جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاياققا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن، تاھارەت ئېلىپ پايپاق كەيگەن بولسا، پايپاقتىن پۇتىغا سۈ ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، بۇ پايپاققا مەسىھ قىلىش توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

   تاھارەت ئېلىپ پايپاقنى كەيدىم، پايپىقىم سۇخانىدا يەردىكى سۇغا تېگىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن جۈمەكتىن سۈ چۈشۈرۈپ پايپىقىمنى پاكىزلاشنى خالىدىم، چۈنكى سۇخانىدا بەزى ۋاقىتتا مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ كېچىك تەرەتلىرىگە ئوخشاش نىجاسەتلەر بولۇپ قالىدۇ، مەن پايپىقىمدىن يەردىن يۇقۇپ قالغان نىجاسەتنىڭ تامچىلىرى ئېقىپ كەتتى دەپ ئىشەنچ قىلغانغا قەدەر يۇيىۋەتتىم، مەن بۇ پايپاقنى تاھارەت ئىلىپ كەيگەن بولغاچقا ئاياققا مەسىھ قىلغاندەك بۇنىڭغىمۇ مەسىھ قىلسام بولامدۇ؟ سىلەر بىلىسىلەر، پايپاققا سۇ ئېقىتقاندىن كېيىن سۇ تېرىگە يېتىپ بارىدۇ، مۇشۇ ھالەتتە پايپاققا مەسىھ قىلسام  بولامدۇ بولمامدۇ؟ ئەگەر مەسىھ قىلىش توغرا بولمىسا، مەن ئۆتۈپ كەتكەن نامازلىرىمنى قانداق قىلىمەن؟، مەن بىرقانچە قېتىم شۇنداق قىلغان ئېدىم. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەسلى قائىدىدە پايپاق ۋە سۇ پاكتۇر، نىجاسەتنىڭ پايپاققا تەككەنلىكىگە ئىشەنچ قىلماستىن پەقەت شەك قىلىش بىلەن ئۇنى نىجىس دەپ ھۆكۈم قىلىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىق بولمىغان ھالەتتە ئۇنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى يوق قىلىش مۇھىم بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: پايپاقنى يۇيۇش جەريانىدا سۇنىڭ پۇتىڭىزنىڭ تېرىسىگە يېتىپ بېرىشىنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، ئەگەر سىز پايپاقنى تاھارەت ئىلىپ كەيگەن بولسىڭىز ئۇنىڭغا مەسىھ قىلسىڭىز بولىدۇ.

    پىقھى ئۆلىمالىرى، ئاياققا مەسىھ قىلىشتا، ئاياغ سۇنىڭ پۇتىغا يىتىپ قىلىشىنى چەكلىشى شەرتمۇ ياكى شەرت ئەمەسمۇ؟دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزى ئۆلىمالار شەرت ئەمەس دېگەن قاراشقا باردى، مانا بۇ ھەنبەلى مەزھىبىنىڭ قارىشىدۇر.   "مەتالىبۇ ئۇلىننۇھا"1-توم 131-بەتتە مۇنداق دېگەن: "يەتتىنچى شەرت، مەسىھ قىلىنىدىغان نەرسە بىلەن ئادەتتە مېڭىش مۇمكىن بولىشى كېرەك، ئۇنىڭ سۇنىڭ پۇتىغا يېتىشنى چەكلىشى شەرت ئەمەس، ئۇنىڭدا يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولىشى كېرەك".

    يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار، مەسىھ قېلىنىدىغان نەرسە سۇنىڭ پۇتىغا يېتىپ قىلىشىنى چەكلىشى شەرت قىلىنىدۇ دەيدۇ، شاپىئىي مەزھەب ئۆلىمالىرى مۇشۇ قاراشتا. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇ"ناملىق ئەسەر 1 -توم 531-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" ئاياقنىڭ سۇنىڭ پۇتىغا يىتىپ قىلىشىنى چەكلىشى ئۈچۈن قېلىن بولىشى شەرتمۇ؟ بۇنىڭدا ئىككى تۈرلۈك قاراش بولۇپ، بۇنى ئىمام ھەرەمەين ئەل جۈۋەينى ۋە باشقا ئۆلىمالار بايان قىلغان:

    بىرىنچىسى: ئاياقنىڭ سۇنىڭ پۇتىغا يىتىپ بېرىشنى چەكلىشى ئۈچۈن قېلىن بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئەگەر مەسىھ قىلىنىدىغان نەرسە توقۇلغان نەرسىلەردىن بولسا، ئۇنىڭغا سۇ تۆكسە ئۆتۈپ كەتسە ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئىككىنچىسى: ئاياقنىڭ سۇنىڭ پۇتىغا يېتىپ بېرىشىنى چەكلىشى شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى سۇ ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ پۇتىنى ياپىدىغان نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن. بۇ قاراشنى ئىمام ھەرەمەين جۇۋەينى ۋە ئىمام غەزالىي قاتارلىق ئۆلىمالار تاللىغان، بۇ ئىمام شاپىينىڭ دەسلەپكى مەزھىبىدۇر.

    ئاياقنىڭ سۇنىڭ پۇتىغا يېتىپ قىلىشىنى چەكلىشى شەرت ئەمەس دېگەن قاراش كۈچلۈكتۇر، چۈنكى سۇنىڭ پايپاقتىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكىنى شەرت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان دەلىل كەلمىگەن، ئەگەر ئۇ ئادەتتە پايپاق دەپ قارالسا، كىشىلەر كەيسە، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرا بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى