بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: تاھارەتتە يۇيۇش ۋاجىپ بولىدىغان ئەزالار قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنغان: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ)ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ)تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار،قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئىككى قولنى ئىككى جەينىكى بىلەن قېتىپ يۇيۇشنى ۋاجىپ قىلدى، بۇ پەقەت ئىككى قولىنى ئالقىنىنىڭ بارماقلىرى بىلەن جەينىكىگىچە قېتىپ يۇغاندا ئەمەلىيلىشىدۇ، ئىككى قولىنى ئىككى بېغىشىدىن باشلاپ ئىككى جەينىكىگىچە قېتىپ يۇمىغان كىشى بۇ پەرزنى تولۇق ئادا قىلغان بولمايدۇ.
ئىككى ئالقىنىنى تاھارەتنىڭ ئاۋۋىلىدە يۇيۇش بولسا، تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن باشقا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا؛ ئۇ پەرىزگە كۇپايە قىلمايدۇ.
كۆپچىلىك ئالىملار تاھارەتتە ئەزالارنىڭ ئارىسىنى تەرتىپ بىلەن يۇيۇشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ، ئايەتتە كەلگەن تەرتىپ بويۇنچە يۇيىدۇ: يۈزىنى يۇيىدۇ، ئاندىن ئىككى قولىنى يۇيىدۇ، ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلىدۇ، ئاندىن ئىككى پۇتىنى يۇيىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن: ئىككى ئالقىنىنى قايتىدىن قولى بىلەن بىرگە يۇماستىن تاھارەتنىڭ ئاۋۋىلىدە يۇيۇش بىلەن كۇپايىلەنسە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ تەرتىپنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، ئىككى ئالقاننى يۇيۇپ بولۇپ ئىككى قولنى يۇيۇشنىڭ ئارىسىغا يۈزىنى يۇيۇشنى كىرگۈزگەن بولىدۇ. ئىككى قولىنى يۇيۇش يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاجىپ بولىدۇ.
خۇلاسە: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، تاھارەت ئالغاندا ئىككى ئالقىنىنى يۇيۇپ ئاندىن ئېغىز -بۇرنىنى يۇيۇپ، يۈزىنى يۇيۇپ، ئاندىن ئىككى قولىنى بېغىشىدىن باشلاپ جەينىكى بىلەن قېتىپ يۇغان كىشىنىڭ تاھارىتى توغرا بولمايدۇ.
ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھدىن: ئىككى ئالقىنىنى تاھارەتنىڭ ئەۋۋىلىدە يۇيۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئىككى ئالقىنىنى يۇماستىن ئىككى قولىنى بېغىشىدىن باشلاپ جەينىكىگىچە يۇغان كىشىنىڭ تاھارىتى توغرا بولامدۇ ياكى تاھارەتنى قايتىدىن ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "تاھارەتتە قولىنىڭ ئالقىنىنى يۇماستىن بېلىكىنى جەينىكى بىلەن قېتىپ يۇيۇش بىلەن كۇپايىلەنسە توغرا بولمايدۇ، بەلكى، يۈزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئىككى قولىنى يۇيۇشنى باشلاش كېرەك، ھەر بىر قولىنى بارماقنىڭ ئۇچىدىن باشلاپ جەينىكى بىلەن قېتىپ يۇيىدۇ، گەرچە ئالقىنىنى يۈزىنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى يۇيۇپ بولغان بولسىمۇ، ئىككى ئالقىنىنى ئاۋۋالدا يۇيۇش سۈننەتتۇر، يۈزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇش بولسا پەرزدۇر، ئىككى قولىنى بېغىشىدىن باشلاپ جەينىكى بىلەن قېتىپ يۇيۇش بىلەن كۇپايىلەنگەن كىشى تەلەپ قىلىنغان پەرزنى تولۇق ئادا قىلغان بولمايدۇ، ئەگەر كۆپ ۋاقىت ئۆتكەن بولسا تاھارەتنى قايتىدىن ئالىدۇ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمىگەن بولسا چالا قالغان ئەزانى يۇيىدۇ، ئىككى ئالقىنىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئەزالارنى يۇيىدۇ". [شەيخ ئىبنى جىبرىيننىڭ پەتىۋالىرىدىن "ئەللۇئلۇىن مەكىن " ناملىق ئەسەر 77-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ يەردە كۆپچىلىك كىشىلەر بىلمەي قالىدىغان بىر ئىش ئۈستىدە توختىلىمىز: كۆپچىلىك كىشىلەر ئىككى قولىنى ئالقىنىدىن باشلاپ جەينىكىنى قېتىپ يۇيىدۇ، كۆڭلىدە بۇنى يۈزنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى يۇيۇپ بولغان دەپ ئويلاپ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چوقۇم ئىككى قولىنىڭ بارمىقىدىن باشلاپ جەينىكى بىلەن قېتىپ يۇيۇش كېرەك". ["ئايلىق ئۇچرىشىش" (330/3)].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.