سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

مىيقاتتىن ئۆتۈپ كېتىپ ئېھرامغا كىرگەن كىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەن بۇ يىل ئايالىم بىلەن ھەجگە بارغان ئىدىم، بىز ئەبۇ زەبىدىن جىددىگە قاراپ ئۇچقان، ئايروپىلان باشقۇرغۇچى مۇسۇلمان ئەمەسكەن، ئۇ بىزگە 45 مىنۇتتىن كىيىن ئېھرام كىيىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇننىڭ ئۇدۇلىغا يىتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما بۇ ۋاقىت توشقاندىن كىيىن مىيقاتنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەنلىك توغرىسىدا خەۋەر قىلمىدى. بىز ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ تەلبىيە ئېيتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئېھرامغا كىردۇق، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە قان (جازا) كېلەمدۇ كەلمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سىلەر مىيقاتتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن ئېھرامغا كىرگەن بولساڭلار، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر قوي ۋە ئايالىڭىز ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرۈپ، مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ.

"پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى" 22-توم 140-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: بەلگىلەنگەن ئورۇندىن (يەنى مىيقاتتىن) ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن كىشى مۇمكىن بولسا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قايتىپ ئېھرام كىيىپ كەلسە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى بويىچە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئىېھرام كىيىشكە بۇيرۇلغان جايدىن ئېھرام كىيىپ كەلدى. ئەمما مالىكىي ۋە ھەنبەلى مەزھەب ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدا، بەلگىلەنگەن ئورۇندىن (يەنى مىيقاتتىن) ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن كىشى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قايتىپ بېرىپ ئېھرام كىيىپ كەلسۇن ياكى ئۆز ئورنىدىن ئېھرام كىيسۇن ئۇ كىشىگە ئوخشاشلا قان(جازا) ۋاجىپ بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ھەج-ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: "ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن كىشىنىڭ مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئارقىسىغا يېنىپ بېرىپ مىيقاتتىن ئېھرام كىيىپ كېلىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلماي ئۆتۈپ كەتكەن ئورۇندىن ياكى مەككىگە يېقىن جايدىن ئېھرام كىيسە، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئۇ كىشىگە قان قىلىش (جازاسى) كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرام كىيىشتىن ئىبارەت بولغان ۋاجىپ ئىشنى تەرك قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىمەككىدە بىر قوي ئۆلتۈرۈپ شۇ يەردىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ،" دېگەن. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى" 17 -توم 9-بەت].

بىر كىشى شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: مەن ئۆمرە قىلىش مەقسىتىدە رىيادتىن ئايروپىلان بىلەن جىددىغا كەلدىم، يولدا ئايروپىلان باشقۇرغۇچى يەنە 25 مىنۇتتىن كىيىن مىيقاتنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، مەن دىققەت قىلماستىن ئولتۇرۇپتىمەن، ئايروپىلان مىيقاتنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتۈپ بەش مىنۇتتىن كىيىن ئېھرام كىيدىم، شۇنداق قىلىپ ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلدىم، بۇ توغىرمۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇ مەسىلىگە بېرىلىدىغان ھۆكۈم ئۆلىمالار بايان قىلغاندەك، مىيقاتتىن ئۆتۈپ بولۇپ ئېھرام كىيگەنلىك ئۈچۈن بۇ كىشى بىر قوي ئۆلتۈرۈپ مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، ئەگەر قوي سىتىۋالغىدەك ئىقتىسادى بولمىسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، لېكىن مېنىڭ قېرىنداشلارغا قىلىدىغان نەسىھىتىم: ئايروپىلان باشقۇرغۇچى 25 مىنۇت ياكى 20 مىنۇتتىن كىيىن مىيقاتنىڭ باراۋىرىگە يىتىپ كېلىمىز دەپ ئېلان قىلىدىكەن شۇ ۋاقىتتا ئېھرام كىيىش كېرەك، چۈنكى بەزى كىشىلەر ئېلان قىلغاندا ئۇخلاپ ھېچ نەرسىنى تۇيمايدۇ، جىددە ئايدۇرۇمغا ئاز قالغاندا مىيقاتتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، سىز مىيقاتقا كېلىشتىنبىر سائەت ياكى ئىككى سائەت ياكى بەش-ئون مىنۇت بۇرۇن ئېھرام كىيسىڭىز ھېچ گەپ يوق، دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان ئىش، مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر. بەش مىنۇت ۋاقىتتا ئايروپىلان نۇرغۇن مۇساپىنى بېسىپ بولىدۇ، سۇئال سورىغان قېرىندىشىمىزغا دەيمەنكى، سىز مەككىگە بېرىپ مىيقاتتىن ئىېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن بىردىن قوي ئۆلتۈرۈپ مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بىرىڭ، لېكىن بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلىڭلار. ئايروپىلان باشقۇرغۇچى مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن مىيقاتنىڭ باراۋىرىگە كېلىمىز دەپ ئېلان قىلغاندا، ئېھرام كىيىۋالساڭلار ياخشى، بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق."

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى