پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرى، ئايلىق، پەسىللىك ئىمتىھانلىرى ۋە خىزمەت دوكىلاتى قاتارلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

351559

تارقاتقان ۋاقىت : 10-11-2021

كۆرگۈچىلەر : 1376

سۇئال

   بىز بىر گۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلار خۇسۇسىي ئېنىستېتۇتتا خىزمەت قىلىمىز ۋە شۇ يەردە تۇرىمىز، بىزنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىمىز ئاشۇ ئورۇندىن كېلىدۇ، شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، سىلەرنىڭ بىلگىنىڭلەردەك، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئېلىكترونلۇق سىستىملارغا يۆتكەلدى، تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھانلارمۇ بۇنىڭ بىلەن بولىدۇ، بۇ سېستىم ئارقىلىق ھەر بىر ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ، ئوقۇغان كىتابدىن ئىمتىھاننى بىرەلەيدۇ، لېكىن ئىمتىھاننىڭ ۋاقتى بەلگىلەنگەن بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرى، ئىمتىھان سوئاللىرى ۋە يازما دوكىلاتلىرىنى قىلىپ بېرىمىز، ئېنىستېتۇتقا نىسبەتەن بۇ كۈنلەر بىزنىڭ بىردىن-بىر كىرىم قىلىدىغان ۋاقتىمىز ھېسابلىنىدۇ، بىزنىڭ بۇنداق قىلىشنىڭ ھارامغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئېنىستېتۇتنىڭ مۇدىرى چوڭ ئۇستازلارنىڭ بىرىدىن مۇشۇ مەسىلىنى سوراپ جاۋاپ كەلگۈچە بىز خىزمەتتىن توختىدۇق، ئۇ ئۇستاز: ئەگەر ئىمتىھان يىلنىڭ ئاخىرىدىكى چوڭ ئىمتىھان بولمىسا، ئايلىق ياكى مەۋسۇملۈك ئىمتىھان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنىڭغا ياردەم بېرىش، تاپشۇرۇق ۋە ئىلمى دوكلاتلارنى يېزىپ بەرسە بولىدۇ دەپ پەتىۋا بېرىپتۇ، شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ئېنىستېتۇت مۇدىرى بىزنى خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە بۇرۇنقىدەك تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئىمتىھان سوئاللىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش ۋە ئىلمى دوكلات يېزىپ بېرىش قاتارلىق ئىشىمىزنى قىلىۋاتىمىز، سىلەرنىڭ مۇشۇ ئىش توغرىسىدا ئېنىق بىر چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

قىسقىچە جاۋاپ

سىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىغا تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئىمتىھان سوئاللىرىنى ھەل قىلىش ۋە ئىلمى دوكلات يېزىش قاتارلىق ئىشىڭلار شەرىئەتتە چەكلەنگەن، چوڭ گۇناھلاردىن بىرى بولغان ئالدامچىلىقنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ. ئىمتىھاندا ئالدامچىلىق قىلىش چەكلىنىدۇ. ئايلىق ياكى مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا، كۈندىلىك تاپشۇرۇپ ئىشلەشتە ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

ئىمتىھاندا ئالدامچىلىق قىلىش چەكلىنىدۇ. ئىمتىھان ۋە باشقا ئىشلاردا ئالدامچىلىق قىلىش ئەسلىدىنلا چەكلەنگەن ھارام ئىشتۇر، بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالدامچىلىق قىلغان مەندىن ئەمەس». [مۇسلىم رىۋايىتى 102-ھەدىس].

     يىللىق ئىمتىھاننى ئىشلەپ بېرىش ياكى ئىشلەشكە ياردەملىشىش بولسا دۆلەتنى ئالداشتۇر، چۈنكى ئوقۇغۇچى ئالدامچىلىق بىلەن ئۆزىگە ھەقلىق بولمىغان دىپلۇمنى ئالىدۇ، بەلكى ئۇ ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلىنغان ئالدامچىلىقتۇر، چۈنكى ئالدامچىلىق بىلەن قابىلىيەتسىز ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۆزى لايىق بولمىغان خىزمەت ۋە ۋەزىپىلەرگە ئىگە بولىدۇ.

    ئايلىق ياكى مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا، كۈندىلىك تاپشۇرۇق ئىشلەشتە ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى.

    كۈندىلىك تاپشۇرۇق، ئايلىق ۋە مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئىشلەپ بېرىشمۇ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى كۈزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرنى ئالداشتىن ئىبارەتتۇر، چۈنكى كۈندىلىك تاپشۇرۇق دېگەن، ئوقۇغۇچىنىڭ يىللىق ئىمتىھانغا لايىق بولىدىغان ۋە ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى ئېسىدە تۇتۇشقا ياردەم بېرىدىغان، تەلىم-تەربىيەنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

    كۈندىلىك تاپشۇرۇق ۋە تەلىم -تەربىيە ئىشلىرى ساختا ئىلمى دوكلات بىلەن قانداقمۇ مۇكەممەل بولىدۇ؟!. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار كۈندىلىك تاپشۇرۇقلىرىنى تېرىشىپ، چارچاپ ئۆزى ئادا قىلمىسا، ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى مۇزاكىرە قىلمىسا، ئاساسلىق ئەمىلى تەلىم-تەربىيىگە قانداق كۆڭۈل بۆلىدۇ؟.

    ئەگەر كۈندىلىك تاپشۇرۇق ۋە ئايلىق-مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننىڭ پايدىسى بولمىسا، ئۇنى نېمە ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟.

    بىزنىڭ جاۋابىمىز: ئوقۇغۇچىنىڭ ئورنىدا تاپشۇرۇق ئىشلەپ ۋە ئىمتىھان سوئاللىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش، ئىلمى دوكلاتلارنى يېزىپ بېرىش بولسا شەرئەتتە چەكلەنگەن چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى