جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

قەرزنى يىزىش ۋە گۇۋاھچى تۇرغۇزۇش توغرىسىدا

سۇئال

    قەرز بېرىشتىكى توغرا يول قايسى؟، بىر كىشىگە مال-پۇل قەرز بەرگەندە ئىككى گۇۋاھچىنى ھازىر قىلمىسام گۇناھكار بولىمەنمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قەرز بېرىشتىكى توغرا يول بولسا، ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدا بەقەرە سۈرىسىدە بايان قىلىنغان قەرز ئايىتىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدىن ئىبارەتتۇر:

يا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَدَايَنتُمْ بِدَيْنٍ إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى فَاكْتُبُوهُ وَلْيَكْتُبْ بَيْنَكُمْ كَاتِبٌ بِالْعَدْلِ وَلا يَأْبَ كَاتِبٌ أَنْ يَكْتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ اللَّهُ فَلْيَكْتُبْ وَلْيُمْلِلْ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ وَلْيَتَّقِ اللَّهَ رَبَّهُ وَلَا يَبْخَسْ مِنْهُ شَيْئًا فَإِنْ كَانَ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ سَفِيهًا أَوْ ضَعِيفًا أَوْ لا يَسْتَطِيعُ أَنْ يُمِلَّ هُوَ فَلْيُمْلِلْ وَلِيُّهُ بِالْعَدْلِ وَاسْتَشْهِدُوا شَهِيدَيْنِ مِنْ رِجَالِكُمْ فَإِنْ لَمْ يَكُونَا رَجُلَيْنِ فَرَجُلٌ وَامْرَأَتَانِ مِمَّنْ تَرْضَوْنَ مِنْ الشُّهَدَاءِ أَنْ تَضِلَّ إِحْدَاهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحْدَاهُمَا الْأُخْرَى وَلَا يَأْبَ الشُّهَدَاءُ إِذَا مَا دُعُوا وَلَا تَسْأَمُوا أَنْ تَكْتُبُوهُ صَغِيرًا أَوْ كَبِيرًا إِلَى أَجَلِهِ ذَلِكُمْ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ وَأَقْوَمُ لِلشَّهَادَةِ وَأَدْنَى أَلَّا تَرْتَابُوا إِلَّا أَنْ تَكُونَ تِجَارَةً حَاضِرَةً تُدِيرُونَهَا بَيْنَكُمْ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَلَّا تَكْتُبُوهَا وَأَشْهِدُوا إِذَا تَبَايَعْتُمْ وَلا يُضَارَّ كَاتِبٌ وَلَا شَهِيدٌ وَإِنْ تَفْعَلُوا فَإِنَّهُ فُسُوقٌ بِكُمْ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَيُعَلِّمُكُمْ اللَّهُ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ. وَإِنْ كُنتُمْ عَلَى سَفَرٍ وَلَمْ تجِدُوا كَاتِبًا فَرِهَانٌ مَقْبُوضَةٌ فَإِنْ أَمِنَ بَعْضُكُمْ بَعْضًا فَلْيُؤَدِّ الَّذِي اؤْتُمِنَ أَمَانَتَهُ وَلْيَتَّقِ اللَّهَ رَبَّهُ وَلَا تَكْتُمُوا الشَّهَادَةَ وَمَنْ يَكْتُمْهَا فَإِنَّهُ آثِمٌ قَلْبُهُ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى (ھۆججەت قىلىپ) يېزىپ قويۇڭلار، ئاراڭلاردىكى خەت بىلىدىغان كىشى ئۇنى (كەم ـ زىيادە قىلماي) ئادىللىق بىلەن يازسۇن، خەت بىلىدىغان كىشى (ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەندەك توغرىلىق بىلەن يېزىشىنى) رەت قىلمىسۇن، ئۇ يازسۇن، زىممىسىدە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغان ئادەم (يازىدىغان كىشىگە) ئېيتىپ بەرسۇن، (قەرزدار) پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقسۇن، قەرز ئالغان نەرسىدىن ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمىسۇن، ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم ئەخمەق (گالۋاڭ، ئەقىلسىز، ئىسراپخور) ياكى ئاجىز (كىچىك بالا ياكى بەكمۇ قېرى) بولسا، ياكى (گەپ قىلالماسلىقى، گاچىلىقى، كېكەچلىكى تۈپەيلىدىن) ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن، سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار؛ ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار (گۇۋاھلىققا) چاقىرىلغان ۋاقتىدا (گۇۋاھ بولۇشتىن) باش تارتمىسۇن. قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە (ھۆكمىدە)، بۇ ئەڭ ئادىللىق ۋە ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر (گۇۋاھلىقنىڭ ئۇنتۇلماسلىقىنى ئەڭ ئىسپاتلىغۇچىدۇر)، گۇمانلانماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر. لېكىن ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا گۇۋاھچى تەكلىپ قىلىڭلار، پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن؛ ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىسىلەر، ئاللاھنىڭ (ئەمرىگە ۋە نەھيىسىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ (يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، خەت يازالايدىغان ئادەمنى تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا (قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا) گۆرۈ قويىدىغان نەرسىنى تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئاراڭلاردا بىرىڭلار بىرىڭلارغا ئىشىنىپ ئامانەت قويسا، ئۇ چاغدا ئامانەتنى ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن (يەنى قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى گۆرۈ ئالمىسا، قەرزدار قەرزنى دېيىشكەن ۋاقتىدا قايتۇرسۇن)، (قەرزدار ئامانەتكە رىئايە قىلىشتا) پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر. [سۈرە بەقەرە 282- -283ئايەتلەر].

    قەرز ئۈچۈن بولغان توغرا يول تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

   1-قەرزنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىش كېرەك.

   2-قەرزنى ۋە ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

   3-ئەگەر قەرزنى باشقا بىر كىشى يېزىپ بەرگەن بولسا، قەرز ئالغان كىشى قەرزنى ئاغزاكى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك.

   4-قەرز ئالغۇچى كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەپلەردىن قەرزنى ئاغزاكى ئېيتىپ بېرەلمىسە، بۇ ئىشقا قەرزدارنىڭ ۋەلىسى ئىگە بولىشى كېرەك.

   5-قەرزگە گۇۋاھ-شاھىت ھازىر قىلىش كېرەك، گۇۋاھچىلىققا ئىككى ئەر كىشى ياكى بىر ئەر، ئىككى ئايال كىشى بولسا بولىدۇ.

   6-قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىدىن قەرزنى ئىسپاتلايدىغانغا بىرەر نەرسىنى گۆرۈگە ئالسا بولىدۇ، بۇنىڭ پايدىسى:  قەرزنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىت بولغاندا، قەرز ئالغۇچى قەرزنى ئادا قىلىشتىن باش تارتسا، قەرز بەرگۈچى گۆرۈگە ئالغان نەرسىنى سېتىپ بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ھەققىنى تولۇقلايدۇ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئېشىپ قالسا بۇنى ئۇنىڭ ئىگىسى بولغان قەرزدارغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

قەرزنى ھۆججەتلەشتۈرۈش -يېزىش، گۇۋاھچى ھازىر قىلىش ۋە گۆرۈگە ئېلىش- قاتارلىق ئۈچ ئىشنىڭ بىرى بىلەن بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى مۇستەھەپ ۋە ياخشىدۇر، بەزى ئالىملار قەرزنى يېزىش ۋاجىپ دېگەن قاراشتا بولغان، لېكىن كۆپچىلىك ئالىملار مۇستەھەپ دېگەن قاراشتا بولغان، بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر. "تەپسىر قۇرتۇبىي"  3-توم 383 -بەتكە قارالسۇن].

   بۇنىڭدىن بولغان ھېكمەت: ئۇنتۇلۇپ قىلىشنىڭ كۆپ بولىشى، خاتالىقلارنىڭ بولۇپ تۇرۇشى، ھەق-ھوقۇقنىڭ زايە بولۇپ كەتمەسلىكى ۋە ئاللاھدىن قورقمايدىغان كىشىلەرنىڭ خىيانەت قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.

     ئەگەر قەرزنى يازمىسا، گۇۋاھچى-شاھىتمۇ قىلمىسا، گۆرەمۇ ئالمىسا، بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ: ﴿‏فَإِنْ أَمِنَ بَعْضُكُمْ بَعْضًا فَلْيُؤَدِّ الَّذِي اؤْتُمِنَ أَمَانَتَهُ وَلْيَتَّقِ اللَّهَ رَبَّهُ﴾‏ تەرجىمىسى: «ئاراڭلاردا بىرىڭلار بىرىڭلارغا ئىشىنىپ ئامانەت قويسا، ئۇ چاغدا ئامانەتنى ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن (يەنى قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى گۆرۈ ئالمىسا، قەرزدار قەرزنى دېيىشكەن ۋاقتىدا قايتۇرسۇن، (قەرزدار ئامانەتكە رىئايە قىلىشتا) پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن».

    بىر-بىرىگە ئىشىنىش دېگەن قەرزنى يېزىش، گۇۋاھچى ھازىر قىلىش ۋە گۆرۈگە ئېلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ھۆججەتلەشتۈرمىگەندە بولىدۇ، لېكىن بۇنداق ھالەتتە ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىق ۋە ئاللاھدىن قورقۇشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۈستىدە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغان كىشى ئاللاھدىن قورقۇپ ھەقنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا بۇيرىدى: «قەرزدار ئامانەتكە رىئايە قىلىشتا) پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن)». ["تەپسىر سەئدىي 168-172 -بەتلەر].

    قەرزنى يازمىغان بولۇپ، كېيىن قەرز ئالغۇچى تېنىۋالسا ياكى قەرزنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي ئۇزۇن سۆزىۋەتسە، ئۇ ۋاقىتتا قەرز بەرگۈچى پەقەت ئۆزىگە مالامەت قىلسۇن، چۈنكى ئۇ كىشى ھەققىنى زايە قىلىۋېتىشكە سەۋەپ بولدى. ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك: قەرز ھۆججىتى يېزىلمىغاندا، قەرزدار قەرزنى ئۇزۇنغا سۆزىۋەتسە ياكى تېنىۋالسا، قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرزدارغا قىلغان بەددۇئاسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ ئۇلارغا ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنمايدۇ . ئۇلارنىڭ بىرى:  بىر كىشىگە قەرز بېرىپ قەرزگە گۇۋاھ-شاھىت قىلمىغان». "سەھىھۇل جامىئ 3075 -ھەدىس].

    بۇ پىرىنسىپنى ۋە بۇنىڭدىن باشقا پرىنسىپلارنى ئويلانغان كىشى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەللىكى، ھەق-ھوقۇقنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكى، ئۇنىڭ زايە بولىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مال ئىگىسىنى مېلىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئاز بولسىمۇ زايە قىلىۋەتمەسلىككە بۇيرىيدۇ: ‏وَلا تَسْأَمُوا أَنْ تَكْتُبُوهُ صَغِيرًا أَوْ كَبِيرًا إِلَى أَجَلِهِ  تەرجىمىسى: «قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار».

    دۇنيادا دىن بىلەن دۇنيا مەنپەئەتىنى مۇكەممەل شەكىلدە جۇغلىغان ئىسلام پىرىنسىپىدەك يەنە بىر پرىنسىپ تېپىلامدۇ؟. بۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەل پىرىنسىپنى ئېلىپ كېلىدىغان بىرسى بارمۇ؟! .

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَنْ أَحْسَنُ مِنْ اللَّهِ حُكْمًا لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟». [سۈرە مائىدە 50 -ئايەت].

    ئاللاھ تائالادىن بىزنى ئۆزىگە ئۇچراشقانغا قەدەر دىندا چىڭ تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.  

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد