جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

بويىدىن ئاجرىغان تۆرەلمە بىلەن بىرگە چۈشكەن قاننى نىپاسنىڭ قېنى دەپ ئويلاپ، روزىسىنى بۇزغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

  رامزاننىڭ بىر كۈنى ئۈچ ئايلىققا توشمىغان ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا باردىم، دورىلارنى يېدىم، ھامىلە چۈشكەندىن كېيىن مەن ئۈچۈن بىر نەرسە يېيىش دۇرۇس بولىدۇ دەپ ئويلاپ بەزى يېمەكلىكلەرنى يېدىم، لېكىن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تور بەتلىرىگە قاراپ ماڭا روزىنىڭ شۇنىڭدەك نامازنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدىم، چۈنكى مەندىن چۈشكەن قان بۇزۇق قان ئىكەن، رامزاندىن كېيىن شۇ كۈنلۈك روزامنىڭ قازاسىنى قىلدىم، مېنىڭ قىلغىنىم توغرا بوپتىمۇ ياكى مېنىڭ يەنە نېمە قىلىشىم ۋاجىپ بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: قەستەن ھامىلە چۈشۈرۋېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا 42321 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان، شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   شۇنىڭدەك ئوخشىمىغان باسقۇچلاردا تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋېتىشنىڭ ھۆكۈملىرى 12475- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

    ئىككىنچى: ئايال تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋەتكەندە ئۇنىڭدا بەش، قول، پۇت دېگەنگە ئوخشاش ئىنساننىڭ ئەزالار بىلىنمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن قان بۇزۇق قان بولىدۇ، ئۇ ناماز ۋە روزىدىن چەكلەپ قويمايدۇ، ئەمما تۆرەلمىدە ئىنساننىڭ ئالامەتلىرى ئېنىق بولغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن قان نىپاس قېنى ھېسابلىنىدۇ. تۆرەلمىدە ئىنساننىڭ شەكلىنىڭ نامايەندە بولىشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مۇددىتى: سەكسەن بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسىلە 37784 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئېنىق بايان قىلىنغان.

    ئۈچىنچى: ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدىن چۈشكەن قاننى نىپاسنىڭ قېنى دەپ ئويلاپ روزىنى بۇزغان بولسىڭىز ئاندىن ئۇ قاننىڭ بۇزۇق قان ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان بولسا، شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ ۋە نامازنىڭ قازاسىنى قىلغان بولسىڭىز، سىزگە ھېچ نەرسە كېرەك بولمايدۇ، ئەگەر شۇ كۈندىكى نامازنىڭ قازاسىنى قىلمىغان بولسىڭىز تىزدىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىڭ، ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان تائەت-ئىبادەتلەرگە مۇۋەپپەق قىلسۇن.

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى