سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەيىزدار ئايالنىڭ دۇئا قىلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللار ئادەت جەريانىدا دۇئا قىلسا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىسلام پەتىۋالىرى 1-توم 239-بەتتە مۇنداق سوئال بايان قىلىنغان: ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللار ئەرەپات كۈنىدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بولغان بەزى دۇئالارنى ئوقۇسا بولامدۇ؟، بۇنىڭ جاۋابى: ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللار ئەرەپات كۈنى دۇئا كىتابلىرىدىن دۇئالارنى ئوقۇسا بولىدۇ، قۇرئان ئايەتلىرىدىن بولغان دۇئا بولسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى توغرا قاراشتا ھەيزدار-نىپاسدار ئاياللار قۇرئان ئوقۇسا بولمايدۇ دەپ ئوچۇق دەلىل بايان قىلىنمىغان پەقەت جۇنۇپنىڭ قۇرئان ئوقۇسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئوچۇق دەلىل بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس بايان قىلىنغان، ئەمما ھەيزدار-نىپاسدارلار توغرىسىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان: ھەيزدار-نىپاسدار ئاياللار قۇرئان كەرىمدىن بىر نەرسە ئوقۇمىسۇن دېگەن ھەدىس زەئىپ، چۈنكى بۇ ھەدىس ئىسمائىل ئىبنى ئەيياشنىڭ ھىجازلىقلاردىن قىلغان رىۋايىتى بولۇپ، ئۇ ھىجازلىقلاردىن قىلغان رىۋاىيتى زەئىپتۇر، لېكىن ھەيىزدار-نىپاسدارلار قۇرئاننى تۇتماستىن يادقا ئوقۇسا بولىدۇ، ئەمما جۇنۇپ يۇيۇنمىغۇچە يادقىمۇ ياكى قۇرئانغا قاراپ بولسىمۇ ئاياتلەرنى ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق، جۇنۇپنىڭ ھەرقاچان يۇيۇنۇشقا ئىمكانىيىتى بار، قاچان يۇيۇنۇشنى ئىرادە قىلسا شۇ ۋاقىتتا يۇيىنالايدۇ، سۇ ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىسا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ، ئەمما ھەيزدار-نىپاسدار ئاياللارنىڭ ئىشى ئۆز ئىلكىدە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىشى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ھەيز-نىپاس بىرقانچە كۈنلەر داۋام قىلىدۇ، شۇڭا بۇ ئىككەيلەنگە ئۇنتۇلۇپ قالماسلىق ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان پەزىلەتنى يوقۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى شەرئى ئىلىملەرنى ئۈگۈنۈش دۇرۇس قىلىندى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەت-ھەدىسلەر ئارىلاشقان دۇئا كىتابلىرىنى ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ، ئۆلىمالارنىڭ مۇشۇ مەسىلى ھەققىدە، توغرا دەپ قارالغان پەتىۋاسىدۇر". [شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ].

    يەنە مۇنداق سوئال كەلگەن: مەن ئادەت كۆرۈپ قالغان ياكى تاھارەت بولمىغان ۋاقىتلاردا تەپسىر كىتابلىرىدىن بەزى سۈرىلەرنى ئوقۇيمەن، بۇنداق قىلسام گۇناھ بولامدۇ؟. بۇنىڭ جاۋابى: ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا، ھەيزدار-نىپاسدار ئاياللار تەپسىر كىتابلىرىنى ئوقۇسا ياكى قۇرئان كەرىمنى تۇتماستىن ئوقۇسا گۇناھ بولمايدۇ، ئەمما جۇنۇپ كىشىنىڭ يۇيۇنمىغۇچە مۇتلەق قۇرئان ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، تەپسىر ۋە ھەدىس كىتابلىرىنى ئوقۇسىمۇ ئارىسىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى قۇرئان ئوقۇشتىن جۇنۇپلۇقتىن  باشقا نەرسە چەكلەپ قويمايتتى، ئىمام ئەھمەد توغرا ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەمما جۇنۇپ قۇرئاندىن بىر ئايەت ئوقۇسىمۇ بولمايدۇ. شەيخ ئىبنى باز

مەنبە: "ئىسلام پەتىۋالىرى"1-توم 239-بەت