پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

پروبىركىدا بالا يېتىشتۈرۈشنىڭ ھۆكمى

3474

تارقاتقان ۋاقىت : 24-08-2012

كۆرگۈچىلەر : 4946

سۇئال

پروبىركا ئارقىلىق بالا يېتىشتۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ مەسىلە ئىسلامى فىقھى كومىتېتىگۇرۇپپىسى(مەجمەئ ئەل-فىقھ ئەل-ئىسلامىي) تەرىپىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك نەتىجىنى بايان قىلدى:

 بىرىنچى: تۆۋەندىكى بەش خىل ئەھۋالئاستىدا پروبىركىدا بالا يېتىشتۈرۈش شەرىئەتتە چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئۆزى ھارام بولۇشبىرگە،ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەننەتىجە ئېتىبارى بىلەن، نەسەبنىڭ ئارىلىشىشى، بالىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولماسلىقتەك، شەرىئەتتەچەكلىمە قويۇلغان ئىشلار تۈپەيلى ھارام دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى.

1-ئەردىن ئېلىنغان ئىسپېرما بىلەن ئۆز ئايالى بولمىغان باشقا ئايالدىن ئېلىنغان تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۆز ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

2-يات بىر ئەرنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن ئۆز ئايالىنىڭ تۇخۇمىنى ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

3-ئەرنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن ئايالنىڭ تۇخۇمى بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇلۇپ(ئەر-ئايالنىڭ)، چاڭلاشتۇرۇلغان مەزكۇر سۇيۇقلۇقنى باشقا بىر ئايالنىڭ (يەنى يات ئايالنىڭ) بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

4-باشقا بىر ئەرنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن باشقا بىر ئايالنىڭ تۇخۇمىنى ئۆز ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

5-ئەرنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن بىر ئايالىنىڭ تۇخۇمىنى بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئىككىنچى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

ئىككىنچى:پروبىركىدا بالا يېتىلدۈرۈشكەزۆرۈر ئېھتىياج بولغاندا، تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالئاستىدا شەرىئەتكە كۆرە خاتا بولمايدۇ:

1-ئېرىنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن ئايالىنىڭ تۇخۇمى بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇلۇپ، -ئاندىن كىيىن ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا يېتىلدۈرۈش.

2-ئەرنىڭ ئىسپېرمىسىئىلىنىپ،ئۆز ئايالىنىڭ بالىياتقۇ ئاغزىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئۇرۇقلاندۇرۇشياكى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۆرەلمىنى يېتىلدۇرۇش.

يۇقىرىدىكى جايىز دەپ قارالغان مەزكۇر ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ بالا ئېلىشتائېتىبارغا ئىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلە، ئايالنىڭ ئېغىر ئەۋرەتلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېچىشقا مەجبۇر بولىشى ۋە زۆرۈرىيەتسىز ئەھۋالدا بەدەن ئەزالىرىنى باشقىلارغا ئېچىپ قېلىش مۇمكىنلىقى، لابوراتورىيىدە خاتالىق كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى، بەزى دوختۇرخانىلاردىكى كەسپى ئەخلاققا ئىگە ئەمەس دوختۇرلار، ئامانەتكە خىيانەت قىلىپ، پۇل تېپىشنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىرگە، نەتىجىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىسپېرما ياكى تۇخۇمنى ئالماشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە سەزگۈر پوزىتسىيىدە بولۇشىلازىم.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئەلمەجمەئەل فىقھى ناملىق ئەسەرنىڭ 34-بىتىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن