بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنى سۆزلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋە كاتتىسى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى زاڭلىق قېلغانلىق ۋە چېكىدىن ئاشقان ناچار سۆز، ئاللاھنىڭ سۆزىنى زاڭلىق قىلغۇچى قاتتىق ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلىدىغان كاپىردۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: يَحْذَرُ الْمُنَافِقُونَ أَن تُنَزَّلَ عَلَيْهِمْ سُورَةٌ تُنَبِّئُهُم بِمَا فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلِ اسْتَهْزِئُوا إِنَّ اللَّـهَ مُخْرِجٌ مَّا تَحْذَرُونَ. وَلَئِن سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ ۚ قُلْ أَبِاللَّـهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ.لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ ۚ إِن نَّعْفُ عَن طَائِفَةٍ مِّنكُمْ نُعَذِّبْ طَائِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ تەرجىمىسى: «مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى نىفاقنى) مۆمىنلەرگە پاش قېلىشىدىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر (ئاللاھنىڭ دىنىنى خالىغىنىڭلارچە) مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر (پاش بولۇشتىن) قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى مۇناپىقلىقنى) ئاللاھ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: بىز پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟، سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز. [سۈرە تەۋبە 64-65-66- ئايەت].
بۇنداق ئىشلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان ئەقىلسىز كىشىلەردىن سادىر بولىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى ئايەت نازىل بولغان مۇناپىقلاردەك، مەسخىرە قىلىپ، سۇغۇرۇلۇپ چېقىمىز،- دەپ خىيال قىلىشىدۇ.
ئىمام تەبەرىي ئۆزىنىڭ تەپسىرىنىڭ 14-توم 333-بەتتە سەئىدتىن، ئۇ زەيد ئىبنى ئەسلەمدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: تەبۇك ئۇرۇشىدا مۇناپىقلاردىن بىرى ئەۋپ ئىبنى مالىكقا: بىزنىڭ ئاۋۇ قارىلىرىمىزغا قاراڭلار! ئۇلار قورساققا ئامراق، يالغانچى، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا قورقۇنچاق كىشىلەر،- دېدى، ئەۋپ ئىبنى مالىك ئۇنىڭغا: يالغان ئېيتتىڭ، سەن مۇناپىق! مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلىمەن،- دېدى، ئەۋپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قېلىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ توغرىدا قۇرئان نازىل بولغان ئىكەن، زەيد مۇنداق دېدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن ئۇ مۇناپىققا قارىسام، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىنىڭ بەل تاسمىسىغا ئېسىلىپتۇ، پۇتلىرىغا تاشلار تەگكىلى تۇرۇپتۇ، ئۇ: بىز پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ، ئوينىشىپ دەپ قويدۇق دەۋاتاتتى. تەۋبە سۈرىسى 65-ئايەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟ دەيدۇ. تەۋبە سۈرىسى 65- ئايەت.
ئەبۇ بەكرى ئىبنۇل ئەرەبى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ تەپسىرى 2-توم543- بەتتە مۇنداق دېگەن: مۇناپىقنىڭ دېگەن سۆزى كەسكىنلىك ياكى مەسخىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەتتىن خالى بولمايدۇ، قانداق شەكىلدە دېسۇن كاپىر بولىدۇ، چۈنكى دىننى مەسخىرە قىلىش كۇپۇرلۇق، بۇنىڭدا ئىسلام ئۇممىتى ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، تەتقىق قىلىش ھەقنىڭ ۋە ئىلىمنىڭ جۈملىسىدىن، مەسخىرە قىلىش بولسا باتىل ۋە جاھىللىقنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ.
بۇ سۈرىلەردە ئەھكاملار، قانۇن پرىنسىپلار ۋە ۋەز-نەسىھەتلەر بار، مۇئمىن بۇ سۈرىلەرنى دەستۇرخان ياكى ئاياللار توغرىسىدا بىر نەرسە بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھنىڭ سۆزى بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ قورسىقىنىڭ ۋە ئەۋرىتىنىڭ شەھۋىتىدىن چەكلەنگەن روزا تۇتقۇچىغا ئالاقىدار بىر نەرسە ئەسلا سۆزلەنمىگەن.
بۇ قەبىھ يۇمۇردا ئاللاھنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى چەكلەنگەن ۋە ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىر نەرسىگە ئوخشۇتۇلغان، تۈتۈن بولسا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر چېكىدىغان ۋە پاسىق ئىستىمالچى ئارزۇ قىلىدىغان چەكلەنگەن تاماكا ۋە باشقا چېكىملىك ئەمەس.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «فَارْتَقِبْيَوْمَتَأْتِيالسَّمَاءُبِدُخَانٍمُبِينٍ . يَغْشَىالنَّاسَهَذَاعَذَابٌأَلِيمٌ. رَبَّنَااكْشِفْعَنَّاالْعَذَابَإِنَّامُؤْمِنُونَأَنَّىلَهُمُالذِّكْرَىوَقَدْجَاءَهُمْرَسُولٌمُبِينٌ» تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن، (ئۇ تۈتۈن) كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر، (ئۇلار) پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز ھەقىقەتەن ئىيمان كەلتۈرگۈچىدۇرمىز (دەيدۇ)، (ئازاب كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە) ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن، ھالبۇكى، ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلدى (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئىمان ئېيتمىدى).» [دۇخان سۈرىسى 10-13- ئايەتكىچە].
مۇشۇ ئۇچۇر ئەۋەتىلگەن كىشى ئۇچۇرغا ئىتىراز بىلدۈرۈپ، ئەۋەتكۈچىگە ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ كالامىنى مەسخىرە قىلىدىغان بۇنداق ئۇچۇرلارنى قايتا يوللىماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشى زۆرۈر.
ئېغىزىغا كەلگەننى دېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بىر ئېغىز سۆز بەزىدە سۆز قىلغۇچىنى مەشرىق ۋە مەغرىپنىڭ ئارىسىدىنمۇ يىراق بولغان دوزاخقا تاشلايدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى رىۋايەت قىلدى: ھەقىقەتەن بەندە كۆڭۈل قويماستىن ئاللاھ رازى بولىدىغان بىر سۆزنى قىلىدۇ، ئۇ سۆزنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ، ھەقىقەتەن بەندە پەرۋا قىلمايلا ئاللاھ تائالا ئۆچ كۆرىدىغان بىر سۆزنى قىلىدۇ، ئۇ سۆزنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى جەھەننەمگە تاشلايدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 6478-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2988-ھەدىس].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان: ھەقىقەتەن بەندە مەنىسى ئوچۇق بولغان بىر سۆزنى قىلىدۇ، بۇ سۆزنىڭ سەۋەبى بىلەن مەشرىق ئارىسىدىنمۇ يىراق بولغان دوزاخقا تېيىلىپ كېتىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 6477-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2988-ھەدىس].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىسى بىلال ئىبنى ھارىسە مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان: ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاللاھ رازى بولىدىغان بىر سۆزنى سۆزلەيدۇ، ئۇ سۆزنىڭ سەۋەبىدىن مەرتىۋىسىنىڭ بۇ قەدەر يۇقىرى بولىشىنى ئويلاپ باقمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇ سۆزنىڭ سەۋەبىدىن قىيامەت كۈنى ئۆزىگە ئۇچراشقانغا قەدەر رازى بولغانلىقىنى يازىدۇ، ھەقىقەتەن بىر بەندە ئاللاھ تائالا ئۆچ كۆرىدىغان بىر سۆزنى قىلىدۇ، ئۇ سۆزنىڭ سەۋەبىدىن قانچىلىك ئازابقا ئۇچرىشىشىنى ئويلاپ باقمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇ سۆزنىڭ سەۋەبىدىن قىيامەت كۈنى ئۆزىگە ئۇچراشقانغا قەدەر ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى يازىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 2319-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3969-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ باھالىغان].
ئاللاھدىن خاتىرجەم ۋە سالامەتلىكنى سورايمىز.
شۇنى بىلىش كېرەككى، يۇقىرىدا ئىبنۇل ئەرەبىنىڭ سۆزىدە دېيىلگەندەك، كۇپۇر سۆزى بىلەن چاقچاق قىلىش ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن كۇپۇرلۇق ھېسابلىنىدۇ، مەسخىرە قىلغان بولۇش شەرت ئېتىلمەيدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بۇ يەردە ئۈچ دەرىجە بار، بىرىنچىسى: سۆزدىن تىللاش مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ ئەستايىدىل ئىش بولۇپ، خۇددى ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى ئىسلامنى تىللىغانغا ئوخشاشدۇ.
ئىككىنچىسى: تىللاشنى ئۇقتۇرىدىغان مەنا بىلەن تىللاشنى ئەمەس، گەپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، لېكىن كەسكىن بولمىغان ھالدا مەسخىرە قىلىدۇ، بۇنىڭ ھۆكمىمۇ ئاۋۋالقىسىغا ئوخشاش بولۇپ، كاپىر بولىدۇ، چۈنكى ئۇ مەسخىرە ۋە زاڭلىق قىلغانلىق.
ئۈچىنچىسى: سۆزىدىن تىللاش ياكى باشقا ھېچ نەرسىنى مەقسەت قىلمايدۇ، تىلىغا شۇنداق كېلىپ قالىدۇ، ئومۇمەن تىللاشنىمۇ ياكى سۆزلەشنىمۇ مەقسەت قىلماستىن، تىللاشنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنى قىلىدۇ، ئۇ كىشى بۇ سۆزنىڭ سەۋەبىدىن جازالانمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿لايُؤَاخِذُكُمُاللَّهُبِاللَّغْوِفِيأَيْمَانِكُمْ﴾ تەرجىمىسى:«(ئۇلار) پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. [سۈرە بەقەرە 286- ئايەت].
بۇ بىر كىشىنىڭ "ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم"، "ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم" دېگەندەك، مەقسىدىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىكى سۆزى بولۇپ، بۇ سۆز ئۇ كىشى ئۈچۈن ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان قەسەمنىڭ ھۆكمىنى ئىپادىلىمەيدۇ، مەقسەتسىز ئىنساننىڭ تىلىغا كېلىپ قالغان ھېچبىر نەرسە ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىلمايدۇ".
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.