Thu 17 Jm2 1435 - 17 April 2014
41811
سۈننەتكە ئۇيغۇن ھەج قىلىش دېگەن نېمە؟
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى ھەج پائالىيىتى جەريانىدا گۇناھ ئىشلىمەستىن ۋە يامان سۆز قىلماستىن ھەج قىلىدىكەن، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغاندەك گۇناھتىن پاك ھالەتتە قايتىدۇ،» دېگەن ھەدىس شېرىپنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟.


بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئىمام بۇخارىي(1521)ۋە ئىمام مۇسلىم (1350) ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھەج پائالىيىتى جەريانىدا گۇناھ ئىشلىمەستىن ۋە يامان سۆز قىلماستىن ھەج قىلىدىكەن، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغاندەك گۇناھتىن پاك ھالەتتە قايتىدۇ». تىرمىزىينىڭ رىۋايىتىدە(811): «كىمكى گۇناھ ئىشلىمەستىن ۋە يامان سۆز قىلماستىن ھەج قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېيىلگەن. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

بۇ ھەدىس قۇرئان كەرىمدىكى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىگە مەزمۇنى جەھەتتىن ئوخشاشتۇر: ﴿ الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَّعْلُومَاتٌ ، فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ ﴾ تەرجىمىسى: «ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.» [ سۈرە بەقەرە 197-ئايەت].

ئىمام ھاپىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستە ئىپادىلەنگەن مەنالار كەڭ دائىرىدە بولۇپ، ئىمام قۇرتۇبىيمۇ شۇنىڭغا مايىل بولغان بولۇپ ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈنىدە جىنسى ئالاقە قىلمىسۇن» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ".

ھەدىستە بايان قىلىنغان «يرفث» رفث دېگەن سۆز  سەت گەپ ۋە ناچار سۆزلەرنى ھەم جىنسى ئالاقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

« لم يفسق » دېگەن: گۇناھ-مەسىيەت ئىشلىمىگەن بولسا دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

« كيوم ولدته أمه » دېگەن: گۇناھسىز قايتىدۇ دېگەنلىكتۇر.

ئىبنى ھەجەرنىڭ قارىشىدا، ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن ئۇ كىشىنىڭ چوڭ-كېچىك گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ دېگەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىلگىرىكىلەردىن قازىي ئىياز ۋە ئىمام قۇرتۇبى قاتارلىق ئالىملارمۇ بۇ قاراشتا بولغان.

ئىمام مەناۋىي پەيزۇل قەدىردە بايان قىلىشچە: "ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بەندىلەرنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان گۇناھلىرى بۇنىڭغا كىرمەيدۇ" دېگەن. ئىمام تىرمىزىمۇ يۇقىرىقىدەك چۈشەنچىدە بولغان.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى ھەج پائالىيىتى جەريانىدا گۇناھ ئىشلىمەستىن ۋە يامان سۆز قىلماستىن ھەج قىلىدىكەن، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغاندەك گۇناھتىن پاك ھالەتتە قايتىدۇ،» دېگەن بۇ ھەدىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: " ھەج قىلغۇچى پائالىيەت جەريانىدا ئاللاھ تائالا چەكلىگەن گۇناھ-مەسىيەتلەردىن، جىنسى ئالاقە قىلىشتىن، پىسقى-پۇجۇرلاردىن يىراق بولسا، شەرىئەت پرىنسىپىغا زىت كىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ، ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلسا، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق گۇناھسىز بولغىنىدەك، گۇناھتىن پاك ھالەتكە قايتىدۇ. يەنى يۇقىرىقى شەرتلەرگە تولۇق رىئايە قىلىپ ھەج قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن گۇناھلاردىن پاك بولىدۇ".[ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرى 2120].

شەيخ يەنە مۇنداق دەيدۇ (4021): «ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن ھەج چوڭ گۇناھلارنىمۇ كەچۈرۈم قىلىدۇ، دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ. بىز دەلىلسىز ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن چېقىپ كەتمەيمىز. بەزى ئالىملار: كۈندە ئوقۇلغان بەش ۋاقىت ناماز چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا كېچىك گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ناماز ھەجدىن كاتتىدۇر ۋە  ئاللاھ تائالاغا ھەجدىنمۇ سۆيۈملىكراقتۇر، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن ھەجمۇ چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا بارلىق كېچىك گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، دەيدۇ. لېكىن بىز ئېيتىمىزكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدە ئىلگىرىكى مەزمۇنلار ئوچۇق بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ھېكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمەل مۇقابىلىسىگە بېرىدىغان ساۋاب، باشقا نەرسىلەرگە قىياس قىلىنمايدۇ».

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىدىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى