جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كىكىرتىگىدىن ئۆتۈپ بولغان سۇيۇقلۇقلارنى ياندۇرۇپ يۇتۇۋەتسە روزىسى بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال

ئاشقازىنىمنىڭ ئېچىشىشى يۇتۇپ بولغان چۈچۈمەل نەرسىلەرنى كىكىرتىگىمگە قايتۇرۇپ يۇتۇۋېتىشكە سەۋەپ بولىدۇ، بۇ روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاشقازاننىڭ سۇيۇق ماددىلارنى ياندۇرۇشى ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىسىز يۈز بېرىدۇ، ئىنسان بەزى ۋاقىتتا كىكىرتىگىدە چۈچىمەللىك ياكى ئاچچىقلىقنى ھېس قىلىدۇ، بۇ ئېغىزغا كەلمەيدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئېغىزغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن ھېسابلانمايدۇ. ئەمما ئېغىزىغا كېلىپ قالسا بۇ كۆڭلى ئېلىشقان ياكى قۇسقاننىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ.

    كۆڭلى ئېلىشىش قۇسۇش ياكى ئازراق قۇسۇش دېيىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كانىيىدىن ئېغىز توشمىغۇدەك چىققان نەرسىدۇر. بەزىلەر ئاشقازان لىق بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان نەرسىنى كۆڭلى ئاينىش دەيدۇ. [ئىمام نەۋەۋىينىڭ "ئەلمەجمۇئ"4-توم 4-بەت].

    بۇنىڭ ھۆكمى: بۇنى ئېغىزدىن چىقىرىۋېتىش ئىمكانىيىتى تۇرۇپ چىقىرىۋەتمەي يۇتۇۋەتسە روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئەمما ئېغىزدىن چېقىرۋىتىش ئىمكانىيىتى بولماي يۇتۇۋەتكەن بولسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ. بۇ ھەقتە 12659- نۇمۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىمام نەۋەۋىي "شەرھىل سەغىر"ناملىق ئەسەر 1-توم 700-بەتتە كۆڭلى ئاينىش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: كۆڭلى ئاينىش دېگەن: ياندۇرغان نەرسىنى كىكىرتىگىدىن چىقارماي يۇتۇۋەتسە بۇنىڭ روزىغا ھېچ تەسىرى بولمايدۇ.

    ئىبنى ھەزمى "ئەلمۇھەللا" ناملىق ئەسەر 4-توم 335-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " كىكىرتىگىدىن ئېغىزىغا كەلگەن نەرسىنى چېقىرۋىتىش ئىمكانىيىتى تۇرۇپ ئىختىيارسىز يۇتۇۋەتسە بۇ روزىنى بۇزمايدۇ.

     ئاندىن 4-توم 348-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: چىشنىڭ ئارىسىدىن چىققان تاماك قالدۇقى ۋە قان كانايدىن ئۆتۈپ كەتمىسە بۇنىڭ روزىنى بۇزمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ھەتتا بەزى ئۆلىمالار كانايدىن ئۆتۈپ كەتسىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ دەپ قارايدۇ.

    مۇئەتتانىڭ شەرھىسى"ئەلمۇنتەقا" ناملىق ئەسەر 2-توم 65-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام مالىكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر كىشى ئازراق ياندۇرۇپ ئېغىزىغا كېلىپ قالغان بولسا، بۇنى يۇتۇۋەتكەن بولسا، بۇ كىشىگە رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ (يەنى روزىسى بۇزۇلمايدۇ). ئىبنى قاسىم مۇنداق دەيدۇ، ئىمام  مالىك بۇ سۆزىدىن قايتىپ: ئەگەر ياندۇرغان نەرسىنى ئېغىزىدىن چېقىرىۋىتىش ئىمكانىيىتى تۇرۇپ چىقىرىۋەتمەي يۇتۇۋەتكەن بولسا، ئۇ كىشىگە رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ(يەنى روزىسى بۇزۇلىدۇ). شەيخ ئەبۇل قاسىم مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر تىلىغا كېلىپ بولغان نەرسىنى يۇتۇۋەتسە، روزىسى بۇزۇلىدۇ، تىلىغا كېلىشتىن بۇرۇن يۇتۇۋەتسە روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

    "ئىنساپتا" مۇنداق دەيدۇ: ئېغىزىغا كېلىپ قالغان ياندۇرغان نەرسىنى يۇتۇۋەتسە، گەرچە ئاز بولسىمۇ ساقلىنىش ئىمكانىيىتى تۇرۇپ يۇتۇۋەتسە روزىسى بۇزۇلىدۇ. ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق قارايدۇ.

    ھاشىيەتىل ئەدەۋىي ناملىق ئەسەر 1-توم 448-بەتتە ياندۇرغاننىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇش قۇسقانغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئاشقازان لىق بولغاندىن كېيىن ئېغىزدىن چىققان نەرسىدۇر.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى