دۇشەنبە 4 شەبان 1446 - 3 پىۋرال 2025
Uygur

ئايالنىڭ ئىسلامدىكى ھەق-ھۇقۇقلىرى توغرىسىدا

سۇئال

ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ھەق-ھوقۇقلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟، ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىن باشلاپ (ھىجىرىيە سەككىزىنچى ئەسىردىن ئون ئىككىنچى ئەسىرگىچە) ئاياللاردا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى ۋە قانداق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئىسلام ئاياللارنى ئالاھىدە ئىززەت-ئىكرام قىلدى، ئانىلىق ئېتىبارى بىلەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى. ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنىڭ جۈملىسىدىن قىلدى. جەننەتنىڭ ئانىنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. (يەنى جەننەتكە بارىدىغان ئەڭ يېقىن يول ئانىنىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ) ئۇنى قاقشىتىشنى ھەتتا ئۇھ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنى غەزەپلەندۈرۈشنى ھارام قىلدى. ئانىنىڭ ھەققىنى ئاتىنىڭ ھەققىدىن كاتتا قىلدى، ياشانغاندا ۋە ئاجىزلىشىپ قالغاندا ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەكىتلىدى. بۇنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىندى.

بۇنىڭدىن جۈملىسىدىن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَوَصَّيْنَا الإِنْسَانَ بِوَالِدَيْهِ إِحْسَانًا  تەرجىمىسى: «بىز ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق» [سۈرە ئەھقاپ 15-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَضَى رَبُّكَ أَلا تَعْبُدُوا إِلا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِنْدَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلاهُمَا فَلا تَقُلْ لَهُمَا أُفٍّ وَلا تَنْهَرْهُمَا وَقُلْ لَهُمَا قَوْلا كَرِيمًا وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُلْ رَبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا، ئوھوي! دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن). ئۇلارنى دۈشكەللىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن، ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن.» [سۈرە ئىسرا 23-24-ئايەتلەر].

مۇئاۋىيەتە ئىبنى جاھىمە سۈلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن سىلە بىلەن جىھاد قىلىپ بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەت دىيارىنى مەقسەت قىلىمەن دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ۋاي ساڭا! ئاناڭ ھاياتمۇ؟» دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قايتىپ كېتىپ ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن» دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا يەنە بىر تەرەپتىن كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن سىلە بىلەن جىھاد قىلىپ بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەت دىيارىنى مەقسەت قىلىمەن دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ۋاي ساڭا! ئاناڭ ھاياتمۇ؟» دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قايتىپ كېتىپ ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن» دېدى، ئاندىن ئالدى تەرىپىدىن كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن سىلە بىلەن جىھاد قىلىپ بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەت دىيارىنى مەقسەت قىلىمەن دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ۋاي ساڭا! ئاناڭ ھاياتمۇ؟» دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ۋاي ساڭا! ئاناڭنىڭ پۇتىنى لازىم تۇتقىن، (يەنى ئايىغى ئاستىدا خىزمەت قىلغىن) جەننەت شۇ يەردە، دېدى». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2781-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سۈنەن ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

بۇ ھەدىسنى ئىمام نىسائى 3140-نومۇرلۇق ھەدىستە مۇنداق بايان قىلغان: «ئاناڭنى لازىم تۇتقىن، جەننەت ئاناڭنىڭ ئىككى پۇتى ئاستىدا».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىنسانلاردىن مېنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمغا كىم بەك ھەقلىق؟دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاناڭ دېدى، ئۇ كىشى: ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاناڭ دېدى، ئۇ كىشى: ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاناڭ دېدى، ئۇ كىشى: ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاتاڭ، دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 5971-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2548-ھەدىس].

بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن دەلىللەر بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممىنى زىكىر قىلىشقا مۇمكىن بولمايدۇ.

ئىسلام ئانىنىڭ ھەققىدىن ئەگەر ئۇ خىراجەتكە ئېھتىياجلىق بولسا ئۇنىڭغا خىراجەت قىلىپ بېرىشنى ئەگەر بالىسى قادىر بولالىغان مۇددەتتە بالىسىغا ۋاجىپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئۈممىتى ئارىسىدا تارختىن بېرى ئانىلارنىڭ ھوزۇر ئۆيى ياكى ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە ئاپىرىپ قويۇلغانلىقى ياكى ئوغلى ئۆيدىن چېقىرىۋەتكەنلىكى ياكى ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭغا خىراجەت قىلىپ بېرىشتىن باش تارتقانلىقى ياكى ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى تۇرۇپ يېمەك-ئېچمەككە ئېھتىياجلىق بولۇپ ئىشلىگەنلىكى بىلىنمىدى.

ئىسلام ئايالنى توي قىلىپ ئايال بولغانلىقى بىلەن ئىززەت-ئىكرام قىلدى، ئەرلەرنى ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا، ئائىلىدە ياخشى ئۆتۈشكە تەۋسىيە قىلدى، ئەرنىڭ ئايالىغا كۆرە ھەققى بولغاندەك، ئايالنىڭ ئەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىدىن خەۋەر بەردى، لېكىن ئەر ئائىلىگە خىراجەت قىلىش، ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا دەرىجە جەھەتتە ئايالدىن زىيادە بولىدۇ. ئىسلام يەنە ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەرنىڭ ئايالنىڭ رازىلىقىسىز ئۇنىڭ مېلىنى ئېلىۋېلىشنى ھارام قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ تەرجىمىسى: «ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار» [سۈرە نىسا 19-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى: «ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇ» [سۈرە بەقەرە 228-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاياللارغا ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىڭلار، دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى3331-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1468-ھەدىس].

يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىڭلاردۇر، مەن ئائىلىگە مۇئامىلە قىلىشتا سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار». [تىرمىزى رىۋايىتى3895-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى1977-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئىسلام ئايالنى قىز دەپ ئىززەت قىلدى، ئۇنى بىلىم ئىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. قىزلارنى تەربىيەلەشتە كاتتا ئەجىر-ساۋاپ ۋەدە قىلدى. بۇنىڭ دەلىلى: بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھسسالام مۇنداق دېدى: «كىمكى ئىككى قىزىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرسە قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى مەن بىلەن مۇشۇنداق يېقىن بولىدۇ دەپ بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە قاتتى». [مۇسلىم رىۋايىتى2631-ھەدىس].

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «كىمنىڭ ئۈچ قىزى بولسا، سەۋېر قىلىپ ئۇلارنى تەربىيە قىلسا، كىيىم-كېچەك، يىمەك-ئېچمەكلىرىنى تەييار قىلىپ، خىراجەت قىلىپ بەرسە، ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئاتا-ئانىسىغا ئوتتىن پەردە-توساق بولىدۇ». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3669-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئىسلام ئايالنى ھەدە-سېڭىل، ھامما-ھامماچا جەھەتتىن ئىززەت ئىكرام قىلدى، سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈردى. نۇرغۇن ئايەت-ھەدىسلەردە سىلە-رەھىمنى ئۈزۈشنى ھارام قىلدى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! سالامنى ئاشكارا قىلىڭلار، يېمەككە ئېھتىياجلىق بولغانلارغا يېمەك بېرىڭلار، سىلە-رەھىمنى ئۇلاڭلار، كېچىدە كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا ناماز ئوقۇڭلار، تىنچ-سالامەت جەننەتكە كېرىسىلەر». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3251 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: كىمكى سىلە-رەھىمنى ئۇلىسا ئۇ كىشىگە رەھمىتىمنى ئۇلايمەن، كىمكى ئۇزسە، ئۇ كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى 5988-ھەدىس].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يوللارنىڭ ھەممىسى بىر ئايالدا جۇغلىشىدۇ، ئايال ئانا بولىدۇ، قىز بولىدۇ، ھەدە-سېڭىل بولىدۇ، ئايالى بولىدۇ، ھامما-ھامماچا بولىدۇ، جۇغلاشقان يوللارنىڭ ھەممىسىدىن ئىززەت-ئىكرامغا ئېرىشىدۇ.

ئومۇمەن: ئىسلام ئايالنىڭ شان-شەرىپىنى كۆتۈردى، ئىمان ۋە تائەت-ئىبادەت قاتارلىق نۇرغۇن دىنى ھۆكۈملەردە ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلدى. ئاخىرەتلىك جازا-مۇكاپاتتىمۇ باراۋەر قىلدى، ئايالنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلەش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش، ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ھەققى بولىدۇ. شۇنىڭدەك، مالغا ئىگىدارچىلىق قىلىش، ئېلىش-سېتىش، مىراس ئېلىش، سەدىقە قىلىش، ھەدىيە قىلىش قاتارلىق ھەقلىرىمۇ بولىدۇ. ھېچ كىشىنىڭ ئايالنىڭ مېلىنى ئۇنىڭ رازىلىقىسىز ئېلىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ. ئايالنىڭ ئېسىل ياشاش ھەققى بولىدۇ، ھېچ كىشى بۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلالمايدۇ، زۇلۇم قىلىنمايدۇ، تەلىم-ئىلىم ئىلىش ھەققى بولىدۇ، بەلكى دىنى تەرەپتىن ئېھتىياجلىق بولىدىغان بىلىملەرنى ئۈگىنىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

ئايالنىڭ ئىسلامدىكى ھەق-ھوقۇقى بىلەن ئىسلامدىن بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ياكى باشقا تەرەققى قىلغان دەۋرىلەردىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئارىسىنى سېلىشتۇرغاندا، بىز دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەقىقىتى بىلىنىدۇ، بەلكى شۇنى كېسىپ ئېيتىمىزكى: ئايال كىشى ئىسلام تەرىپىدىن ئىززەت-ئىكرام قىلىنغاندەك باشقا ھېچ قانداق بىر دىن ياكى مەدەنىيەت تەرىپىدىن ئىززەت-ئىكرام قىلىنمىدى. بۇ يەردە يەھۇدىلار، پارىسلار ياكى باشقا جەمئىيەتتىدىكى ئاياللارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالمايمىز، ھەتتا خىرىستىئانلار جەمئىيىتىنىڭمۇ ئاياللارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بەك ناچار ئېدى. لاھوتىيلار: ئايال قۇرۇق جەسەتمۇ ياكى ئۇ روھ بولغان جەسەتمۇ؟ دەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ماكۇن يېغىنىدا توپلانغان، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى: مەريەم ئەلەيھىسسالامدىن باشقا بارلىق ئاياللارنىڭ ھەممىسى روھدىن خالى بولغان جەسەت دېگەن پىكىرگە كەلگەن.

مىلادىيە 586-يىلى پىرانسىيەلىكلەر ئاياللار مەسىلىسى توغرىسىدا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ: ئالاھدا روھ بارمۇ يوقمۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ روھى بولسا، ئۇ ھايۋانى روھمۇ ياكى ئىنسانى روھمۇ؟ دېگەن تالاش-تارتىش قىلىپ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ قارارىدا: ئايال دېگەن ئىنسان بولسىمۇ لېكىن ئۇ پەقەت ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان دېگەن قارارنى چىقارغان.

ئەنگىلە پارلامىنىتى “ھىنرى سەككىزىنچى”نىڭ دەۋرىدە قارار چېقىرىپ ئايالنى نىجىس، پاك ئەمەس دەپ “ئىنجىلنىڭ ئەھدى جەدىد” تومىنى ئوقۇشتىن چەكلىگەن.

ئىنگىلىس قانۇنىدا ھەتتا 1805-يىللىرىدىمۇ ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ساتسا بولىدۇ دېيىلگەن، ئايالىنىڭ باھاسىنى ئالتە بىنسات قىلىپ بېكىتكەن.

يېڭى دەۋېردە ئايال ئون سەككىز ياشقا توشقاندا ئائىلە تۇرمۇشىغا پۇل ھازىرلاش ئۈچۈن ئۆيدىن چېقىرىلاتتى، ئەگەر ئۆيدە قالىمەن دېسە، ئاتا-ئانىسىغا ئۆزى ياشىغان ياتاق ئۆينىڭ كىراسىنى، يېگەن، ئىچكەن ۋە كىيىملىرىنى يۇغاننىڭ ھەققىنى ئۆتەيتتى. [“ھىجاپقا قايتىش”ناملىق ئەسەر 2-توم 47-56-بەتلەرگە قارالسۇن].

بۇنى قانداقمۇ ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىش، ئېھسان قىلىش، ئىززەت-ئىكرام قىلىش ۋە خىراجەت قىلىپ بىرىشكە بۇيرىغان ئىسلام بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟!.

ئىككىنچى: ئەمما زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە كەلسەك، بۇ ئەسلى پىرىنسىپى ۋە نەزەريىسى ھېچ ئۆزگەرمىدى، ئەمما بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ھەقىقەتەن ئىسلام ئالتۇن دەۋرىدە مۇسۇلمانلار رەببىنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرىنى ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە ئەمەلىيلەشتۈرەتتى. ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئايالىغا، قىزىغا، ھەدە-سېڭىللىرىغا ۋە ئومۇمى ئاياللارغا ئېھسان قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلاتتى. ئىنسانلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ئاجىزلىشىپ سۇسلاشقانسىرى ئۇلارنىڭ بۇ ھەق-ھوقۇقلارنى ئادا قىلىشىدىمۇ كەمچىللىك كۆرۈلۈشكە باشلىدى، لېكىن قىيامەتكىچە ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلىدىغان ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر جامائەت مەۋجۇت، ئۇلار ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئادا قىلىش ۋە ئۇلارنى ئىززەت-ئىكرام قىلىشتا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدۇر.

بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى-ئېتىقادى ئاجىزلىغان بولسىمۇ، بەزى ئىنسانلار تەرىپىدىن زۇلۇم قىلىنىپ، ئېتىبارسىز قارىلىپ، بەزى ھەق-ھوقۇقلىرى تولۇق ئادا بولمىسىمۇ لېكىن ئايال ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئانىلىق، قىزلىق، ئاياللىق ۋە ھەدە-سېڭىللىقتىن ئىبارەت ئالى ماقامىدا تۇرىۋاتىدۇ، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن سوئال قېلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى