دۇشەنبە 16 مۇھەررەم 1446 - 22 ئىيۇل 2024
Uygur

پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋىلىرى توغرىسىدا

سۇئال

 پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەر (شۇئەيىب، يۈسۈپ، ئەييۇب، يۈنۈس، مۇسا، ئىلياس، يەسەئ، زۇل كېپىل، داۋۇد، سۇلايمان، زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارنىڭ مەرتىۋىلىرى قۇرئان كەرىمدە قانداق بايان قىلىنغان؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئاللاھ تائالا بىزگە پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئارتۇق قىلغانلىقىنى خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: وَرَبُّكَ أَعْلَمُ بِمَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَلَقَدْ فَضَّلْنَا بَعْضَ النَّبِيِّينَ عَلَى بَعْضٍ وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُوراً تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ. بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق» [سۈرە ئىسرا 55-ئايەت].

   ئىسلام ئۈممىتى پەيغەمبەرلەردىن ئەلچىلەرنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغاندەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەزىلەت پەرقلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تِلْكَ الرُّسُلُ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَى بَعْضٍ مِّنْهُم مَّن كَلَّمَ اللّهُ وَرَفَعَ بَعْضَهُمْ دَرَجَاتٍ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ وَلَوْ شَاء اللّهُ مَا اقْتَتَلَ الَّذِينَ مِن بَعْدِهِم مِّن بَعْدِ مَا جَاءتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَلَـكِنِ اخْتَلَفُواْ فَمِنْهُم مَّنْ آمَنَ وَمِنْهُم مَّن كَفَرَ وَلَوْ شَاء اللّهُ مَا اقْتَتَلُواْ وَلَـكِنَّ اللّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ تەرجىمىسى: «ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام) بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى؛ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 253-ئايەت].

   پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بەش بولۇپ ئۇلار:

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسدالاملاردۇر.

   ئۇلار بولسا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان ئەلچىلەر ئېچىدىكى ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُوْلُوا الْعَزْمِ مِنَ الرُّسُلِ وَلَا تَسْتَعْجِل لَّهُمْ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن» [سۈرە ئەھقاپ 35-ئايەت]. 

   ئۇلارنىڭ ئىسمى قۇرئان كەرىمدە ئىككى ئورۇندا ئاتالغان.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ أَخَذْنَا مِنَ النَّبِيِّينَ مِيثَاقَهُمْ وَمِنكَ وَمِن نُّوحٍ وَإِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ وَأَخَذْنَا مِنْهُم مِّيثَاقاً غَلِيظاً تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا بىز پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئالدۇق، سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن، مەريەم ئوغلى ئىيسادىن مەھكەم ئەھدە ئالدۇق» [سۈرە ئەھزاب 7-ئايەت]. 

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: شَرَعَ لَكُم مِّنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحاً وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَن يُنِيبُ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ» [سۈرە شۇرا 13-ئايەت]. 

   ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن بەزىسىنى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى-پەزىلىتىنى ۋاجىپ قىلىدىغان بەزى ئاتا-ئېھسانلارنى بېرىش ئارقىلىق پەزىلەتلىك قىلدى.

   ئىمام قۇرتۇبى ئۆزىنىڭ تەپسىرى 3-توم 249-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئۇلارنىڭ بەزىسىنى  بەزىسىدىن پەزىلەتلىك قىلدۇق دېگەن سۆز، ھەقىقەتەن ئۇلار بېرىلگەن پەزىلەت ۋە بەزى ۋاسىتىلارنى بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

   نۇھ ئەلەيھىسسالامنى زېمىن ئەھلىگە تۈنجى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىش ۋە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغۇچى بەندە دەپ ئاتاش بىلەن پەزىلەتلىك قىلدى.

    ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ دوستى قىلىش بىلەن پەزىلەتلىك قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: واتَّخَذَ اللّهُ إِبْرَاهِيمَ خَلِيلاً تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى.» [سۈرە نىسا 125-ئايەت].

    ئىنسانلارغا يېتەكچى-ئىمام- قىلىش بىلەن پەزىلەتلىك قىلدى.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قَالَ إِنِّي جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَاماً تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئىبراھىمغا: «سېنى چوقۇم كىشىلەرگە(دىندا) پېشۋا قىلىمەن.» دېدى. [سۈرە بەقەرە 124-ئايەت].

   مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بىۋاستە سۆز قىلىش بىلەن پەزىلەتلىك قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قَالَ يَا مُوسَى إِنِّي اصْطَفَيْتُكَ عَلَى النَّاسِ بِرِسَالاَتِي وَبِكَلاَمِي فَخُذْ مَا آتَيْتُكَ وَكُن مِّنَ الشَّاكِرِينَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم. ساڭا مەن ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن.» [سۈرە ئەئراپ 144-ئايەت]. 

   ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە تاللىدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاصْطَنَعْتُكَ لِنَفْسِي تەرجىمىسى: «سېنى مېنىڭ مۇھەببىتىمگە (يەنى پەيغەمبەر قىلىپ ۋەھىي نازىل قىلىشىمغا) تاللىدىم» [سۈرە تاھا 41-ئايەت].

   ئۇنىڭغا ئۆزى تەرەپتىن بولغان سۆيگۈنى قىلدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِتُصْنَعَ عَلَى عَيْنِي تەرجىمىسى: «ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم» [سۈرە تاھا 39-ئايەت].

    ئىسا ئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش، ئاللاھ تائالانىڭ مەريەمگە تاشلىغان سۆزى بولۇش، ئاللاھ تەرەپتىن بولغان روھ بولۇش ۋە بۆشۈكتىكى ھالىتىدە ئىنسانلارغا سۆز قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن پەزىلەتلىك قىلىندى.

    پەيغەمبەرلەر يەنە بىر تەرەپتىنمۇ بىر-بىرىدىن پەزىلەتلىك قىلىندى: بۇ توغرىدا شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 34-توم 35-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتتە پەيغەمبەرلەردىن پادىشاھ بولغانلار بار، پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك ھالەت بولىدۇ: ياكى يالغانغا چىقىرىلىدۇ، ئەگىشىلمەيدۇ ۋە ئىتائەت قىلىنمايدۇ، ئۇ پادىشاھلىق بېرەلمىگەن پەيغەمبەردۇر.

     ياكى ئىتائەت قىلىنىدۇ شۇنىڭدەك ئۇ ئىتائەت قىلىنىدىغان پادىشاھ بولىدۇ، لېكىن پەقەت ئۆزى بۇيرۇلغان ئىش بىلەن كىشىلەرنى بۇيرۇيدىغان بولسا ئۇ پادىشاھ ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى بولىدۇ.

    ئەگەر ئۆزى خالىغان نەرسە مۇباھ نەرسىلەر بىلەن بۇيرۇيدىغان بولسا، ئۇ پادىشاھنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، بۇ خۇددى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا دېيىلگەندەك: هَٰذَا عَطَاؤُنَا فَامْنُنْ أَوْ أَمْسِكْ بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: « (بىز سۇلايمانغا ئېيتتۇقكى) «بۇ بىزنىڭ (ساڭا بەرگەن كەڭ) ئاتايىمىز، (ئۇنىڭدىن سەن خالىغان كىشىگە) بەرگىن ياكى بەرمىگىن، (بۇ ھەقتە سەندىن) ھېساب ئېلىنمايدۇ» [سۈرە ساد 39-ئايەت].

   سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ھەم پەيغەمبەر ھەم پادىشاھتۇر.

   بۇ يەردە پادىشاھلىق پەيغەمبەرلىكنىڭ بىر قىسمىدۇر، بۇ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دېيىلگەنگە ئوخشاش: «ياكى ئاللاھنىڭ قۇلى رەسۇلى بولۇشنى تاللىغىن ياكى پەيغەمبەر پادىشاھ بولۇشنى تاللىغىن»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالى بولسا، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈچلاندۇرۇلغان، ئىتائەت قىلىنىدىغان ۋە ئەگىشىلىدىغان بەندە ۋە رەسۇل ئېدى، بۇنىڭ بىلەن باشقا مەنپەئەتلىرىمۇ بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىتائەت قىلىنىدىغان ۋە ئەگىشىلىدىغان بولىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بولىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ، ئۇنىڭ بىلەن رەھمەت  قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئۇلارغا رەھمەت بولىشى ئۈچۈندۇر، پادىشاھلىق ۋە مال-دۇنيا بىلەن مەنپەئەتلىنىپ قىلىپ ئاخىرەتلىك نېسىۋىسىنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پادىشاھ بولۇشنى تاللىمىدى، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا پەيغەمبەر پادىشاھتىن رەسۇل بەندىنىڭ پەزىلىتى يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملار داۋۇد، سۇلايمان ۋە يۇسۇپ ئەلەيھىسسالاملاردىن ئەۋزەلدۇر".

    پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى مەرتىۋىسىنى مۇشۇنداق سۈپەتلەش مۇمكىن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا مەرتىۋە جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى بولغىنى ئىرادىلىك ئەلچىلەر-رەسۇللاردۇر، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولسا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى مەن ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ خوجىسى-سەييىدى- قەبرىسى يېرىلىپ تۇنجى چېقىدىغان كىشى ۋە تۈنجى قېتىم شاپائەت قىلغۇچى ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنغۇچىمەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 4223-ھەدىس].

   ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى زىكىر قىلىپ مەرتىۋە ۋە پەزىلەت بايان قىلىشنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىمۇ ھېچ بىر دەلىلى يوق. مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقىنى تاپىمەن دەپ جاپا تارتىپ ئىزدىنىشىنىڭ كېرىكى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدە ۋە ھەدىس كىتابلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە بۇنى زىكىر قىلمىدى.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى