پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

ئىمانىنىڭ تىل بىلەن ئىقرار، دىل بىلەن تەستىقلاش، ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى توغرىسىدا

سۇئال

   بىز ئەھلى سۈننە ۋەل جامائە كىشىلىرى شۇنداق دەيمىز: ئىمان دېگەن: تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىلى بىلەن تەستىقلاش، ئېتىقاد قىلىش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش، بۇ سۆزنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستىن بولغان دەلىلى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئەھلى سۈننە ۋەل جامائە ئۆلىمالىرى ئىماننىڭ: سۆز ۋە ئەمەل ئىكەنلىكى ياكى تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن تەستىقلاش، بەدەن بىلەن ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى. بۇنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە ۋە مۇشۇ ئىماننىڭ جۈزئىلىرى دەپ بايان قىلىنغان ھەدىسلەرگە تاياندى، بۇ دەلىللەرنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن تەپسىلى جاۋابقا قارالسۇن.

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

  -ئىمان دېگەن: سۆز، ئەمەل ۋە ئېتىقادتۇر.

   ئەھلى سۈننە ۋەل جامائە ئۆلىمالىرى ئىماننىڭ : سۆز ۋە ئەمەل ئىكەنلىكى ياكى تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن تەستىقلاش، ئېتىقاد قىلىش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى.

   ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلاردىن، تابىئىنلاردىن ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ۋە بىز ئۇچراشقان ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئىماننىڭ سۆز، ئەمەل ۋە ئېتىقاد ئىكەنلىكىگە، ئۇ ئۈچ ئىشنىڭ ھېچ بىرىنىڭ بىر بىرىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى". [لالىكائىينىڭ" ئەھلى سۈننە ئېتىقادىدىنىڭ ئاساسى" ناملىق ئەسىرى 5-تۇم 959-بەت، 1593-نومۇر. ئىبنى تەيمىيەنىڭ" پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 7-توم 209-بەت].

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن مىڭدىن ئارتۇق ئالىملاردىن ھەدىس يازدىم، مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان دېگەن: سۆز ۋە ئەمەل دېگەنلەردىن يازدىم، ئىمان پەقەت سۆز دېگەن ئالىملاردىن ھەدىس يازمىدىم". [لالىكائىينىڭ" ئەھلى سۈننە ئېتىقادىدىنىڭ ئاساسى" ناملىق ئەسىرى 5-تۇم 959-بەت، 1597-نومۇر]. 

    ئەبۇ ئۇبەيدە قاسىم ئىبنى سالام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمان دېگەن: سۆز ۋە ئەمەل، زىيادە بولىدۇ كېمىيىدۇ دېگەن ئالىملار بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ(133) ئالىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمان دېگەن: سۆز ۋە ئەمەل، ئۇ زىيادە بولىدۇ كېمىيىدۇ دەيدۇ، بۇ ئەھلى سۈننە ئالىملىرىنىڭ سۆزى ۋە بىزنىڭ قارىشىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ئەمەل قىلىنىدۇ. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. بۇ قاراشنى ئىبنى بەتتە: ئەلئىبانە" 2-توم 814-826-بەت 1117- نومۇردا نەقىل قىلغان. ئىبنى تەيمىيە "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 7-توم 309-بەتتە بايان قىلغان.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەھلى سۈننە ۋە ھەدىس ئالىملىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر: ئىماننىڭ سۆز ۋە ئەمەل ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى". "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 7-توم 330-بەتتە بايان قىلغان.

   ئىماننىڭ سۆز، ئەمەل ۋە ئېتىقاد ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى.

بۇ مەسىلىدىكى بىرلىكنىڭ تايانغان دەلىلى بولسا قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن ئايەتلەر، ھەدىسلەردىكى "سۆز ۋە ئەمەل ئىماندىن" دېگەن دەلىللەر بولۇپ، بۇنى تەپسىلى بايان قىلغاندا بۇ تۆت تۈرلۈك بولىدۇ:

   1-تىلنىڭ سۆزى بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھەممىدە ئىتائەت قىلىشى ئىماندىندۇر. ئەمما ئىسلام كەلىمىسى بىلەن سۆزلەش بولسا:  لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ (ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر) دېگەن سۆز ئىماندىكى ئاساستۇر. ئىمان پەقەت بۇ سۆز بىلەن توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُولُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ إِلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَى وَعِيسَى وَمَا أُوتِيَ النَّبِيُّونَ مِنْ رَبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ  تەرجىمىسى: «ئېيتىڭلاركى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز» [سۈرە بەقەرە 136-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن كىشىلەر ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېسە، مەندىن جېنىنى ۋە مېلىنى ساقلاپ قالىدۇ. لېكىن ئىسلام ھەققى بولسا تولۇق ئېلىنىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئېچكى ھېسابى ئاللاھقىدۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 2946-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى مۇسلىم 21-نومۇرلۇق ھەدىستە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن سوزدۇر. ئەڭ ئاددىيسى يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يېتىدىغان نەرسىنى ئېلىۋېتىشتۇر، ھايا بولسا ئىمانىنىڭ بىر شاخچىسىدۇر». [بۇخارى رىۋايىىتى 9-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 35-ھەدىس. بۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى مۇسلىمغا خاسدۇر].

   2-دىلنىڭ سۆزى بولسا: تەستىقلاش ۋە ئىشەنچ قىلىشتۇر، دىلنىڭ سۆزىنىڭ ئىماندىن ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدۇر: ﴿‏أُولَئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ الْإِيمَانَ﴾‏ تەرجىمىسى: «ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھ ئىماننى مۇستەھكەم قىلدى» [سۈرە مۇجادىلە 22-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ  تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، (ھەقىقىي) مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر.» [سۈرە ھۇجۇرات 15-ئايەت].

   ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىمان توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئىمان دېگەن: ئاللاھ تائالاغا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئەلچىلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشدۇر» [مۇسلىم ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن8-ھەدىستە، بۇخارى 50-ھەدىستە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.

    شاپائەت توغرىسىدكى ھەدىستە....«مەن  ئەي رەببىم! ئۈممىتىم، ئۈممىتىم دەيمەن، رەببىم: بارغىن!، دىلىدا ئىماندىن تېرىقنىڭ دانچىسىدىن ئازراق، ئازراق، ئازراق بولغان كىشىنى دوزاختىن چىقارغىن دەيدۇ، مەن بارىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى 7510-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 193-ھەدىس ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان].

   3-دىلنىڭ ئەمەلى بولسا: ئىخلاس، بويسۇنۇش، قورقۇش، ئۈمىد قىلىش ۋە ياخشى كۆرۈش قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئەمەللەرنىڭ ئىمان دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكى ئايەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: انَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ ، الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ ، أُولَئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقًّا لَهُمْ دَرَجَاتٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَمَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ  تەرجىمىسى: «پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ» [سۈرە ئەنپال 2-3-4-ئايەتلەر].

    قورقۇش دېگەن دىلنىڭ ئەمىلىدۇر.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن سوزدۇر، ئەڭ ئاددىيسى يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يېتىدىغان نەرسىنى ئېلىۋېتىشتۇر. ھايا بولسا ئىمانىنىڭ بىر شاخچىسىدۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 9-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 35-ھەدىس. بۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى مۇسلىمغا خاس].

    ھايا دېگەن دىلنىڭ ئەمىلىدۇر. بۇ ھەدىس يەنە: تىلنىڭ سۆزى ۋە ئەزالارنىڭ ئەمىلىنىڭمۇ ئىماندىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى بايان قىلىندى.

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق كىشىدە ئۈچ تۈرلۈك ئىش تېپىلىدىكەن ئۇ كىشى ئىمانىنىڭ تەمىنى تېتىغان بولدى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇ كىشىگە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن بەك ياخشى كۆرەلگۈچى بولسا، بىر ئىنساننى ياخشى كۆرسىمۇ ياكى يامان كۆرسىمۇ پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرسە ياكى يامان كۆرسە، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كۇپىرغا قايتىشنى ئوتقا تاشلىنىشنى ئۆچ كۆرگەندەك ئۆچ كۆرسە». [بۇخارى رىۋايىتى16-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى42-ھەدىس].

   ھەممەيلەنگە مەلۇمكى: ياخشى كۆرۈش ۋە يامان كۆرۈش دېگەن دىلنىڭ ئەمىلىدۇر. ھەدىس ئۇنى ئىماندىن دەپ ھېسابلىدى، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن بەندە ئىمانىنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.

  4-ئەزالارنىڭ ئەمىلى بولسا: تاھارەت، ناماز، روزا، ھەج، جىھاد ۋە باشقىلاردۇر. ئەزالارنىڭ ئەمىلىنىڭ ئىماندىن ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ وَذَلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ  تەرجىمىسى: «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر» [سۈرە بەييىنە 5-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ  تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، (ھەقىقىي) مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر» [سۈرە ھۇجۇرات 15-ئايەت].

   جىھاد دېگەن ئەزالارنىڭ ئەمىلىدۇر.

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: انَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ ، الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ ، أُولَئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقًّا لَهُمْ دَرَجَاتٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَمَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ تەرجىمىسى: «پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ.» [سۈرە ئەنپال سۈرىسى 2-3-4-ئايەتلەر].

   نامازنى ئادا قىلىش، زاكات بېرىش دېگەن ئەزانىڭ ئەمىلىدۇر. ئۇنى بۇ يەردە ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُم تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.» [سۈرە بەقەرە 143-ئايەت].

   يەنى كەبىنىڭ يېنىدا ئادا قىلغان نامازلىرىڭلارنى دېگەن بولىدۇ.

   ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ كىتابىنىڭ 1-توم 16-بەتتە بۇ ئايەتكە: ناماز ئىماندىن دەپ باپ كەلتۈرگەن.

    بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئابدۇلقەيسنىڭ ئەلچىلىرىگە دېگەن بۇ سۆزى: «سىلەرنى ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇيمەن، ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟، ئىمان دېگەن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ شاھادەت ئېيتىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكاتنى ئادا قىلىش، غەنىمەتنىڭ بەشتىن بىرىنى بېرىش قاتارلىقلاردۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 7556-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى17-ھەدىس].

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 133036 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى