سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

مۇھەررەم ئېيىدا نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى

سۇئال

مۇھەررەم ئېيىدا نەپلە روزىنى كۆپ تۇتۇش پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدىنمۇ؟، بۇ ئاي باشقا ئايلاردىن پەزىلەتتە پەرقلىقمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا خاستۇر.

مۇھەررەم ئېيى بولسا ئەرەب ئايلىرىنىڭ تۇنجىسى ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان تۆت ئاينىڭ بىرىدۇر.ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:إِنَّ عِدَّةَ الشُّهُورِ عِندَ اللَّـهِ اثْنَا عَشَرَ شَهْرًا فِي كِتَابِ اللَّـهِ يَوْمَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ مِنْهَا أَرْبَعَةٌ حُرُمٌذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ فَلَا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنفُسَكُمْ وَقَاتِلُوا الْمُشْرِكِينَ كَافَّةً كَمَا يُقَاتِلُونَكُمْ كَافَّةًوَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّـهَ مَعَ الْمُتَّقِينَتەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار. [سۈرە تەۋبە 36- ئايەت].

ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقان كۈنى،ۋاقىتنى بىر يىل ئون ئىككى ئاي،ئۇنىڭدىن تۆت ئاينى ھارام قىلىپ، ئۈچىنى ئارقىمۇ-ئارقا (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم ئايلىرى) يەنە بىرسىنى جۇمادى ۋە شەئبان ئايلىرى ئارىسىدىكى رەجەب ئېيى قىلىپ بېكىتكەندىن تارتىپۋاقىت ئۆز ھالىتىدە ئايلىنىدۇ.» [بۇخارى 3167-ھەدىستە، مۇسلىم 1163-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن ھەدىستە، رامىزان روزىسىدىن قالسىلا، مۇھەررەم ئېيىدا تۇتۇلغان روزىنىڭ پەزىلىتىنىڭ ئارتۇقلىقى تەكىتلىنىدۇ.بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:«روزىنىڭ ئەۋزىلى رامىزان روزىسىدىن قالسىلا، ئاللاھنىڭئېيى مۇھەررەمدەتۇتۇلغان روزا، نامازنىڭ ئەۋزىلى پەزر نامازدىن قالسىلا، كىچىدە ئوقۇلغان نامازدۇر.» [مۇسلىم 1163- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھنىڭئېيى» دەپ، ئاينى ئاللاھقا نىسبەت بەرگىنى بولسا، مەزكۇر ئاينىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلۇغلىقىدىندۇر. بۇ سۆزگە قارى ئىلاۋە قىلىپ: " بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى بارلىق ھارام قىلىنغان ئايلار" دەيدۇ.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندىن باشقا ئايلاردا ئۇزۇلدۇرمەي تولۇق بىرئاي روزا تۇتقىنى مەلۇم ئەمەس، يۇقىرىقى ھەدىس بولسا، مۇھەررەم ئېيىدا تولۇق بىر ئاي روزا تۇتۇشقا ئەمەس بەلكى نەپلە روزىنى كۆپ تۇتۇشقا رىغبەتلەندۇرىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ھەممىدىن توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىدىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى