بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: مەلۇم ھالەتلەردىن باشقا ھەر قانداق ئەھۋالدا يالغان سۆزلەش چەكلىنىدۇ، يالغان سۆزلىگۈچى ئەيىبلىنىدۇ، سىزنىڭ ھالىتىڭىز يالغان سۆزلىسە توغرا بولىدىغان ھالەت ئەمەس، چۈنكى ئۇ باشقا بىر دۆلەتنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولىدىغان ئىش ئىكەن، چۈنكى ھەر بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتىگە كېرىشكە رۇخسەت قىلىش ئۈچۈن مەلۇم شەرتلەرنى قويىدۇ، بۇنىڭدا يالغان سۆزلەش ۋە ھېلە ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.
مانا بۇ يالغان سۆزلەشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەسلى قائىدىدۇر. بەزى ھالەتلەردە يالغان سۆزلىسە بولىدىغانلىقى توغىرسىدا پەتىۋالار بار. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن راسچىللىق-سەمىمىيلىك ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە يېتەكلەيدۇ، ئىنسان دائىم راست سۆزلەيدىكەن راستچىل دەپ سۈپەتلىنىدۇ، ھەقىقەتەن يالغانچىلىق ناچار-بۇزۇق ئىشلارغا يېتەكلەيدۇ، ناچار-بۇزۇق ئىشلار جەھەننەمگە يېتەكلەيدۇ، ئىنسان دائىم يالغان سۆزلەيدىكەن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا يالغانچى دەپ يېزىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 5629-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 4719-ھەدىس].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھېلە-مىكىر قىلغۇچى ۋە باشقىلارنى ئالدىغۇچى جەھەننەمدە بولىدۇ.» [بەيھەقى"شۇئەبىل ئىماندا" كەلتۈرگەن، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 6725-ھەدىس.
ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا: باشقىلارنى ئالدىغۇچى جەھەننەمدە بولىدۇ دېگەن سۆزگە ئالاقىدار مۇنۇ سۆزنى كەلتۈرگەن: كىمكى بىز بۇيرۇمىغان ياكى قىلمىغان ئىشلارنى دىنى ئىشلاردىن دەپ قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ».
ئىككىنچى: بىر كىشى چەكلەنگەن يالغان سۆزلەرنى قىلىپ باشقا بىر دۆلەتكە كېرىپ ئاندىن ئۇ يەردە ھالال ئىش تېپىپ ئىشلىگەن بولسا، قىلغان ئىشى ھارام بولمايدۇ، ئەمما ئىش ئىگىسى بۇ يەردە ئىشلىگۈچىلەر دۆلەتكە قانۇنى يول بىلەن كىرگەن بولىشى كېرەك دېگەننى شەرت قىلغان بولسا، ئۇ يەردىمۇ ھېلە ئىشلىتىپ يالغان سۆزلەش توغرا بولمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.