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 5219-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2129-ھەدىس].

    زاۋۇت باشقىلارنى ئالدىماستىن ياكى ساختىپەزلىك قىلماستىن ئۆزىنىڭ تىجارەت بەلگىسىنى ياكى تىجارەت نامىنى باشقىلارغا بىكارغا ياكى مەلۇم ئىقتىسادقا بەرسە توغرا بولىدۇ.

     ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ ھىجىرىيە 1409-يىلى، مىلادىيە 1988-يىلى كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن بەشىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا مۇنداق قارار ماقۇللانغان:

    بىرىنچى: تىجارەت ئىسمى ۋە تىجارەت بەلگىسى دېگەن ئۇ ئۆز ئىگىسىگە خاس بولغان ھەق-ھوقۇق بولۇپ، بۇ ھازىرقى دەۋرىدە مالىيە قىممىتى بولغان، كىشىلەر ئۇنى دەسمى قىلىدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى، بۇ شەرئى ھوقۇق ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: تىجارەت نامى، تىجارەت ئۇنۋانى ياكى تىجارەت بەلگىسىنى باشقىلارنى ئالدىماستىن، ھىلە قىلماستىن، مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد ئىلىپ يۆتكەپ بەرسە توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ مالىيە ھەق-ھوقۇققا ئايلاندى.

   ئۈچىنچى: ئەسەر ھوقۇقى، كەشپىيات ھوقۇقى ياكى ئىجادىيەت ھوقۇقى شەرئى جەھەتتە ساقلىنىدىغان ھوقۇق ھېسابلىنىدۇ، ئۆز ئىگىلىرى قانداق ئىشلەتسە توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىش توغرا بولمايدۇ. [مۇجەممەئ ژورنىلى 5-سان 3-پەسىل 2267-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى