بىرىنچى: ئاخىرقى تەشەھھۇت بولسا نامازنىڭ ئاساسلىق پەرىزلىرىدىن بىرى، ئەۋۋالقى تەشەھھۇت بولسا نامازنىڭ ۋاجىپلىرىنىڭ بىرىدۇر. بىز بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 65847-125897- نومورلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا زىكىر قىلدۇق.
ئىككىنچى: مۇسۇلمان كىشى نامازدا ياكى نامازنىڭ سىرتىدا ئوقۇلىدىغان ھەدىستە بايان قىلىنغان شەرئى زىكىرلەرنىڭ ئەسلى تېكىستىنى ئېسىدە چىڭ تۇتىشى كېرەك بولىدۇ. ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتمەسلىكى لازىم.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىنىڭ ئارىسىغا ئىلىپ ماڭا قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى. [بۇخارى رىۋايىتى6265-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 402-ھەدىس].
بۇنىڭ مەنىسى: قۇرئان كەرىمگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنگە ئوخشاش، تەشەھھۇتنىڭ ئەسلى تېكىستىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى زىيادە قىلماسلىق ۋە كەمەيتىۋەتمەسلىك، ھېچ بىر سۆزنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك كېرەك.
مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ: بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن دېگەن سۆزىنىڭ ئورنىغا، سىزگە ۋە ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ھەدىسنىڭ تېكىستىنى ئۆزگەرتكەنلىك بولۇپ، چۈنكى ئۇنىڭدا مەنا ئۆزگىرىدۇ.
سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىغان ھەدىسنىڭ شەكلىنى لازىم تۇتۇشىڭىز كېرەك، بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، نامازنىڭ سۈپەتلىرى، نامازدىكى دۇئا ۋە زىكىرلەر توغرىسىدا يېزىلغان ئەڭ ياخشى كىتاب، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ سۈپەتلىرى" دېگەن كىتابى بولۇپ، ئۇ كىتابنى ئوقۇپ، قانائەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.