پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئۆي-زېمىن سېتىۋالغۇچى بىلەن ساتىدىغانلارنى تونۇشتۇرۇپ، ۋاستىچىلىق خىزمىتى ئۈچۈن خىزمەت ھەققى ئالسا توغرا بولامدۇ؟

278377

تارقاتقان ۋاقىت : 13-03-2021

كۆرگۈچىلەر : 1450

سۇئال

مەن ئۆي-مۈلۈك ئىشلىرىدا ۋاستىچىلىق قىلىمەن، مېنىڭ ئايرىم خىرىدارلىرىم بار، بەزى ۋاقىتتا خاس خىرىدارلىرىمنىڭ باشقىلار ئارقىلىق ئۆي سېتىۋىلىشىغا ۋاستىچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خاس خىرىدارلىرىم بىلەن ماڭا ياردەمدە بولغان يەنە بىر ۋاستىچىنىڭ ئارىسىدا ئالاقە بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۆز-ئارا كىلىشىپ، مېنىڭ خەۋىرىم بار ياكى خەۋىرىم يوق ھالەتتە ئۆي-مۈلۈك تىجارىتىنى پۈتتۈرىدۇ، ئۆي سېتىۋالغان خىرىدار ئەسلىدە مېنىڭ خىرىدارىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا پۈتكەن ئۆي-مۈلۈك تىجارىتىدىن ۋاستىچىلىق ھەققى ئالسام توغرا بولامدۇ؟. مەن يەنە بىر ۋاستىچىغا بۇ مېنىڭ خاس خىرىدارىم، بۇنى ساڭا مەن تونۇشتۇردۇم، بۇندىن كېيىن ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھەرقانداق ئۆي-مۈلۈك سودىسى بولسا ماڭا ۋاستىچىلىك ھەققى بېرىسىلەر دېگەننى شەرت قىلسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     تىجارەت ئىشلىرىدا ۋاستىچىلىك قىلىش بۇ دەللاللىق ياكى ئوتتۇرىدا مېڭىش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئەسلىدە توغرا بولغان ئىش بولۇپ، ئىشنى پۈتتۈرگەن كىشىگە مەلۇم مۇكاپات بېرىش تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا: "ئوتتۇرىدا ماڭغۇچىنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشنىڭ بابى" دەپ بىر باپ كەلتۈرگەن. ئىبنى سېرىن، ئەتا ئىبنى رەباھ، ئىبراھىم نەخەئىي ۋە ھەسەن بەسەرىي قاتارلىق ئالىملارمۇ ئوتتۇرىدا ماڭغۇچىنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشنى گۇناھ دەپ قارىمىغان.

   ئوتتۇرىدا ماڭغۇچى ئېرىشىدىغان ھەقكە پەقەت شۇ ئىشنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇردا ماڭغان كىشىلا ھەقلىق بولىدۇ، چۈنكى مۇكاپات دېگەن مۇكاپاتقا لايىق بولغان ئىشنى قىلغان كىشىگە بېرىلىدۇ.

    "روزۇل مۇرەببە" ناملىق ئەسەر 446-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كىمكى ئىش ئىگىسىنىڭ" كىمكى مۇنداق ئىشنى قىلىدىكەن ئۇنىڭغا مۇنداق مۇكاپات بېرىلىدۇ دېگەن سۆزىنى بىلگەندىن كېيىن شۇ ئىشنى قىلغان بولسا، دېيىلگەن مۇكاپاتقا ھەقلىق بولىدۇ، چۈنكى مۇكاپات سودا ئىشىنىڭ تامام بولىشى بىلەن بېكىتىلىدۇ، ئەگەر ئۇ ئىشنى بىر جامائەت قىلغان بولسا بېكىتىلگەن مۇكاپات ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇكاپاتقا ھەقلىق بولغان ئىشنى ئورتاق قىلىدۇ".

     شۇنىڭغا ئاساسەن: سىزنىڭ خاس خىرىدارىڭىز بىلەن سىزگە سودىدا ياردەمدە بولغان يەنە بىر ۋاستىچىنىڭ ئارىسىدا ئالاقە پەيدا بولغان بولسا، ئۇلار شۇ ئالاقە بىلەن ئۆي-مۈلۈك سودىسىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، سىز شەرت قىلغان بولۇڭ ياكى شەرت قىلماڭ، سىز ئۇلار قىلغان سودىدىن ھېچ قانداق بىر ھەققە ئېرىشەلمەيسىز، ئەگەر بۇنى دەسلەپتە شەرت قىلغان بولسىڭىز قىلغان شەرتىڭىز باتىل بولىدۇ، چۈنكى سىز ھەق ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭىز كېرەك، سىز تۇنجى قېتىم ئۇ ئىككەيلەننى ئۇچراشتۇرۇپ قويۇشتىن باشقا ئىش قىلمىدىڭىز، ئەگەر بۇنىڭغا ھەق ئىلىشنى شەرت قىلغان بولسىڭىز قىلغان شەرتىڭىز باتىل بولىدۇ، چۈنكى بۇ قۇرئان-ھەدىستە بولمىغان، شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپىغا زىت بولغان شەرتتۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە نېمە بولدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىغان شەرتلەرنى شەرت قىلىۋاتىدۇ، ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىغان ھەرقانداق شەرت باتىلدۇر گەرچە ئۇ يۈز شەرت بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەڭ ھەقلىقتۇر ۋە ئاللاھنىڭ شەرتى ئەڭ مۇستەھكەمدۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 2168-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1504-ھەدىس].

    سىز تۇنجى قېتىم ئۇچراشتۇرۇپ قويغاننىڭ يەنى خىرىدارىڭىز بىلەن يەنە بىر ۋاستىچىنى ئۇچراشتۇرۇپ قويغاننىڭ ھەققىنى ئالسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇلار ئارىسىدىكى مۇئامىلىلەردە سىزنىڭ ھېچ قانداق خىزمىتىڭىز بولمىسا نېمىگە ئاساسەن ھەق ئالىسىز؟!.

    پىقھى توپلاملىرى ناملىق ئەسەر 26-توم 60-بەتتە پايدىغا ئىگە بولۇش توغرىسىدا  مۇنداق بايان قىلىنغان: "پايدىغا مال بىلەن ياكى خىزمەت بىلەن ياكى تۆلەم بىلەن ئىگە بولالايدۇ، چۈنكى مالدىن كەلگەن پايدا مالنىڭ ئىگىسىنىڭ بولىدۇ، بۇ يەردە مالنىڭ ئىگىسى مال چىقارغانلىقى ئۈچۈن مالدىن كەلگەن پايدىغا ئىگە بولىدۇ، خىزمەت قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ خىزمىتى سەۋەبىدىن ئىجارە ئالغانغا ئوخشۇتۇپ مالدىن كەلگەن پايدىغا ئىگە بولىدۇ.

    يۈز ئابرۇيى بىلەن شېرىك بولغان كىشىگە ئوخشاش، تۆلەم بىلەن شېرىك بولغان كىشىمۇ پايدىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چىققان نەرسە تۆلەم بىلەن بولىدۇ»ياكى «كىرگەن كىرىم تۆلەم بىلەن بولىدۇ». يەنى بىر كىشى بىر نەرسىنى تۆلەيمەن دەپ ئىگە بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن كىرگەن كېرىممۇ شۇ كىشىنىڭ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئادەم بىر ئىشنى مەن قىلىمەن دەپ قوبۇل قىلسا، خۇددى ماشىنىچى كىيىم تېكىپ بەرگەنگە ئوخشاش، مەلۇم بىر ئىش قىلىشنى مەلۇم ئىش ھەققىگە دېيىشكەنگە ئوخشاش، ئاندىن كېيىن بۇ ئىشنى ئىلگىرى دېيىشكەن ھەقتىن ئازراق بېرىش بەدىلىگە باشقا بىرىگە بەرگەن بولسا، بۇ كىشىنىڭ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا ئالغان پايدىسى پاك-ھالال بولىدۇ، دەسلەپتە دېيىشكەن كىشىنىڭ ئەسلىدىن مېلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەرگەن ئىشنى ئىككىنچى دېيىشكەن كىشى ياخشى قىلالمىسا دەسلەپتە دېيىشىپ پايدىنى ئالغان كىشى زىياننى  تۆلەيدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ سەۋەبنىڭ بىرىمۇ تىپىلمىغاندا پايدىغا ئىگە بولالمايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ پايدا تەلەپ قىلىشىنىڭ ھېچ يولى بولمايدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر ئادەمگە سىزنىڭ مېلىڭىزنى ئىشلىتەي ئەمما پايدا مېنىڭ بولسۇن ياكى پايدىنى تەڭ بۆلىشەيلى دېيىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ بارلىق پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا بىكار ئىش ھېسابلىنىدۇ، پايدىنىڭ ھەممىسى ھېچ تارتىشماستىن مال ئىگىسىنىڭ بولىدۇ".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى