بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
رامزاندا سەپەر مۇناسىۋىتى ياكى ھەيز-نىپاس، كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتالمىغان بولسا، رامزاندىن كېيىن تىزدىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ تەرجىمىسى: (بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. [سۈرە بەقەرە 184-ئايەت].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: ھەيزدار ئاياللار پاك بولغاندا نېمە ئۈچۈن روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: بىزمۇ شۇنداق بولاتتۇق، بىز روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىلىتتۇق ئەمما نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىلمايتتۇق دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى335-ھەدىس].
ئايالىڭىز رامزاندا روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ سانىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئالتە كۈنمۇ ياكى يەتتە كۈنمۇ بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئالتە كۈن روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى مەسئۇلىيەتنىڭ بولماسلىقى ئەسلىدۇر، ئەمما مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئادا قىلىش ئۈچۈن ئېھتىيات يۈزىسىدىن يەتتە كۈن روزا تۇتسا ياخشى بولىدۇ.
ئەگەر روزا تۇتالمىغان كۈنلىرىنىڭ سانىنى پەقەت ئېنىق بىلمىسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۆز قارىشىدا قازا روزىنى ئادا قىلىپ بولدۇم دېگەن ئىشەنچ پەيدا بولغانغا قەدەر روزا تۇتىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر ئايالنىڭ رامزاندا تۇتالمىغان روزىسى بولۇپ، ئۇ ئايال ئۇ ۋاقىتنى ئۈچ كۈنمۇ ياكى تۆت كۈنمۇ بىلەلمەي، ئۈچ كۈنلا روزا تۇتقان بولسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان ئۆزى ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ۋاجىپنى ئادا قىلىشتا شەكلىنىپ قالسا، ئەڭ ئاز بولغان مۇددەتنى تۇتىدۇ، بىر ئەر ياكى ئايال ئۆزىنىڭ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان روزىسىنىڭ ئۈچ كۈن ياكى تۆت كۈن ئىكەنلىكىدە شەكلىنىپ قالسا، بۇنىڭدىن ئەڭ ئاز بولغان ئۈچ كۈننى ئېتىبارغا ئالىدۇ، چۈنكى ئاز مۇددەت ئىشەنچىلىك، ئارتۇقىدا شەك قىلىنغان، بۇنىڭدىكى ئەسلى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتۇر، شۇنداق بولسىمۇ ئېھتىيات يۈزىسىدىن شەك بولۇپ قالغان كۈننىڭمۇ قازاسىنى قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇ كۈننىڭمۇ قازىسىنى قىلىش كېرەك بولۇپ قالسا، مەسئۇلىيەتنى ئىشەنچ بىلەن ئادا قىلغان بولىدۇ، ئەگەر قازاسىنى قىلىش كېرەك بولماي قالسا، ئۇ ۋاقىتتا نەپلە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ھەرگىز زايە قىلىۋەتمەيدۇ. ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.