جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ۋەخپىنىڭ ئىئانە ساندۇقى يوقاپ كەتكەن بولسا، مەسئۇل بولغان كىشىنىڭ ئۇنى تۆلىشى كېرەك بولامدۇ؟

سۇئال

   ۋەخپىنىڭ ئىقتىسادىنى تەسەررۇپ قىلىپ مەقسەتسىز ساندۇقنى زايە قىلىۋەتكەن بولسا بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ئىئانە توپلاش ساندۇقىنى چوڭ مەسچىتتە قويۇپ، توپلانغان بارلىق ئىئانىلەرنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ ئاندىن ساندۇقنى يەنە مەسچىتكە قايتۇرۇپ كېلىدۇ، بۇ ساندۇق ۋەخپىگە ئىئانە توپلاش ئۈچۈن ئېشلىتىلىنىدۇ، كېيىن بۇ ساندۇق مېنىڭ ئىدارە ئېتىۋاتقان ۋاقتىمدا يوقاپ كەتتى، ئۇنى تاپالمىدىم، مېنىڭ بۇ ساندۇقنى تۆلىشىم كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ ساندۇق سىزنىڭ باشقۇرۇش ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشقا سەل قارىماستىن ۋە بىخەستەلىك قىلماستىن يوقاپ كەتكەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىزگە تۆلەم كەلمەيدۇ، ئەمما سىز ساندۇقنى ساقلاشقا سەل قارىغان بولسىڭىز ئۇ ۋاقىتتا سىزگە تۆلەم كېلىدۇ، ئەگەر ساندۇقتا مال بولغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بار بولغان ماللارنىڭ ھەممىسىنى تۆلەيسىز، چۈنكى سىز بۇ ساندۇقنى ساقلاشقا مەسئۇل قىلىنغان، ئىشەنچىلىك كىشى بولۇش سۈپىتىسىڭىز بىلەن، سىز ساندۇقنى ساقلاشقا سەل قاراپ ياكى پەرۋا قىلماي يوقۇتۇپ قويغان بولسىڭىز تۆلەيسىز ئۇنداق بولمىسا تۆلىمەيسىز. [پىقھى توپلاملىرى 28-توم 258-259-بەت].

   ئۆلىمالارنىڭ مەشھۇر قارىشىدا قول ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: ئامانەتدار قول ۋە تۆلەيدىغان قول.

   ئامانەتدار قول: مال-مۈلۈككە رەسمى ئىگە بولماستىن ۋاكالىتەن ئىگە بولغان يەنى ئامانەت ئالغان، ئارىيەت ئالغان، ئىجارە ئالغان، شېرىك بولغان، مۇزارىبەت قىلغان، ۋەخپىنى باشقۇرغان ۋە تەۋسىيە بىلەن ئىگە بولغان كىشىلەردىن ئىبارەتتۇر.

كېپىل بولىدىغان قول: ئىگىدارچىلىق ياكى مەلۇم مەنپەئەت يولى بىلەن مالغا ئىگە بولغۇچى بولۇپ، ئۇ، مال سېتىۋالغۇچى، سېتىۋېلىش باھاسىغا ئاساسەن مالنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى، گۆرەگە ئالغۇچى، بۇلاپ ئالغۇچى، ئىگە بولۇپ ئالغۇچى ۋە قەرىز ئالغۇچىلارغا ئوخشاش.

    ئامانەتدار قولنىڭ ھۆكمى: بىر نەرسىنى مەن ئۈستۈمگە ئالدىم دەپ ئىگە بولغان بولسا، بۇنى ساقلاش ئىشلىرىدا سەل قارىمىسا، ھەددىدىن ئاشمىسا، ئۇنىڭدا ئامانەتكە ئوخشاش تۆلەم كەلمەيدۇ.

   كېپىل بولىدىغان يەنى تۆلەم تۆلەيدىغان-قولنىڭ ھۆكمى: ئۇ كىشى مالنى ئىگە بولۇش ياكى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلنىش يولى بويىچە ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا، ھەرقانداق ھالەتتە ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ، يوق قىلسا ياكى بۇزسا تۆلەيدۇ، ھەتتا تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن ھالاك بولغان بولسىمۇ ياكى ئۇنى ساھىبىغا قايتۇرۇشتىن ئاجىز كەلسىمۇ ئوخشاشلا ئۆزى بۇزىۋەتكەن ياكى ھالاك قىلىۋەتكەن نەرسىنى تۆلىگەندەك تۆلەيدۇ.

    مالغا ئىگە بولغۇچى ئۆزى ئىگە بولغان مالغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، مالغا ئىگىدارچىلىق قىلىش سودا كېلىشىمى ياكى ئىزنى ئېلىش، باشقا بىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسا، يەنى سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە تاپشۇرۇپ ئېلىش ياكى بۇلاپ ئالغانغا ئوخشاش ئىزنىسىز ئېلىش قاتارلىقلار، بۇ ۋاقىتتا كاپالەتلىك قىلىش گەرچە مال باشقا كىشىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، مالنىڭ ئىگىسىگە بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئامانەت قويۇش، ئارىيەت ئېلىش يولى بىلەن بولسىمۇ ئۇ ۋاقىتىدا تۆلەم-كاپالەت مالنىڭ ئىگىسىگە بولىدۇ".

    شۇنىڭغا ئاساسەن: سىز ساندۇقنى ۋەخپە قېلىنغان ئىشقا ئىشلەتكەن بولسىڭىز، سىزدىن ھەددىدىن ئېشىش، سەل قاراش، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ ساقلاشقا بىخۇتلۇق قىلىش ھاسىل بولمىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىزگە تۆلەم كەلمەيدۇ، ئەگەر مۇمكىن بولسا سىز يوقالغان ساندۇقنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراق باشقا بىر ساندۇقنى كەلتۈرۈپ قويسىڭىز، بۇ سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، شەك-شۈبھىدىن خالى، سۆز-چۆچەكتىن يىراق بولىدۇ، بۇ ئىئانە توپلايدىغان ساندۇق بولغانلىقى ئۈچۈن  سىزگە كۆپ ئەجىر بولىدۇ، سىزگە ۋەزىپە بولمىسىمۇ يەنە بىر ساندۇق كەلتۈرۈشكە تېرىشىڭ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى