پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاتا-ئانىغا ياخشىلىقنى قايسى شەكىلدە قىلىدۇ؟

سۇئال

   مېنىڭ دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقىم مۇنداق: ئاتام بىلەن ئانام دائىم بىر پىكىرگە كىلەلمەيدۇ، چۈنكى ئاتامنىڭ مىجەزى ئىتتىك، شەخسىيىتى سىرلىق ياكى سۈرلۈك. مەن ۋە  قىرىنداشلىرىم بەك قورقىمىز، نورمال پاراڭلاشقاندىن باشقا ئىختىيارى پىكىر ئالماشتۇرالمايمىز، مەن ئاتامنى رازى قىلىپ جەننەتتىن نەسىۋە ئېلىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇغان، مەن بەك ھەيرانلىقتا، ئاتامغا قايسى شەكىلدە ياخشىلىق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى يالغۇز ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىغان بۇيرۇق بىلەن بىرگە كەلتۈردى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا   تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى» [سۈرە ئىسرا  23-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا  تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.» [سۈرە نىسا 36-ئايەت. 

    مانا بۇ ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

     ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن: ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش، ئېھتىرام قىلىش، ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش، ئۇلارغا ئوچۇق چېراي، سىلىق، تۆۋەن ئاۋازدا سۆز قىلىش، ئۇلارغا ئۇھ، دېمەسلىك، ئۇلارنى سىلكىمەسلىك (سۆزدە بولسۇن ياكى ھەرىكەتتە بولسۇن)ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، تەلىپىنى ئورۇنداش، ئىشلاردا مەسلىھەت سىلىش، سۆزىگە قۇلاق سىلىش، ئۇلارغا گەدەنكەشلىك قىلماسلىق، ئۇلار ھايات بولسۇن ياكى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى ھۆرمەت قىلىش قاتارلىقلار.

    يەنە ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز سەپەرگە چىقماسلىق، ئۇلاردىن يۇقىرى ئورۇندا ئولتۇرماسلىق، ئۇلاردىن ئىلگىرى تاماققا قول ئۇزاتماسلىق، ئايالى ياكى ئەۋلادلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئارتۇق كۆرمەسلىك.

    ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن: ئايرىم ياشايدىغان بولسا ئۇلارنى پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرۇش، سوغات-ھەدىيە تەقدىم قىلىش، ئۆزىنى كېچىلىكتىن چوڭ بولغۇچە بىقىپ-چوڭ قىلىپ ياخشى تەربىيە قىلغانلىقىغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىش.

    ئاتا-ئانىسى ئارىسىدىكى يىرىكلىك ۋە ئىختىلاپلارنى يوق قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىش، كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان پەزلى-رەھمىتىنى ئەسلىتىش، ئۇلاردىن ھەقسىزلىككە ئۇچرىغىنىغا تەسەللى ئېيتىش، ئۇنى سۆز بىلەن ۋە باشقا ئىشلار بىلەن كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ خۇرسەن قىلىش قاتارلىقلار.

    ئاتىڭىزنىڭ سىزگە بولغان پوزىتسىيسى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، سىز ئەدەپلىك ۋە ئەخلاقلىق بولۇڭ، گۇناھ-مەسىيەت ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ھەر قانداق ئىشتا ئۇنى ئاچچىقلاندۇرۇش ۋە بىئارام قىلىشتىن يىراق تۇرۇڭ، ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى بەندىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدىن ئۈستۈن بولىدۇ. 

    ئاللاھ تائالادىن ئۇ ئىككەيلەنگە ھىدايەت تىلەڭ، ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلىڭ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا دۇئالارنى ئاڭلىغۇچى ۋە ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى