پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

روزىدار ۋاقىتتا توي قىلماقچى بولغان(نىشانلانغان) قىز بىلەن سۆزلىشىش توغرىسىدا

سۇئال

مۇسۇلمان كىشى روزىدار ھالەتتە توي قىلماقچى بولغان نىشانى بىلەن تىلىپۇندا كۆرۈشسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   توي قىلىش ئۈچۈن نىشانلانغان قىز بىلەن سۆزلىشىشنىڭ قائىدىلىرى بار، ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى (13791) بۇ نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

    مۇشۇ قائىدىلەر روياپقا چىققاندا، بولۇپمۇ سىز شەھۋىتىڭىزنىڭ قوزغىلىپ قىلىشتىن ساقلىنالىسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا سۆزلىشىشكە مۇناسىپ ئىش بولسا سۆزلەشسىڭىز بولىدۇ، ئەمما مۇشۇ قائىدىلەر تولۇق ئەمەلىلەشمەيدىكەن، ئۇنداق ھالەتتە سۆزلىشىش بولسا، شەرئى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ.

   چۈنكى روزىدار ھالەتتە شەرئى بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كېتىش روزىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ، ئەڭ پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا بۇنداق ئىشلارنىڭ سادىر بولىشى زور خاتالىق بولىدۇ، چۈنكى روزىدار كىشى روزىسىنى ساۋابى كېمىيىپ كېتىدىغان ۋە ساۋابقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىشى كېرەك.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد