شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېھراملىق كىشى ئاياغ كىيىمى كىيسە توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

   ئېھراملىق كىشى شوينىلىق ئاياغ كىيسە توغرا بولامدۇ؟ ئېھراملىق كىشىنىڭ ئاياغ كىيىشى چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا دەلىل بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئېھراملىق كىشىنىڭ ئاياغ كىيىمى كىيىشى سۈننەت بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئېھرامغا كىرسە، ئاستى ئۈستى  ۋە ئىككى كەش بىلەن ئېھرامغا كىرسۇن ».

ئېھرامغا كىرگەن كىشى ئەڭ ياخشىسى شوينىلىق، قونچلۇق ۋە قىشلىق ئاياغلارنى كىيمەسلىكى كېرەك، ئەگەر ئاياغ كىيىم كىيمەي ئېھرام كىيسىمۇ بولىدۇ". ["ئىسلام پەتىۋاسى" 2-توم 232-بەت].

    پەيرۇز ئابادىي"قامۇس ئەلمۇھىيت" ناملىق ئەسەرنىڭ 1374-بىتىدە: ئىنساننىڭ پۇتىنى زېمىندىن ساقلايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلدۈرىدۇ، ئاياغنىڭ شوينىلىق ياكى شوينىسىز بولىشى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، ھەر قانداق ئاياغ بىلەن ئېھرام كىيسە توغرا بولىدۇ دەيدۇ".

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد