50758: سەپەر قىلغان كىشىنىڭ قايسى ۋاقىتتا روزا تۇتماسلىقى چەكلىنىدۇ؟


سەپەر قىلغان كىشىنىڭ قايسى ۋاقىتتا روزا تۇتماسلىقى چەكلىنىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟.

Published Date: 2017-06-06

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىكى، رامىزاندا سەپەر قىلغان كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَنْ كَانَ مَرِيضاً أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ﴾ تەرجىمىسى:«كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 37717-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    پىقھى ئالىملىرى مۇساپىرنىڭ روزا تۇتمىسا دۇرۇس بولىدىغان سەپىرىنى بايان قىلىپ: سەپەر نامازنى قەسىر ئوقۇش مۇساپىسىدە بولۇش ۋە دۇرۇس بولغان سەپەر بولۇش دېگەن.

    ئەمما قەسىر مۇساپىسىغا يەتمەيدىغان ياكى شەرىئەتتە دۇرۇس بولمايدىغان، يامان ئىشلارنى مەقسەت قىلىپ قىلغان سەپەر بولسا بۇنداق ھالەتتە سەپەر قىلغۇچىنىڭ روزا تۇتماسلىقى توغرا بولمايدۇ.

    شۇنىڭدەك روزا تۇتماسلىقىنى مەقسەت قىلىپ سەپەر قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ سەپەر قىلىشىمۇ ۋە روزا تۇتماسلىقىمۇ توغرا بولمايدۇ.

    كۆپچىلىك ئالىملار نامازنى قەسىر ئوقۇيدىغان سەپەر مۇساپىسىنى سەكسەن كىلومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ قارىغان، بەزى ئالىملار بولسا مۇساپە ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، كىشىلەر ئۆرپىدە سەپەر دەپ ئاتايدىغان مۇساپە بولسا كۇپايە قىلىدۇ دېگەن. 38079- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     يامان ئىشنى مەقسەت قىلىپ سەپەر قىلغۇچىغا روزا تۇتماستىن ئىپتار قىلىشى ۋە نامازنى قەسىر ئوقۇش قاتارلىق سەپەردە رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردىن پايدىلىنىشى دۇرۇس بولمايدۇ، بۇ مالىكى، شافىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى. ["ئەلمۇغنى" 2-توم 52-بەت].

    ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىنىڭ سەۋەبى: سەپەر قىلغۇچىنىڭ رامىزاندا روزا تۇتماسلىقى رۇخسەت بولۇپ، يامان ئىشنى مەقسەت قىلىپ سەپەر قىلغۇچى رۇخسەتكە لايىق بولالمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَمَنِ اضْطُرَّ غَيْرَ بَاغٍ وَلا عَادٍ فَلا إِثْمَ عَلَيْهِ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 173-ئايەت].

    ئايەتتە ئاللاھ تائالا  ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھارام ماللارنىڭ گۆشىنى چارىسىز قالغان ھەددىدىن ئاشقۇچىنىڭ يېيىشىنى دۇرۇس قىلمىدى، چۈنكى ھەددىدىن ئاشقان كىشىلەر ئاسىيدۇر. ئۇلار: باغىنى: ئىسلام ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققۇچى. ھەددىدىن ئاشقۇچى دېگەننى: يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلغۇچى دەپ قارىغان.

    ھەنەپى مەزھەپ ئۆلىمالىرى بولسا رامىزاندا روزا تۇتماسلىق، نامازنى قەسىر ئوقۇش ۋە رۇخسەتلەر ھەممىگە ئورتاق بولىدۇ، ئاسى-باغىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارايدۇ. ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. ["ئەل بەھرۇررائىق"2-توم 149-بەت، "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"24-توم 110-بەت].

    ئۇلار باشقا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ئايەتتىن كەلتۈرگەن دەلىلىگە قايىل بولماي مۇنداق دەيدۇ: باغى دېگەن ھالال نەرسىگە قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق ھارام نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەددىدىن ئاشقۇچى دېگەن: ئۆزى ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ.

    ئەمما روزا تۇتماسلىقنى مەقسەت قىلىپ سەپەر قىلغۇچى بولسا، شەرىئەتكە ساختىپەزلىك قىلغۇچى بولۇپ، ئۇ كىشى ئۆز مەقسىتىنىڭ قارشىسىدا جازالىنىدۇ.

    ھەنبەلى مەزھەپ كىتاپلىرىدىن:لا"كەشاپۇل قەننا" 2-توم 312-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئەگەر روزا تۇتماسلىقىنى مەقسەت قىلىپ سەپەر قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ سەپەر قىلىشى ۋە روزا تۇتماسلىقى ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ سەپەر قىلىشتىكى مەقسىتى بولسا پەقەت روزا تۇتماسلىقتىن ئىبارەت، ئۇنىڭ روزا تۇتماسلىقتىن چەكلىنىشى بولسا، ئۇ كىشىدە روزا تۇتماسلىقىنى دۇرۇس قىلىدىغان ئۈزۈر-سەۋەپ يوق، سەپەر قىلىشىنىڭ چەكلىنىشى بولسا: ئۇ كىشىنىڭ سەپىرى ھارام قىلىنغان ئىپتار قىلىشقا ۋاسىتە بولغانلىقىدىندۇر".

    سەپەر قىلغۇچى ئۈچۈن ئىپتار قىلىش ئۇ كىشى ئۆزى تۇرغان شەھەر ياكى يېزىدىن ئايرىلىپ بولغاندىن كىيىن دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىپتار قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇ ۋاقىتتا مۇقىمنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. 48975- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن سەپەر قىلغۇچىنىڭ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا روزا تۇتماي ئىپتار قىلىشى چەكلىنىدۇ:

1-   سەپەر نامازنى قەسىر ئوقۇش دۇرۇس بولىدىغان مۇساپىگە يەتمىسە.

2-   كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا سەپەر ياخشىلىقنى مەقسەت قىلغان سەپەر بولمىسا.

3-   روزا تۇتماسلىقىنى مەقسەت قىلىپ قىلغان سەپەر بولسا.

4-   سەپەر قىلىپ ئۆز يۇرت دائىرىسىدىن چىقىپ بولۇشتىن بۇرۇن ئىپتار قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا.

5-   بۇ يەردە يەنە بىر ھالەت بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا بۇنداق ھالەتتىمۇ مۇساپىرنىڭ ئىپتار قىلىشى چەكلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: سەپەر قىلىپ بارغان يۇرتتا تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان بولسا دەيدۇ، يەنە بەزى ئالىملار:سەپەر قىلغۇچى سەپەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولىدۇ گەرچە سەپەرنىڭ مۇددىتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ ئوخشاش دەيدۇ.

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئگە بولۇش ئۈچۈن21091 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى
Create Comments