يەكشەنبە 23 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 24 نويابىر 2024
Uygur

مەنىي نىجىس دېگەن قاراشقا كۆرە، كۆرپىگە يۇقۇپ قالغان مەنىي ئىنساننىڭ نەم جىسمىغا يۆتكىلەمدۇ؟

سۇئال

    ئېھتىلام بولغاندا يوتقان ۋە كۆرپىلەرگە مەنىي يۇقۇپ قالىدۇ، مەن مەنىي نىجىس دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىمەن، ئەگەر مەنىي يۇقۇپ قالدى دەپ كەسكىن قىلساق، مەن ئوقۇغۇچى، ياتاقتا باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە تۇرىمەن، ھەر قېتىمدا كۆرپىلەرنى يۇيۇش قېيىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇنى ئەسىرى قالمايدىغان ھۆكمى نىجاسەت دەپ شۇ ھالەتتە قويىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىدە مېنىڭ بەدىنىم نەم ياكى ئۇ نەرسە نەم ھالەتتە ئولتۇرىمەن، مەن ئىمام مالىكنىڭ نىجاسەت يۆتكەلمەيدۇ دېگەن قارىشىغا ئەمەل قىلىمەن، مېنىڭ قىلغىنىم توغرا بوپتۇمۇ؟، مېنىڭ ئادا قىلغان نامازلىرىمنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، چۈنكى مەن نەم يەردە ئولتۇرغان كىيىملىرىم بىلەن ناماز ئادا قىلىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:

مەنىي پاكىزمۇ ياكى

مەنىي پاكىزمۇ ياكى نىجىسمۇ دېگەن مەسىلىدە پىقھى ئالىملىرى ئىككى خىل قاراشتا بولدى، ئىمام شاپىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد پاكىز دېگەن قاراشتا بولۇپ، بۇلارنىڭ دەلىلى كۈچلۈك، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام مالىك نىجىس دېگەن قاراشتا بولدى. بۇ ھەقتە 170012-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: مەنىي نىجىس دېگەن قاراشقا كۆرە، ئىنسان ئېھتىلام بولغاندا، كۆرپىسىگە مەنىي يۇقۇپ قىلىش يېراق ئىش، چۈنكى مەنىي ئاساسەن كىيىمىگە يۇقىدۇ، كۆرپىگە ئۆتۈپ كەتمەيدۇ.  ئىنسان ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇ ئەڭ ناچار كېسەللىكتۇر.

    كۆرپىگە مەنىي يۇقۇپ قالدى دەپ قارىساق، مەنىي قۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، ئۇ يەردە ياكى كۆرپىدە نەملىك تېپىلمىسا نىجىس بولمايدۇ، ئىككى قۇرۇق نەرسىنىڭ ئارىسىدىن نىجاسەت يۆتكەلمەيدۇ.

    مالىكى مەزھەپ قارىشىدا، نىجاسەت سۇدىن باشقا نەرسە بىلەن يوق قىلىنغاندا، گەرچە نەملىك قالسىمۇ نىجاسەت باشقا نەرسىگە يۆتكەلمەيدۇ.

    مالىكى مەزھىبىدىكى ئالىم خەلىل ئۆزىنىڭ "مۇختەسەر" كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "نىجاسەت سۇدىن باشقا نەرسە بىلەن يوق قىلىنغاندا، ئۇ ۋاقىتتا گەرچە نەملىك قالسىمۇ نىجاسەت باشقا نەرسىگە يۆتكەلمەيدۇ.

    "مەۋاھىبۇل جەلىيلنىڭ شەرھىسىدە" ھەتتاب مۇنداق دەيدۇ: " نىجاسەت سۇدىن باشقا نەرسە بىلەن يوق قىلىنغاندا، يەنى ئازراق سۇيۇق ماددا قېتىپ ياكى سۇدىن باشقا سىركە قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن نىجاسەتنى يوق قىلىۋەتكەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بىز نىجاسەتنىڭ ئورنى پاكىز بولمايدۇ دەيمىز، ئۇ ئورۇن نىجىس دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئۇ يەردە ناماز ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئاندىن كېيىن، ئاشۇ نەم يەرگە بىر نەرسە تەگسە ياكى ئۇ جاي قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ياكى نەم ھالىتىدە نەم نەرسىنى شۇ يەرگە قويسا، ئۇنىڭغا تەككەن نەرسە نىجىس بولامدۇ ياكى نىجىس بولمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش بار، ئىززىبنى ئابدۇسالام، بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ۋە باشقا ئالىملار نىجىس بولمايدۇ دېگەن قاراشتا بولغان".

    ئىلىش دېگەن ئالىم "مەنھۇل جەلىيل" ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-توم 73-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "نىجاسەت سۇدىن باشقا گۈل سۈيى، چېچەك سۈيى دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن يوق قىلىنغاندا، ئۇ ئورۇندا نەملىك قالسا، بۇنىڭغا نەم ياكى قۇرۇق نەرسىلەر تەگسە ياكى قۇرۇپ قالغاندىن كېيىن نەم نەرسە تەگسە، ئۇ يەرگە تەككەن نەرسە نىجىس بولمايدۇ،  بۇ مەنىي نىجىس دېگەن قاراشتىكى مەزھەبنىڭ قارىشىدۇر".

   ئاپتۇرنىڭ: نىجاسەتنىڭ ئورنى قۇرۇغاندىن كېيىن ئۇ يەرگە نەم نەرسە تەگسە دېگەن سۆزىگە كۆرە: نىجاسەتنىڭ ئۆزى مۇتلەق سۇدىن باشقا نەرسە بىلەن يوق قىلىنغاندا، نىجاسەتنىڭ ئۆزى يوقالمىسىمۇ قۇرۇپ قالغان بولسا بۇنىڭغا نىجىسلىقنىڭ ھۆكمى تەتبىقلانمايدۇ دېمەكتۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى