پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاخىرقى تەشەھھۇتنى ئۇنتۇپ قىلىپ سالام بېرىۋەتكەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

ئاخىرقى تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ، تەشەھھۇت ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ نامىزى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئاخىرقى تەشەھھۇت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرۇش بولسا، نامازدا مۇھىم بولغان ئىككى ئاساسى پەرىز بولۇپ، بۇ ئىككى پەرىز ئادا قىلىنمىسا ناماز ئادا تاپمايدۇ.

    "زادىل مۇستەنقىئ" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى نامازنىڭ پەرىزلىرىنى بايان قىلغاندا، ئاخىرقى تەشەھھۇت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرۇشنى نامازنىڭ پەرىزلىرىدىن سانىغان.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇنى چۈشەندۈرۈپ: ئاخىرقى تەشەھھۇت نامازنىڭ پەرىزلىرىدىن ئونىنچى پەرىزدۇر دېگەن. بۇنىڭ دەلىلى: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: نامازدا بىزگە تەشەھھۇت ئوقۇش پەرز بولۇشتىن ئىلگىرى مۇنداق دەيتتۇق: ئاللاھ تائالاغا بەندىلىرىدىن تېنچ-ئامانلىق بولسۇن، جىبرائىل ۋە مىيكائىل ئەلەيھىسسالاملارغا تېنچ-ئامانلىق بولسۇن، پالانى ۋە پالانىغا تېنچ-ئامانلىق بولسۇن. [دارى قۇتنىي توغرا ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان].

    بۇ ھەدىستىن بولغان دەلىل: نامازدا بىزگە تەشەھھۇت ئوقۇش پەرىز بولۇشتىن ئىلگىرى دېگەن سۆزدۇر.

    ئەگەر بىرسى بىزگە سوئال قىلىپ: بىرىنچى تەشەھھۇتمۇ تەشەھھۇت ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالغاندا، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش بىلەن تولۇقلىغان، بىرىنچى تەشەھھۇت نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن  بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى تەشەھھۇتمۇ ۋاجىپنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلانمامدۇ؟ دېسە، ئۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋاپ: ياق، ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى ئەسلىدە ھەر ئىككى تەشەھھۇت پەرىز بولۇپ، بىرىنچى تەشەھھۇت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى تەرك قىلىشنى سەھۋەنلىك سەجدىسى بىلەن تولۇقلىشى بىلەن پەرىزلىكتىن ۋاجىپلىق دەرىجىسىگە چۈشتى، ئەمما ئاخىرقى تەشەھھۇت بولسا ئەسلىدىكى پەرزلىك ھالىتىدە قالدى.

     ئىككىنچى تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇش بولسا نامازنىڭ پەرىزلىرىدىن ئون بىرىنچى پەرىز ھېسابلىنىدۇ، يەنى: ئاخىرقى تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر پەرىز بولغانلىقتىن، ئەگەر بىر كىشى ئاخىرقى سەجدىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن  ئولتۇرماستىن ئۆرە تۇرۇپ تەشەھھۇت ئوقۇغان بولسا، بۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بولسا، تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان بىر پەرزنى تەرك قىلدى، شۇنىڭدەك تەشەھھۇتنى ئوقۇشمۇ ئولتۇرۇش بىلەن بولىدۇ، تەشەھھۇتنىڭ ئولتۇرۇش بىلەن بولىدىغانلىقىنى  بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئولتۇرۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى تەشەھھۇتقا قېتىپ كەلتۈردى. [شەرھۇل مۇمتىئ 3-توم 309-بەت].

    ئىككىنچى: ئاخىرقى تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇش نامازنىڭ پەرىزلىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرقى تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالغان كىشى چوقۇم ئولتۇرۇپ تەشەھھۇتنى ئوقۇمىغىچە ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازنىڭ پەرز، ۋاجىپلىرى بولۇپ، پەرزلىرى ۋاجىپلىرىدىن كۈچلۈك بولىدۇ، ئەمما نامازنىڭ پەرزى ئۇنتۇلۇپ قالسا سەھۋەنلىك سەجدىسى بىلەن تولۇقلانمايدۇ، بەلكى ئۇنتۇلۇپ قالغان پەرزنى قايتىدىن تولۇق ئادا قىلىش بىلەن ناماز ئادا بولىدۇ، ئەمما نامازنىڭ ۋاجىپلىرى بولسا سەھۋەنلىك سەجدىسى بىلەن تولۇقلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزنى ئۇنتۇپ قالسا ئۇنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك، ئەمما ۋاجىپنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئۇنى سەھۋەنلىك سەجدىسى بىلەن تولۇقلىسا بولىدۇ.

   نامازنىڭ پەرزىنىڭ سەھۋەنلىك سەجدىسى بىلەن تولۇقلانمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پېشىن ياكى ئەسىر نامىزىدىن ئىككى رەكەتنى تەرك قىلىپ نامازدىن كېيىن خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن نامازنىڭ تەرك قىلغان ئىككى رەكىتىنى ئادا قىلىپ سەھۋەنلىك سەجدىسى بىلەن تولۇقلىغان، بۇ نامازنىڭ پەرزلىرىنىڭ سەھۋەنلىك سەجدىسى بىلەن تولۇقلانمايدىغانلىقى بەلكى تەرك قىلغان پەرزنى چوقۇم كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. [شەرھىل مۇمتىئ 3-توم 315-323-بەت].

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن: نامازدا ئاخىرقى تەشەھھۇتنى ئۇنتۇپ قىلىپ سالام بېرىۋاتقان كىشىنىڭ نامازدىن چىققانلىقىغا كۆپ ۋاقىت ئۆتمىگەن بولسا، دەرھال ئولتۇرۇپ تەشەھھۇتنى ئوقۇپ، سالام بېرىپ، سالامدىن كېيىن سەھۋەنلىك سەجدىسىنى قىلىپ ئاندىن يەنە بىر قېتىم سالام بېرىپ نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئەمما نامازدىن چىققانلىقىغا كۆپ ۋاقىت ئۆتكەن بولسا ئۇ ۋاقىتتا نامازنى قايتىدىن ئوقۇيدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى