جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

جازانىگە بىۋاستە كىرمەيدىغان جازانە بانكىلىرىدا ئىشلەش ۋە بۇ تۈردىكى بانكىلارغا پۇل ياتقۇزۇش توغرىسىدا

سۇئال

   مەن مەلۇم بىر دۆلەتتە بانكىنىڭ جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان بۆلىمىدە خىزمەت قىلىمەن، بىلىشىمچە مەركىزى بانكا ھۆكۈمەت ئورگىنى بولغانلىقى ئۈچۈن پايدا بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ تۈردىكى بانكىلاردا ئىشلىسە قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    جازانە بانكىسىدا خىزمەت قىلىش توغرا بولمايدۇ ھەتتا بانكىنىڭ جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان بۆلىمىدە ئىشلىسىمۇ بولمايدۇ، بانكىلارنىڭ مەنبىيى بولغان مەركىزى بانكىنىڭ پايدا بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى يېتەرلىكتۇر، بانكىنىڭ باشقا بۆلىمىدە خىزمەت قىلسىمۇ يەنىلا جازانىنىڭ تۈرلىرىنى تولۇقلاشتىن ئىبارەتتۇر، بانكا دېگەن بىر قانچە قىسىملاردىن تەشكىللىنىدۇ بەلكى بارلىق جازانە شېركەتلىرىدىن شەكىللىنىدۇ.

   نۇرغۇن ئالىملار بۇنداق بانكىلاردا شوپۇرلۇق قىلىش، قوغدىغۇچى بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلسىمۇ توغرا بولمايدۇ دېگەن تۇرسا، كاتىپلىق قىلىش دېگەن ئەسلا بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جازانە شېركەتلىرىدە خىزمەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، ھەتتا شوپۇرلۇق ۋە كۈزەتچىلىك قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ، ئۇنداق بولىشى، جازانە شېركەتلىرىگە خىزمەتكە كىرگەنلىك دېگەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا رازى بولغانلىقتۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئىنكار قىلغان كىشى، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن  خىزمەت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا رازى بولغان بولىدۇ، نەتىجىدە؛ ھارام ئىشقا رازى بولغان كىشىگە ئۇنىڭ گۇناھى يېتىدۇ.

   ئەمما بىۋاستە خىزمەت قىلىش يەنى كىرگەنلەرنى كۈتىۋېلىش، كاتىپلىق قىلىش، پۇل ئەۋەتىش، تاپشۇرۇپ ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش بولسا  شەكسىز ھارامغا قول تىققانلىق بولىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جازانە ئالغان، جازانە بەرگەن، گۇۋاھ بولغان، يازغان كىشىلەرگە لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھتا ئوخشاش دېگەن». ["ئىسلام پەتىۋالىرى" 2-توم 401-بەت]. 

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن  بىر بانكىدا كېچىلىك كۈزەتچىلىك قىلىدىغان، مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان كىشى بۇ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى تەرك قىلامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: " مۇسۇلماننىڭ جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغان بانكىدا كۈزەتچىلىك قىلىشىمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇمۇ گۇناھ ۋە ھارامغا ياردەم بەرگەنلىك، ئاللاھ تائالا  بۇنداق قىلىشنى چەكلەپ ئايەتتە: «گۇناھ ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار» دېگەن.  بانكىلارنىڭ كۆپ قىسمى جازانە مۇئامىلىسى قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بانكىدا كۈزەتچىلىك قىلماستىن ئۇنىڭدىن باشقا ھالال تۇرمۇش يولى ئىزدىشى كېرەك. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن. ["ئىسلام پەتىۋالىرى" 2-توم 401-402-بەتلەر].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد