بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ساھىبنى دوزاخ ئوتىغا چۈمدۈرىۋېتىدىغان يالغان قەسەم دېگەن پاسىقلىق بىلەن باشقىلارنىڭ مال-مۈلكى، ھەق-ھوقۇقىنى ئېلىۋالىدىغان يالغان قەسەمدۇر، بۇنىڭ غۇمۇس دەپ ئاتىلىشى: بۇ قەسەم ساھىبنى گۇناھتىن دوزاخ ئوتىغا چۈمدۈرىۋېتىدۇ. [ئىبنى ئەسىر "ئەننىھايە" 3-توم 724-بەت[.
ئىككىنچى:"پىقھى توپلاملىرى" 35-توم 41-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "يالغان قەسەمنىڭ كاپارىتى توغرىسىدا پىقھى ئالىملىرى ئىككى تۈرلۈك قاراشتا بولدى: بىرىنچى قاراش: ھەنەفى، مالىكى ۋە ھەنبەلىي قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويۇنچە يالغان قەسەمگە كاپارەت ۋاجىپ بولمايدۇ.
ئىككىنچى قاراش: شافىئىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى بويۇنچە يالغان قەسەمگىمۇ كاپارەت بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ.
ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز قاراشلىرىنى كۇچلاندۇرىدىغان دەلىللەرنى بايان قىلدى". "بەدائى سەنائى" 3-توم 3-بەت، "تاج ۋە ئىكلىيل" 3-توم 266-بەت، "كەشاپۇل قىنا" 6-توم 235-بەتكە قارالسۇن.
دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 23-توم 133-بەتتە مۇنداق كەلگەن: " يالغان قەسەم دېگەن چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ جىنايىتى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن كاپارەت تېپىلمايدۇ، ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە كاپارەتمۇ ۋاجىپ بولمايدۇ، ئۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ تائالاغا چىن دىلىدىن تەۋبە قىلىپ مەغپىرەت تېلەش ۋاجىپ بولىدۇ".
ئۇنىڭغا كاپارەت ۋاجىپ بولىدۇ دېسۇن ياكى ۋاجىپ بولمايدۇ دېسۇن ئوخشاش، چۈنكى كاپارەت يالغان قەسەمنىڭ جىنايىتىنى يوق قىلالمايدۇ بەلكى ئۇنىڭدا چىن دىلىدىن سەمىمىي تەۋبە قىلىش كېرەك بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 34-توم 139-بەتتە يالغان قەسەمنىڭ كاپارىتى توغرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: "ئالىملار يالغان قەسەمنىڭ گۇناھى پەقەت كاپارەت بىلەن چۈشۈپ كەتمەيدۇ دېگەن قاراشقا ئىتتىپاق كەلگەن".
ئۈچىنچى: يالغان قەسەم ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھلارغا چىن دىلىدىن قىلىنغان سەمىمىي تەۋبە كاپارەت بولىدۇ. تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ئاسىي-گۇناھكار ئۈچۈن تەۋبىنىڭ ئېشىكىنى ئېچىۋەتتى، چىن دىلىدىن تەۋبە قىلغان ھەر قانداق كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِن رَّحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعاً إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت].
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەت بارلىق كاپىر، ئاسىي، گۇناھكارلارنى ئاللاھقا تەۋبە قىلىشقا ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىشقا چاقىرىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھتىن قايتقان ۋە چىن دىلىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ گۇناھى قانچىلىك بولسۇن، ھەتتا دېڭىزنىڭ كۆپۈكچىلىك كۆپ بولسىمۇ ئۇنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. بۇ توغرىدىكى ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ". 46683 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن، ئۇنىڭدا بۇ توغرىدا زىيادە مەلۇماتلار بار.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.