يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

ۋەسۋەسە كەلگەندە ئۇنى تىللاپ لەنەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن يامان ۋەسۋەسىگە ئۇچرايمەن، بولۇپمۇ نامازغا تۇرغاندا ياكى يالغۇز قالغان ۋاقتىمدا شۇنداق بولىدۇ، ماڭا ۋەسۋەسە كەلگەندە، بەك ئاچچىقلىنىپ قالىمەن، ئېغىزىمدىن  ناچار سۆزلەر چىقىپ كېتىدۇ ھەتتا ئۆزۈمگە، ئاتا-ئانامغا لەنەت ئېيتىپ كېتىمەن، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ماڭا توغرا يول كۆرسىتىشىڭلارنى، مەن ئۈچۈن خالىس دۇئا قىلىپ قويىشىڭلارنى سورايمەن، ئاللاھ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

ۋەسۋەسە؛ بىر تۈرلۈك كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭغا دۇچار بولغان كىشى تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن داۋالىنىشى كېرەك:

1-ئاللاھغا يېلىنىپ ئاللاھدىن پاناھلىق تىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغان كىشىنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ، قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىدۇ. ئەييۇپ ئەلەيھىسسالام ئىلتىجا قىلغاندەك ئىلتىجا قىلىش كېرەك: وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَى رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ تەرجىمىسى: «(ئەييۇبنىڭ قسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بالا (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى». [سۈرە ئەنبىيا 83-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر كېسەلنى نازىل قىلسا ئۇنىڭ ئىلاجى-دورىسىنى بىرگە نازىل قىلىدۇ، ئۇنى بىلگەنلەر بىلىدۇ، بىلمىگەنلەر بىلمەيدۇ» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 3727-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ “غايەتىل مۇرام” ناملىق ئەسەر292-ھەدىستە كەلتۈرگەن.

ئىلاج-داۋا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن بولىدۇ، شىپالىق ئاللاھنىڭ قولىدا بولىدۇ، سەھەر ۋاقتىنى غەنىمەت بىلىپ ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش كېرەك. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ: «كىم ماڭا دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، بىر نەرسە سورىسا سورىغىنىنى بېرىمەن، ئىستىغپار ئېيتىپ كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا ئەپۇ قىلىمەن دەيدۇ» [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى6321-ھەدىس. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 758-ھەدىس].

2-ۋەسۋەسىلەردىن ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋەسۋەسىگە دۇچار بولغان كىشىنى: «ئاللاھدىن پاناھلىق تىلەپ، ئۇنىڭدىن يېنىشقا بۇيرىدى» [بۇخارى رىۋايىتى 3276-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 134-ھەدىس].

سىزگە ئۆزىڭىز ياكى باشقىلارنى تىللاش ۋە لەنەت قىلىش تۈرتكىسى بولغاندا ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەڭ، ئاللاھنى زىكىر قىلىش، تەسبىھ ئېيتىش ياكى يۇقىرى ئاۋازدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ياكى دوستلىرىڭىز بىلەن سۆھبەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇڭ.

3-ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭ، بولۇپمۇ ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىڭ، چۈنكى ۋەسۋەسە دېگەن شەيتاندىن ياكى شەيتاننىڭ ئارىلىشىشىدىن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ نامى زىكىر قىلىنسا شەيتان خار بولۇپ بۇرۇلۇپ قاچىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيع الْعَلِيمُ  تەرجىمىسى: «ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەرىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە پۇسسىلەت 36-ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: “ئەمما جىننىڭ شەيتانلىرىنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن قۇتۇلۇش ئۇنى سىزگە مۇسەللەت قىلغان ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىدىن پاناھلىق تىلەش بىلەن بولىدۇ. سىز ئاللاھقا سېغىنىپ ۋە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ پاناھلىق تەلەپ قىلسىڭىز، ئاللاھ ئۇنى سىزدىن توسۇپ، ئۇنىڭ ھىلى-مېكىرلىرىنى رەت قىلىدۇ.

ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازغا تۇرىدىغان ۋاقىتتا: «ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچى ئاللاھقا سېغىنىپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغۇچى شەيتاننىڭ سۈپكۆش قىلىشى، ئازدۇرۇشى ۋە ۋەسۋەسە قىلىشىدىن پاناھلىق تىلەيمەن دەيتتى». [مۇسلىم رىۋايىتى 2203-ھەدىس].

ئوسمان ئىبنى ئەبىل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن نامازغا تۇرغاندا شەيتان كېلىپ مەن بىلەن نامىزىمنىڭ ئارىسىغا توسانجا بولىدۇ، قىرائەتلىرىمنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ئۇ ھەنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، سەن ئۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا ئۇنىڭ ئەسكىلىكىدىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھلىق تىلىگىن ۋە سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم سۇپلىۋەتكىن، دېدى. ئۇ كىشى: مەن شۇنداق قىلغانىدىم، ئاللاھ تائالا ئۇنى مەندىن كەتكۇزىۋەتتى» دېدى.

يەھيا ئەلەيھىسسالام ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇنداق تەۋسىيە قىلغان: «مەن سىلەرنى ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىشقا بۇيرۇيمەن. بۇنىڭ مىسالى: ئارقىسىدىن دۇشمەن قوغلاپ كەلگەن ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇ كىشى بىر قورغانغا كېلىپ دۇشمەندىن ئۆزىنى ساقلىغاندەك، ئىنسان ئۆزىنى شەيتاننىڭ مىكىرلىرى ۋە ئازدۇرۇشىدىن پەقەت ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش ئارقىلىقلا ساقلاپ قالالايدۇ» [تىرمىزى رىۋايىتى2863 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

4 -ئىشەنچىلىك مۇسۇلمان تېۋىپنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك. بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، ۋەسۋەسە دېگەن كېسەلنىڭ بىر تۈرى، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «داۋالىنىڭلار!، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قېرىلىق-ياشانغانلىقتىن باشقا ھەر قانداق بىر كېسەلنى قىلسا ئۇنىڭ دورىسى-ئىلاجىنى بىرگە قىلدى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 17726-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى  2038-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3855  -ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3436-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

5-شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولغان كىشىنىڭ دېگەن گەپ-سۆزلىرى ئۈزۈرلۈك بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇ گەپ-سۆزلەرنى ئۆز ئىرادىسى ۋە ئۆچمەنلىكىدىن دېمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا سەۋېر قىلىپ، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىدىكەن ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا گىرىپتار بولغان كىشىمۇ ۋەسۋەسىنى ئۆچ كۆرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشقا تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ساھابىلاردىن بىر توپ كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!  بىزلەردىن بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق كاتتا ئىشلار كېلىدۇكى، بىز ئۇنى سۆزلەشنى بەك چوڭ ئىش  دەپ قارايمىز؟، بىزگە چۈشەنچە بەرسىلە دېگەندە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: شۇنداق ئىشلارغىمۇ ئۇچرىدىڭلارمۇ؟ دەيدۇ. ساھابىلار: ھەئە دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇ ئوپ-ئوچۇق ئىماندۇر ، دەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى132-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ ” مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە”  بۇ ھەدىسنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: “سىلەرگە ئۇنى ئېغىزدىن چىقىرىش بەك كاتتا بولغان ئىش دېگەن ئوپ-ئوچۇق ئىماندۇر، بۇنى تىلغا ئىلىش كاتتا، ئېغىزدىن چىقىرىپ قىلىش بەك قورقۇنچلۇق ، ھەتتا تىل بىلەن تەلەپپۇز قىلماستىن كۆڭلىگە كېلىپ قىلىشتىنمۇ ئەنسىرىگەن بولسا، بۇنداق كىشىنىڭ ئىمانى ھەقىقى مۇستەھكەم بولغان، ئۇ كىشىدىن شەك-شۈبھىلەر ۋە گۇمانلار يوق بولغان بولىدۇ”.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن 62839 -، 25778 -، 39684 – نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالادىن سىزگە سالامەتلىك ۋە شىپالىق تىلەيمىز.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى