پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مەزھەبلەردىن بىرەرسىگە ئەگىشىش ۋاجىپمۇ؟

سۇئال

ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ تۆت مەزھەپنىڭ (مالىكى ياكى ھەنەفىي، ھەنبەلىي ياكى شافىئىي) بىرىگە ئەگىشىشى ۋاجىپمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، قايسىسى ئەڭ ئەۋزەلرەك؟. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تارقالغان مەزھەپ ھەنەفىي مەزھىپى دېگەن قاراش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن تۆت مەزھەپنىڭ مەلۇم بىرىگە قارىغۇلارچە ئەگىشىشى ۋاجىپ بولمايدۇ. ئەمما شەرىئەت پرىنسىپى ۋە دەلىللەر ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىش، چۈشىنىش ۋە ئەسلى مەقسەتنى مۇلاھىزە قىلىشتا كىشىلەر پەرقلىق بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك بەزى كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن مەزھەپكە ئەگىشىشى مۇتلەق توغرا، بەلكى ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنداقلا بەزى كىشىلەرنىڭ شۇ مەزھەپنىڭ دەلىل-ھۆججەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئەگىشىشى زۆرۈر بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى بۇ مەسىلىگە ناھايىتى قانائەتلىنەرلىك ۋە تولۇق جاۋاب بەرگەن بولۇپ، بىز بۇنى تۆۋەندە ئەينەن بايان قىلىمىز.

سوئال:

تۆت مەزھەپنىڭ بىرىگە باغلىنىش ۋە ھەر زامان ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئەگىشىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، دەپ سورالغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى بۇ مەسىلىگە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

1-تۆت مەزھەپ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق تۆت ئىمامغا نىسبەت بېرىلگەن مەزھەپلەر بولۇپ، ھەنەفىي مەزھىپى ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھغا نىسبەت بېرىلگەندەك، باشقا مەزھەبلەرمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىماملارغا نىسبەت بېرىلگەن.

2-يۇقىرىدا ئىسمى زىكىر قېلىنغان ئىماملار پىقھى بىلىملەرنى قۇرئان-ھەدىس ئارقىلىق چۈشەنگەن ۋە شۇ يولدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندۇر. پىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتا تىرىشچانلىق قىلغان كىشى توغرا ھۆكۈم قىلسا قوش ئەجرىگە ئېرىشىدۇ، يەنى تىرىشچانلىق ۋە توغرا ھۆكۈم قىلغانلىقتىن ئىبارەت. ئەمما تىرىشچانلىق قېلىپ تۇرۇغلۇق ھۆكۈمدە خاتالاشسا، تىرىشچانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر ئەجىر بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ خاتالىقى ئۆزرىلىك دەپ قارىلىدۇ.

3-قۇرئان-ھەدىستىن بىۋاستە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر بولغان كىشى پىقھى ھۆكۈملەرنى ئىلگىرىكى ئىماملارغا ئوخشاش قۇرئان-ھەدىستىن چىقىرىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ھەقىقەت ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قارشىسىدا دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشى توغرا بولمايدۇ. بەلكى مۇئەييەن مەسىلىدە ئۆزى قۇرئان-ھەدىستىن بايقىغان ھۆكۈمنى ھەقىقەت دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. ئەمما قۇرئان-ھەدىستىن بىۋاستە ھۆكۈم چىقىرىشتىن ياكى ئايەت-ھەدىستىن ھۆكۈم بايقاشتىن ئاجىز كەلگەن مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ بىرىگە ئەگىشىشى توغرا بولىدۇ.

-4قۇرئان-ھەدىستىن بىۋاستە ھۆكۈم چىقىرىش ياكى بايقاش دەرىجىسىگە يەتمىگەن كىشىلەر بولسا، يۇقىرىقى مەزھەبلەردىن ئۆز كۆڭلىدە ئەگىشىشنى توغرا دەپ قارىغان، (شۇنداقلا ئۆزى تۇرىۋاتقان يۇرت خەلقى ئەگىشىۋاتقان مەزھەپكە ئەگىشىدۇ) ئەگەر قايسىسىغا ئەگىشىشنى بىلەلمەي قالسا، بىلىملىك كىشىلەردىن سوراپ ئاندىن مۇئەييەن مەزھەبگە ئەگەشسە بولىدۇ.

5-يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراشلارغا ئاساسەن، ھەرقانداق ئەھۋال ۋە زاماندا مۇتلەق ئۇلارنىڭ (يەنى مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ) سۆزىگە ئەگىشىش كېرەك ئەمەس، چۈنكى ئۇلارمۇ ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن خاتالىشىپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قايسىسىنىڭ دەلىلى كۈچلۈك، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولسا، شۇنىڭغا ئەگىشىش لازىمدۇر. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 528].

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ 3323- نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ئىلگىرىكى ئىسلام ئالىملىرى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن پىقھىي مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ بولسىمۇ، قۇرئان-ھەدىستىن ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ئەمەل قىلىشى، دەۋالارنى ئايرىش شۇنداقلا پەتىۋا سورىغۇچىلارغا پەتىۋا بېرىش ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارسا بولىدۇ. ئەمما قۇرئان-ھەدىستىن بىۋاستە ھۆكۈم چىقىرالمايدىغان كىشى بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، تۆت مەزھەپ ئالىملىرىدىن بىرەرسىنىڭ پىقھى كۆزقارىشىنى چىقىش قىلغان ماتىريال ۋە ئاڭلىغان سۆزلىرىگە تايىنىۋالماستىن، ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ئەھلى-ئىلىملاردىن مەزكۇر مەسىلىنى سورىشى ۋاجىپ بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۆت مەزھەپكە باغلىنىشىدىكى سەۋەپ بولسا، مەزھەپ پىشىۋالىرىنىڭ شەرىئەت بىلىملىرىدە مەشھۇرلىقى، كىتابلىرىنىڭ ئىشەنچىلىكى ۋە كەڭ تارقالغانلىقى، شۇنداقلا ئۇ كىتابلاردىن پايدىلىنىشنىڭ ئاسان بولغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر.

كىمكى شەرئى بىلىم ئېلىۋاتقانلار مەلۇم بىرەر مەزھەپكە قەتئىي باغلىنىشى كېرەك دەيدىكەن، بۇ خاتا كۆزقاراشتۇر. بۇ سۆزنى كەڭ دائىرىدىرەك چۈشەنسەك، شەرئى بىلىم ئېلىۋاتقانلار ھەققىدە يامان گۇمان قىلغانلىق بولۇپ، ئىسلامنىڭ كەڭرىچىلىكىنى تارلاشتۇرغانلىقتىن ئىبارەتتۇر.

شۇنىڭدەك، ئەگىشىش مەشھۇر تۆت مەزھەپ بىلەنلا چەكلىنىدۇ دېگەن كىشىلەرمۇ خاتالاشقان بولۇپ، ئۇلار شەرىئەتنىڭ دائىرسىنى دەلىلسىز تارلاشتۇرغان بولىدۇ.

ئوقۇمىغان بىلىمسىز كىشىگە نىسبەتەن تۆت مەزھەپ پېشۋالىرى بىلەن ئۇلاردىن باشقا لەيس ئىبنى سەئەد، ئابدۇرەھمان ئەۋزائىي قاتارلىق پىقھىشۇناش ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوقتۇر. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 541].

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ 1591- نۇمۇرلۇق پەتىۋاسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: تۆت مەزھەپ ئالىملىرىدىن ھېچبىرى كىشىلەرنى ئۆز قاراشلىرىغا ئەگىشىشكە دەۋەت قىلمىغان، ئۆز قاراشلىرىنى توغرا دەپمۇ تۇرىۋالمىغان، باشقىلارنى ئۆز مەزھىبى بويىچە ياكى مەلۇم بىر مەزھەپ قارىشى بويىچە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇمىغان. ھەقىقەتەن ئۇلار كىشىلەرنى قۇرئان-ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلاتتى، دىننىڭ ئاساسلىرىنى چۈشەندۈرەتتى، قائىدىلىرىنى بايان قىلاتتى، ئۇنىڭدىن شاخچە مەسىلىلەرنى ئايرىپ كىشىلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرەتتى. شاگىرتلىرى ياكى باشقىلارنى ئۆز كۆز قاراشلىرى بويىچە ئىش قىلىشقا بۇيرىمايتتى بەلكى شۇنداق قىلغانلارنى ئەيىبلەيتتى، ئۆز قاراشلىرى سەھىھ ھەدىسكە زىت كېلىپ قالسا، مەزكۇر كۆز قاراشنى تاشلاپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشقا بۇيرىيتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى: "سەھىھ ھەدىس مىنىڭ مەزھىبىم" دەيتتى. (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن ۋە ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن).

ھېچبىر كىشىگە بۇ تۆت مەزھەپتىن مەلۇم بىرىگە مۇتلەق ئەگىشىشى ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى ئىمكانىيەت بولسا ھەقىقەتنى تونۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشى ياكى ھەقنى تونۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراپ ئىلگىرىكى مۇسۇلمان ئالىملار قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمى مەنبەلەردىن پايدىلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار ئۈچۈن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرى ئاسانلىشىدۇ.

ئەمما دىنى پرىنسىپ، شەرىئەت قائىدىلىرى ئارقىلىق پىقھى ھۆكۈم چىقىرالمايدىغان ياكى دىنى مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان كىشىلەر شەرىئەت ھۆكۈملىرىدىن بىرەر ھۆكۈمگە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئىشەنچىلىك ۋە تەقۋادار ئالىملاردىن سوراپ چۈشىنىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُّوحِي إِلَيْهِمْۚ فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لَا تَعْلَمُونَتەرجىمىسى: سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھيى نازىل قىلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (ئى قۇرەيش جامائەسى!) بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرى (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىلگۈچىلەر) دىن سوراڭلار. [سۈرە نەھلى 43-ئايەت]. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 556].

ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىپى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭ بەزى سەۋەپلىرىدىن بىرى ئىسلام دۇنياسىدا ئالتە ئەسىردىن كۆپرەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوسمان ئىمپىراتۇرلىقى بۇ مەزھەبنى دۆلەت قانۇنى قىلغان، بۇنىڭدىن يەنە ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىپى باشقا مەزھەبلەردىن بەكراق توغرا ياكى ئەۋزەل دېگەن ئۇقۇم ۋەياكى ئىجتىھاد قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى توغرا دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ. بەلكى ھەنەفى مەزھىپىمۇ باشقا مەزھەبلەرگە ئوخشاشلا توغرا ۋە خاتا قاراشلاردىن خالى ئەمەس. مۆمىن سۆزلىگۈچىگە قارىماستىن بەلكى ھەقىقەت ۋە توغرا قاراش قەيەردە بولسا شۇنىڭغا ئەگىشىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى